دېكابىر 9, 2025
شى جىن پىڭ بىلەن ترامپنىڭ سۆھبىتى

ئۇيغۇر پوچتىسى، 9-ئاينىڭ 20-كۈنىگە مەنسۇپ تولۇقلىما خەۋىرى

9-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بىلەن تېلېفونلىشىپ، ھازىرقى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

ترامپنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىككى تەرەپ جۇڭگونىڭ ۋىدىئو ئورتاقلىشىش قوللىنىشچان پروگراممىسى تىك توكنى سېتىش-سېتىۋېلىش كېلىشىمىدە بىرلىككە كەلگەن.

جۇڭگو تاراتقۇلىرى مەزكۇر تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى ناھايىتى ئۇزۇن ۋە ترامپقا قارىتا لېكسىيە شەكلىدە خەۋەر بەرگەن بولسا، ترامپنىڭ سۆزلىرىنى ناھايىتى قىسقا بەرگەن ۋە جۇڭگوغا بولغان قايىللىق، ماختاش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پۇقرالىرىغا قارىتا ئىلىپ بارىدىغان دائىملىق تەشۋىقات ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئىلگىرى جۇڭگو سۆھبەتتىن كېيىنكى ئاخبارات باياناتىدا كۆپەيتۈرۈش ياكى بىر تەرەپلىمە ئۇچۇر بېرىش بىلەن ئەيىپلەنگەن.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading