دېكابىر 8, 2025
يالتا يېغىنى

ئاسىيە ئۇيغۇر

20 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۇيغۇر خەلقى ئىككى قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغانىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۇرۇنۇش 1944-يىلدىن 1949-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىدى. لېكىن مەزكۈر جۇمھۇرىيەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىكىدىكى«يالتا يىغىنى» ۋە 1971-يىلى ب د ت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «2758-نومۇرلۇق قارارى (بىر خىتاينى ئېتىراپ قىلىش قارارى)» سەۋەبلىك پۈتۈنلەي يوق قىلىندى. ھالبۇكى، يۇقۇرىقى بۇ كېلىشىملەر ۋە قارارلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپادىسىدىن مۇستەسنا ۋە ئۇيغۇرلار بولمىغان سورۇنلاردا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتسىز قېلىشىغىلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى قىسمەتلىرى، ھەتتا دۇنيا جامائىتىنىڭ مىللەتلەرنىڭ «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى»غا بولغان چۈشەنچىلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. 

 

 «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىدە، بولۇپمۇ 1-ماددىنىڭ 2-تارمىقىدا خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. گەرچە خەلقئارا قانۇندا ھەرقانداق بىر مىللەتكە  ئۆزىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق ھوقۇقتىن ھەممە مىللەت ئورتاق پايدىلىنالىغىنى يوق. يەنى، ئافرىقا ۋە ئاسىيادا بۇ ھوقۇق نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ باشقىلارنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى قۇرۇشىدا قانۇنىي ئاساس قىلىندى. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار بۇنداق بىر ھوقۇقتىن ئىزچىل مەھرۇم قالدۇرۇلدى. بولۇپمۇ «سوغۇق ئۇرۇش»نىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي مەنپەئەتلىرى ئالدىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى بىر مىللەت بولۇشتەك رېئاللىقى خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن نەزەردىن پۈتۈنلەي ساقىت قىلىندى. 

 

«يالتا يىغىنى»دىن ئىلگىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قوللىغانىدى. ئەينى چاغدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قوللىشى ئۇنىڭ غەرب دۇنياسىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىر كۈچىنى تىكلەش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۇرەتتى. چۈنكى ئۇيغۇرلار رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قوللاش، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، سوۋېت چېگراسىدىكى غەربنىڭ تەسىرىنى توسۇپ قالالايتتى (بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان غەرب دۇنياسى ئاساسلىقى ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكانى كۆرسىتىدۇ). چۈنكى بۇ مەزگىلدە ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا جۇڭخۇا مىنگونى قوللايتتى. يەنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ مەزگىلدە قۇرۇلۇشى ۋە ھاكېمىيەت سىستېمىنىڭ مۇكەممەلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، دۆلەتچىلىك ئېڭى بولغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغانىدى.

 

«يالتا يىغىنى»دىن كېيىن، ھەممە ئىشلار بىردىنلا ئۆزگەردى. چۈنكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭخۇا مىنگونى قايتا قوللاش ئارقىلىق، تاشقىي موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، تاشقىي موڭغۇلىيە خىتايدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولغىنىدا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەرب دۇنياسىغا قارشى تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم ئىستىكامىغا ئايلىناتتى. ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىنى پۈتۈنلەي بەربات قىلاتتى. دېمەك، 1946 – يىلىغا كەلگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنى نەنجىڭدا گومىنداڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبۇرلىدى. مەزكۈر كېلىشىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى جۇڭخۇا مىنگونىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىگە ئايلاندۇردى. بۇ دەۋر كوممۇنىست خىتاي بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2 – قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش دەۋرى ئىدى. بۇ قېتىملىق ئۇرۇش 1949 – يىلى كۈزدە، كوممۇنىست خىتاينىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. جياڭ جېشى بولسا ئ‍ىككى مىليۇن گومىنداڭ ئەسكىرىنى ئېلىپ تەيۋەنگە چېكىندى ۋە تەيۋەندە جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنى قۇردى. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ئۆزى بېكىتىشكە تامامەن ھەقلىق ئىدى. لېكىن بەزىدە ھەقلىق بولۇش يېتەرلىك ئەمەس بولۇپ، بەزى ئارزۇلارنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇشقا توغرا كېلەتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلارغا بولغان قوللىشىنى پۈتۈنلەي توختىتىپ، ئۇيغۇرلارنى كوممۇنىست خىتاي ھاكېمىيىتى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە مەجبۇر قىلدى. ئېنىقراق ئېيتقاندا، خۇددىي 1945 – يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى (11بېتىمنى ئىمزالاش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت)گە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋاستىچى بولغاندەك، بۇ قېتىممۇ خىتاي كومپارتىيەسى تەرەپ ۋەكىلىنىڭ غۇلجىغا كېلىپ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي تەرەپ بىلەن  ئاتالمىش «تىنچلىق سۆھبىتى (شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى كوممۇنىست خىتاي ئىگىدارچىلىقىغا تاپشۇرۇش)» ئۆتكۈزىشىگە ئوخشاشلا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئۆزى ۋاستىچى بولدى (نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخىي» 11- توم 141-بەت). ھەيران قالارلىقى، 1949 – يىلى بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر سىرلىق ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلدى. بۇ رەھبەرلەرنىڭ قازاسى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ يەنە بىر قېتىم پاجىئەلىك ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى (نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخىي» 11- توم181- ۋە 182بەتلىرىگە قارالسۇن). 

 

1949-يىلدىن 1971-يىلغىچە، خىتاي كوممۇنىست ھاكېمىيىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ھەربىي قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇش، مەمۇرىي رايونلارنى قۇرۇش ۋە بىر قاتار سىياسىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملىدى. شۇ مەزگىلدە، چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار ئۆز مەسىلىسنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشى، ھېچبولمىغاندا دىققەت تارتىشى ئۈچۈن كۈچىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ چاقىرىقى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئىدىئولوگىيىلىك زىددىيەتلىرى سەۋەبلىك چوڭ تەسىر قوزغىيالمىدى. چۈنكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىىتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، غەرب دۇنياسى بىلەن چەك – چېگراسىنى تولۇق ئايرىپ، ئۆزىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوينىغا ئاتقانىدى. بۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىست ئىدىئولوگىيىسىگە ئەگەشكەن دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىغا ئەگەشكەن  دۆلەتلەر ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ، دۇنيا سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىگە قەدەم قويغانىدى. 

 

1971-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا 2758-نومۇرلۇق قارارنىڭ چىقىشى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاتالمىش «جۇڭگو(يەنى CHINA)»نىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، جۇڭخۇا مىنگو(تەيۋەن) ب د ت دىن قوغلاپ چىقىرىلدى. مەزكۈر قارارنىڭ ئېلىنىشى خەلقئارادا «CHINA»نىڭ دىپلوماتىك ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش دەپ تەرىپلەنسىمۇ، لېكىن «CHINA» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئېنىقلىمىسىغا قايسى زىمىنلار ياكى مىللەتلەرنىڭ كىرىدىغانلىقى مەسىلىسىنى نەزەردىن پۈتۈنلەي ساقىت قىلغانىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە تەيۋەنلىكلەر پەرقلىق بىر سىياسىي گەۋدە ياكى ئوبيېكتىپ دەپ قارالمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۈر قارار ئاتالمىش «CHINA»نى بىرلىككە كەلگەن، بۆلۈنمەس بىر گەۋدە قىلىپ بەلگىلىدى. دېمەك، مەزكۈر قارار خىتاينىڭ زېمىن تەلىپىنى پۈتۈنلەي ئېتىراپ قىلىش بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلىغانىدى. 

 

ئەسلىدە بۇنداق بىر ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۈچۈن پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىدى. چۈنكى 1971 – يىلىدىن ئاۋۋال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قايسى ھۆكۈمەت ياكى دۆلەتنىڭ «CHINA» دەپ ئاتالغان تۇپراقلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر قارار چىقارمىغانىدى. گەرچە بۇ بىر كىچىككىنە ئېنىقسىزلىق بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئېنىقسىزلىق دەل ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشتا بىر بوشلۇق ياكى پۇرسەت قالدۇرغانىدى. ئەپسۇسكى، 2758 – نومۇرلۇق قارار بۇ بوشلۇقنى پۈتۈنلەي غايىپ قىلدى. 

 

ئەمەلىيەتتە، بۇنداق بىر بوشلۇقنىڭ پەيدا بولۇشى «CHINA» دېگەن سۆز بىلەن زىچ باغلانغانىدى. يەنى، «CHINA» دېگەن سۆز بىپايان تۇپراق ۋە كۆپ مەدەنىيەتلىك بىر رايوننىڭ جۇغراپىيىلىك نامى بولۇپ، بۇ خۇددىي ياۋروپا، ئافرىقا دېگەندەك قىتئەلەر ئۇقۇمىدىن پەرقلەنمەيتتى. يەنى، «CHINA» سۆزى تارىختا ئەزەلدىن بىر دۆلەتنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان بولماستىن، بەلكى بىر جۇغراپىيىلىك نام سۈپىتىدە قوللىنىپ كېلىنگەنىدى (تۈركىي تىللار دىۋانى). ھەتتا جۇڭخۇا مىنگونىڭ خەلقئارادا «CHINA» نامىنى قوللىنىشىمۇ، يەنىلا بۇ نامنىڭ بىر جۇغراپىيىلىك نام بولغانلىقىدەك ھەقىقەتنى تولۇق ئۆزگەرتەلمىگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق كىملىكى ​​قىلىپ بېكىتىش ئارقىلىق، مۇرەككەپ تارىخىي رېئاللىقنى بىر پۈتۈن سىياسىي پاكىتقا ئايلاندۇردى.  «CHINA» ئاتالغۇسىنىڭ بۇ  خىلدىكى سىياسىي مەنىسى ۋە قانۇنىي ئېنىقلىمىسى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەنى بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلارنى دۆلەتچىلىك تارىخىغا ئىگە بىر مىللەتتىن، «CHINA» نامىغا ئىگە بولىۋېلىپ، مۇتلەق زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تەلەپ قىلىۋاتقان خىتايدىن ئىبارەت چوڭ بىر گەۋدە ئىچىدىكى «ئاز سانلىق مىللەت گۇرۇپپىسى»غا ئايلاندۇرۇپ قويدى. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئۇرۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى خەلقئارانىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە سۈكۈتى بىلەن غايىپ قىلىندى.

 

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا، خىتاي ئاتالمىش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى تەكشۈرۈش، مەدەنىيەت جەھەتتە ئېتىراپ قىلىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتى ئارقىلىق، كۆپ مىللەت بىرلىككە كېلىپ، ئىناق ياشايدىغان بىر دۆلەت ئوبرازىنى نامايەن قىلىشقا ئۇرۇندى. لېكىن بۇ ئۇرۇنۇشلار ھەر ۋاقىت زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداش شەرتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن ماركىسىزم – لېنىنىزىم ئىدىيىسى ۋە خىتاي مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى بىر گەۋدىلىشىپ، ب د ت  ياراتقان ۋە خىتاي  دۆلەتچىلىك ئىدىيىسى بىلەن قوراللانغان بىر رامكا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ رامكا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئاسسمىلاتسىيە قىلىشنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلغانىدى. چۈنكى ب د ت خىتاينى «CHINA»نىڭ قانۇنلۇق ئىگىسى دەپ ئېتىراپ قىلىش بىلەن، خىتاينىڭ ئىچكىي سىياسىتىنى نەزىرىيىۋىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. دەرۋەقە، بۇ يەردە خىتاي بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمكارلىشىپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ كۆزىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىنى سىستېمىلىق ھالدا ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا بولىدىغان بىر قۇرۇلمىنى  بەرپا قىلدى. 

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ياكى دۆلەت قۇرۇش سالاھىيىتىنىڭ يوقىتىلىشى پەقەت خىتايدىكى ئىچكىي باستۇرۇشىنىڭلا ئەمەس بەلكى دۇنياۋىي تاللاشنىڭ ئورتاق نەتىجىسىدۇر. بۇنداق ئاقىۋەتنى كۈچلۈك دۆلەتلەرتاللىغان ۋە خەلقئارا قانۇنغا كىرگۈزۈپ قانۇنلاشتۇرغان. يەنى بۇ يەردە شۇ نەرسە ئېنىقكى، «يالتا يىغىنى» سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پراگماتىزىمنى پرىنسىپنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئۇيغۇرلارنى جۇڭخۇا مىنگونىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ب د ت نىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارى ھېچكىمنىڭ خىتاينىڭ زېمىن ھەققىگە قايتا سوئال قويماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. دېمەك ئۇلار بىرلىكتە بىر مىللەتنىڭ زېمىنىنىڭ دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈلۈپ كېتىشىگە يول ئاچىدىغان قانۇنىي ۋە دىپلوماتىك شارائىتلارنى ھازىرلىدى. 

 

بۇ تارىخ تاكى بۈگۈنگىچە ئۆز تەسىرىنى يوقاتمىغان بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە داۋاملىق ھالدا خەلقئارا جەمىئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. يەنى، خەلقئارا جەمىئ‍ىيەت ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىنى قوبۇل قىلغاندا، سۈكۈت قىلىشنىمۇ تەرتىپنى ساقلاشنىڭ بەدىلى دەپ قوبۇل قىلغان بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئۇيغۇرلارنى يادىغا ئېلىش ۋە تارىخنى ئەسلەش بىلەنلا چەكلەنمەسلىكى كېرەك؛ تېخىمۇ مۇھىمى، دۇنيا جامائىتى ئۆزىگە شۇنداق سوئال قويۇشى لازىم: بىز قۇرۇپ چىققان بۇ خەلقئارا جامائەت سورۇنىدا، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش خەلقلەرگە ئورۇن قالدۇرالىدۇقمۇ- يوق؟ 

ئوبزوردىكى كۆزقاراش ۋە نۇقتىئىينەزەرلەر «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىشى ناتايىن.

ئاسىيە ئۇيغۇر (Asiye Uyghur) «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ سىياسىي تېمىلار ئوبزورچىسى ۋە ئانالىزچىسى، شۇنداقلا يازغۇچى ۋە مۇساپىرلارنى قوللاش خىزمەتچىسىدۇر.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading