ئىلاۋە:
ئۇيغۇر ئالىم ياقۇپ نىيازى ئاۋسترالىيەدىكى غەربىي ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (The University of Western Australia) قارمىقىدىكى Minderoo-UWA چوڭقۇر دېڭىز تەتقىقات مەركىزىدە دېڭىز-ئوكيان گېئولوگىيەسى ئالىمى (Marine Geoscientist) ۋە سۇ ئۆلچەش مۇتەخەسسىسى (Hydrographic Surveyor) بولۇپ ئىشلەيدۇ.
ياقۇپ نىيازى 2025-يىلى ھازىرغىچە تەكشۈرۈلۈپ باقمىغان 5,000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز قاتلىمىغا تەتقىقاتچىلار بىلەن شۇڭغۇپ، ئۆز تەتقىقات ساھەسىدە يېڭى نەتىجە ياراتتى. شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساھەدە ئەڭ چوڭقۇر ئىزدەنگەن دېڭىز گېئولوگىيەسى ئالىمى بولۇپ قالدى. بىز ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەيمىز. يېقىندا ئۇنىڭ سۆھبەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىنگلىزچە ماقالىسى ئالىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن تەرجىمە قىلىنىپ ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ئايرىم تەييارلىنىپ، ئۇيغۇر پوچتىسىدا ئېلان قىلىندى.

ھازىرغىچە دۇنيادا پەقەت نەچچە يۈزلا ئادەم ئوچۇق دېڭىز-ئوكياننىڭ چوڭقۇر ئاستىغا چۈشۈپ باققان ئىدى. كاپىتان رۇبېن كېنت (Reuben Kent) بىلەن مەن بۇ ئالاھىدە رايوننى زىيارەت قىلغان تۇنجى كىشىلەر بولىمىز. بىز سۇغا چۈشۈۋاتقان بۇ رايون ئۆزگىچە. ئۇ يەر يۈزى تاختايلىرى (tectonic plates) ئايرىلىپ، يېڭى دېڭىز تېگى شەكىللىنىۋاتقان جاي. مېنىڭ ئەترىتىم دېڭىز تېگىنىڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئاستىغا شۇڭغۇپ كىرىدىغان جايلارنى ئىزدىگەن، ئەمما بۇنىڭغا ئوخشاش جاينى ئەزەلدىن تەكشۈرۈپ باقمىغان. ئۇ يەردە قانداق جانلىقلار ۋە گېئولوگىيەلىك شەكىللەرنىڭ بارلىقىنى تولۇق بىلمەيمىز، شۇڭا ئۆزىمىز بېرىپ كۆرۈشىمىز كېرەك.
بىز ئاستىغا قاراپ ماڭدۇق. ئىچى تار ھەم قاراڭغۇ، ھەمدە باكۇناۋانىڭ پەقەت ئۈچلا كۆزنىكى (viewport) بار. ئەمما بىز ماڭىدىغان دېڭىز ئاستىدىكى بەش كىلومېتىرلىق بۇ سەپەرگە نىسبەتەن يورۇقلۇقنىڭ ئەھمىيىتى يوق. پەقەت ئالدىنقى 20 مىنۇتلا كۈن نۇرى يېتىدىغان دائىرىدە بولىدۇ. سىز ماڭا ئوخشاش دېڭىز-ئوكيان ئالىملىرىنىڭ دېڭىز-ئوكيان بىلەن چوڭقۇر باغلىنىشى بار دەپ پەرەز قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما مەن 27 ياشقا كىرگۈچە دېڭىزنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم.
بىز ئوتتۇرا ئاتلانتىك ئېگىزلىكىنىڭ (Mid-Atlantic Ridge) ئاستى، ستراخوف سۇنۇق رايونى (Strakhov Fracture Zone) دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايغا قاراپ ماڭدۇق. ئوكياننىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى 3,000 مېتىردىن چوڭقۇر، ئەمما بۇ چوڭقۇرلۇقلار تېخى تەكشۈرۈلمىگەن. بۇ رايون ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا روسىيە تەتقىقات پاراخوتى ”ئاكادېمىك نىكولاي ستراخوف“ (Akademik Nikolay Strakhov) تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنغان.

دېڭىز تېگى چوڭقۇر دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ نەدە ياشايدىغانلىقىغا ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. بۇ يوشۇرۇن مەنزىرىلەر بىز ئەمدىلا چۈشىنىشكە باشلىغان چوڭقۇر دېڭىز مۇھىتىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا ئاۋسترالىيە غەربىي ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى Minderoo-UWA چوڭقۇر دېڭىز تەتقىقات مەركىزىدىكى ئەترىتىمىز بۇ رايوننى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ئېكىسپېدىتسىيە ئېلىپ باردى.

بۇ شۇڭغۇش ئىككى ھەپتىلىك پىلانلانغان رايوننىڭ گېئولوگىيەلىك كۆپ خىللىقى (geodiversity)، بىئولوگىيەلىك كۆپ خىللىقى (biodiversity) ۋە ئوكيانشۇناسلىقىنى (oceanography) تەكشۈرۈشىمىزنىڭ پەقەت بىر قىسمى. دېڭىزنىڭ ئاستىغا شۇڭغۇش ئالىملارغا ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە گېئولوگىيەنى تەبىئىي ھالىتىدە بىۋاسىتە كۆزىتىشكە يول قويۇپ، يىراقتىن تەكشۈرۈش قوراللىرى يالغۇز تەمىنلىيەلمەيدىغان بايقاشلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئوكيان رەھىمسىز. مەن تۇنجى قېتىم سۇ ئۈزگىنىمدە ئۇنىڭ تەبىئىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا تەييار ئەمەس ئىدىم. لېكىن ئوتتۇرا دېڭىز (Mediterranean Sea) دولقۇنلىرىنىڭ ئېغىرلىقى مېنى ھالىمدىن كەتكۈچە سىلكىگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئوكياننىڭ مەن ئادەتلەنگەن ئىچكى سۇلار (قۇرۇقلۇق سۇلىرى)غا ئازراقمۇ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
ئەينى ۋاقىتتا مەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەيفا (Haifa) شەھىرىدە دېڭىز-ئوكيان ئىلمى بويىچە بىلىم ئالغانىدىم. بۇ كەسىپتە ئوقۇشقا باشلىشىم مەن ئۈچۈن خېلى زور بىر ئىلگىرىلەش ئىدى. مەن ئىلگىرى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سانائىتىدە ئىشلىگەن، لېكىن مېنىڭ قىزىقىشىم قانمىغان ئىدى. مەن دېڭىز-ئوكيان، شۇنداقلا ئۆزۈم توغرۇلۇقمۇ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشنى ئۈمىد قىلىپ، نېفىت ئېتېزىلىرىنى تاشلاپ دېڭىزغا چىقىپ كەلدىم.

بىز دېڭىزغا چۈشۈشكە باشلىغىلى ئىككى سائەت بولدى، يەر يۈزىدىن 4,000 مېتىردىن ئارتۇق چوڭقۇرلۇقتىمىز. سىرت پۈتۈنلەي قاراڭغۇ. بىردىنبىر ئاۋاز باكۇناۋا پاراخوتىنىڭ ھاياتلىقنى ساقلاش سىستېمىسىنىڭ چىقارغان جاراڭلىق ئاۋازى. بىز دېڭىز تېگىگە يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى ئاخىرقى مېتىرلارغا يېقىنلاشقاندا، كىچىك سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ چىراقلىرىنى ياندۇردۇق.
ھەيران قالغىنىمىز، نەچچە يۈزلىگەن دېڭىز تەرخەمەكلىرى (sea cucumbers) ۋە دېڭىز ئىسپېنگىيىلىرى (sponges) بۇ يەردە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بەزىلىرى ئوچۇق رەڭلىك بولسا، بەزىلىرى قۇمغا سىڭىپ كەتكەن. بىز ئۈچۈن بۇنداق قىيىن شارائىت ئۇلار ئۈچۈن نورمال تۇرمۇش.
بۇ جانلىقلارنىڭ بەزىلىرىنى ئالىملار ناھايىتى ئاز كۆزىتىپ باققان، بىز تاپقان گېئولوگىيەلىك شەكىللەر ھەيران قالارلىق ئىدى. ئالدىمىزدىكى يۇمشاق چۆكۈندى تۈزلەڭلىكلەر بۇ رايوندا دائىم يەر تەۋرەش ۋە يەر سىيرىلىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بىز نەچچە ئونلىغان ئويمانلارنى (sinkholes) كۆرىمىز. ئۇلار يەر ئاستىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ غايەت زور بېسىم ئاستىدا دېڭىز تېگىدىن سىرتقا چىقىپ كېتىشىدىن پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بىز بۇنى ئېنىق بىلمەيمىز.
دېڭىز تېگىدە تۆت سائەت تېزلا ئۆتۈپ كەتتى؛ بىز بۇ ئۆزگىچە مەنزىرە ۋە ئۇ قوللايدىغان ھاياتلىقنى كۆزەتتۇق. يەتتە سائەتتىن كېيىن ئاخىرى باكۇناۋا (Bakunawa) سۇ ئاستى پاراخوتىدىن چىققاندا، مېنى خىزمەتد اشلار ئورىۋالدى، ئۇلار توختىماي سۈرەتكە تارتىپ ماڭا قارايتتى. مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن تارىخ ياراتقاندەك ھېس قىلدىم. بىز ئۈچۈن ئوكيان ئىلگىرى پەقەت تەسەۋۋۇرىمىزدىلا مەۋجۇت ئىدى، ئەمما ھازىر ئەھۋال ئۆزگەردى. مەن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يەڭدىم. بۇ پەقەت ئوكياندىن يىراقتا چوڭ بولۇشلا ئەمەس، بەلكى چەتئەلدە ساياھەت قىلىش ۋە ئوقۇشتىكى قىيىنچىلىقلارمۇ بار ئىدى. مەن بۇ نەتىجىگە ئىرادەم ۋە باشلىقلىرىم ھەمدە خىزمەتد اشلىرىمنىڭ قەتئىي قوللىشى ئارقىلىق ئېرىشتىم. تۈزلا دېسەم، مەن بۇنى كەسپىي ھاياتىمدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا دەپ قارايمەن (ئەمەلىيەتتە مەن دېڭىز يۈزىدىن بەش كىلومېتىر تۆۋەندە ئىدىم)، لېكىن مەن بۇنىڭ پەقەت باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.
ياقۇپجان نىيازى ھەققىدە:
ئۇ ئاكادېمىك ھاياتىنى باشلاشتىن بۇرۇن، گېئولوگىيە ئىنژېنېرلىقى بويىچە باكلاۋرلىق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن ئۈچ يىل نېفىت ئېتېزى ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلىگەن. كاتتا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى كىچىك بىر بوستان شەھىرىدە چوڭ بولغان بىر بالا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ دېڭىز-ئوكياننى كۆرۈش ۋە تەتقىق قىلىشقا بولغان قىزغىنلىقى ئۇنى دېڭىز-ئوكيان ئىلمىنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرغان. ئۇ ئىسرائىلىيەدىكى ھەيفا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن (University of Haifa) دېڭىز-ئوكيان گېئولوگىيەسى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى، ئاۋسترالىيەدىكى دېكىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن (Deakin University) دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان.
ئۇ يەنە كۆپ نۇر تىۋىش دولقۇنى ئارقىلىق دېڭىز چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچەش ئەسۋابى (multibeam echosounder) بىلەن ئېلىنغان سۇ ئاستى چوڭقۇرلۇق (bathymetric) ۋە تىۋىش ئارقىلىق ئەكس ئەتكەن ئۇچۇرلار (acoustic backscatter data)نى نەق مەيدان سىن كۆزۈتۈش (in situ video observations) ئۇچۇرلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، چوڭقۇر دېڭىز ماكانى ۋە ئۇنىڭ دېڭىز تېگى جانلىقلار توپىنىڭ (benthic communities) شەكىللىنىشىدىكى رولىنى تەتقىق قىلىدۇ. 2018-يىلى، ئۇ ئامېرىكا نېفىت گېئولوگلىرى جەمئىيىتىنىڭ (American Association of Petroleum Geologists) ”ئەڭ ياخشى خەلقئارالىق ئوقۇغۇچى ماقالىسى ئۈچۈن كارلوس ۋالتېر م. كامپوس خاتىرە مۇكاپاتى“ (Carlos Walter M. Campos Memorial Award for Best International Student Paper) نى قولغا كەلتۈرگەن. 2020-يىلى، دېكىن دېڭىز-ئوكيان خەرىتىلەش گۇرۇپپىسىنىڭ (Deakin Marine Mapping Group) ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋىكتورىيە دېڭىز قىرغىقىنىڭ ساغلاملىقىنى نازارەت قىلىدىغان تۇنجى دۇنياۋى تۈر ئۈچۈن نوپۇزلۇق ئاۋسترالىيە مۇزېيى ئېۋرېكا مۇكاپاتى (Australian Museum Eureka Prize) غا ئېرىشكەن. ئۇ ئومۇمىي گېئومورفولوگىيە (geomorphology) توغرىسىدا نەشر قىلىدىغان ئالماس ئوچۇق زىيارەتلىك ژۇرنال، «گېئومورفىكا» (Geomorphica) نىڭ تەھرىر ھەيئىتىدە. ئۇ يەنە دۇنيا مىقياسىدا ئېتىراپ قىلىنغان گېئولوگىيە ئىلىمى كەسپىي جەمئىيەتلىرى، جۈملىدىن ئاۋسترالىيە گېئولوگىيە جەمئىيىتى (Geological Society of Australia) ۋە ئامېرىكا نېفىت گېئولوگلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
