ختاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەرزى بىلەن دوكتور دىلنۇر رەيھان فرانسىيەدە 13-ئۆكتەبىر سوتقا چېقىدۇ

نەشر قىلىنغان ۋاقتى: 2025-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئەتتىگەن سائەت 9:40 (شەرقىي ئامېرىكا يازلىق ۋاقتى)

ئەسلى مەنبەسى: كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى. قسقارتىپ يېزىلدى.

مۇھىم نۇقتىلار:

  • فرانسىيەلىك-ئۇيغۇر دوكتور دىلنۇر رەيھان 13-ئۆكتەبىر پارىژ ئەتراپىدا سوتقا قاتنىشىدۇ.
  • ختاي ئەلچىخانىسى خىزمەتچىلىرى 2022-يىلدىكى نامايىشتىن كېيىن ئەرز سۇنغان.
  • كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى فرانسىيە دائىرىلىرىنى بۇ ئەرزنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى، دوكتور دىلنۇر رەيھان 13-ئۆكتەبىر كۈنى پارىژدىكى سوتتا «باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇزۇش» جىنايىتى بىلەن سوتقا تارتىلىدۇ. بۇ ئەرز 2022-يىلىدىكى بىر نامايىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دىلنۇر رەيھان شۇ ۋاقىتتا ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەپ، ختاي ئەلچىخانىسىنىڭ لوزۇنكىسىغا قىزىل بوياق چېچىۋەتكەن.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۈچ خىزمەتچىسى مال-مۈلۈككە 25 ياۋرو زىيان سالدى دەپ ئەرز سۇنغان. سوت 2023-يىلى بۇ دېلونى دەسلەپتە رەت قىلغان بولسىمۇ، 2024-يىلى مايدا ختاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ فرانسىيە زىيارىتىدىن كېيىن قايتا ئېچىلغان.

دىلنۇر رەيھان مارت ئېيىدىكى بىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا: «خىتاي ئەلچىخانىسى ئۈچۈن بۇ دېلونىڭ مەقسىتى يېڭىش ياكى يېڭىلىش ئەمەس، بەلكى مېنى سۈكۈت قىلدۇرۇش ئۈچۈن پسىخىك ۋە ئىقتىسادىي چىقىمغا سەۋەب بولۇشتۇر. مەن فرانسىيە سوتى تەرىپىدىن سوتلانماستىن ئەكسىچە، ختاينىڭ مېنى جىمىقتۇرۇش ئۇرۇنۇشىغا قارشى قوغدىلىشىم لازىم» دېگەن.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش » قاتارلىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ئەرزنى ختاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرىنى نىشان قىلىدىغان خەلقئارالىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. كۆزەتكۈچىلەر فرانسىيە دائىرىلىرىنى سۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش ۋە بۇ دېلونى دەرھال بىكار قىلىشقا چاقىرىپ، ختاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تىنچ يول بىلەن تەنقىدلەشنىڭ جازالانماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز