نويابىر 21, 2025
ياپونىيە باش مىنىستىرى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئۇيغۇر پوچتىسى، 31-ئۆكتەبىر تەييارلىغۇچى: ئالىپ ئۇيغۇر

سانائې تاكائىچى خىتاي رەھبىرىگە ئۇيغۇرلارغا قارشى  ئ‍نسان ھەقلىرى  دەپسەندىچىلىكى ۋە جەنۇبىي چىن دېڭىزىدىكى ھەرىكەتلەر ھەققىدە قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاپېك (APEC) باشلىقلار يىغىنىدا ياپونىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى سانائې تاكائىچى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. ياپونىيەنىڭ تۇنجى ئايال باش مىنىستىرى بولغان تاكائىچى بۇ تۇنجى قېتىملىق سۆھبەتتە خىتاينىڭ رايوندىكى ھەرىكەتلىرى ۋە ئىچكى سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

سانائې مۇخبىرلارغا قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭغا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ھەرىكەتلەر، خوڭكوڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ئېغىر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق.»

سانائې خانىم مەزكۇر يىغىندا شى جىنپىڭغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بىردىنبىر دۆلەت رەھبىرى ھېسابلىنىدۇ.

شى جىنپىڭ سانائې خانىمغا جاۋابەن: «ئىككى تەرەپ بىۋاسىتە ۋە سەمىمىي سۆھبەتتە بولۇشى ناھايىتى مۇھىم، مەن سانائې خانىمنىڭ خىتاينى توغرا ھالدا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تاكائىچى خانىم ئىككى تەرەپنىڭ تىنچ، دوستانە ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى مۇناسىۋىتىنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

تاكائىچى يەنە خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ياپون پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

سانائې خانىم ئوڭ قانات سىياسى پارتىيە  بولۇپ، تاشقى مۇناسىۋەتتە ختايغا قاتتىق قول بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈپ، سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان ۋە ئامېرىكا-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان. ترامپ ئۇنى قالتىس ۋە كۈچلۈك رەھبەر دەپ ماختىغان.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading