فېۋرال 18, 2026

ئۇيغۇر پوچتىسى

16-فېۋرال

گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى 14-فېۋرال كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان خىتاي چاغان بايرىمى پائالىيىتىدە، تىنچ شەكىلدە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، زورلۇق بىلەن نەق مەيداندىن سۆرەپ ئېلىپ چىقىلغان.بۇ ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن سىياسى پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇش ئ‍ۈچۈن ئىلىپ بارغان، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنە بىر ئاشكارا نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرى ئابدۇرېھىم غېنىنى زورلۇق بىلەن ئىلىپ ماڭماقتا

ئېلان قىلىنغان سىن ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ قولىدا پىلاكات كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغانلىقىنى، خىتاي چىرايدىكى شەخسلەر ۋە ئامانلىق قوغدىغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا زورلۇق بىلەن ئىلىپ ماڭغانلىقىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئابدۇرېھىم غېنى «ئۇيغۇر پوچتىسى»غا مۇنداق دېدى: «مەن پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؛ گوللاندىيە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت؛ خىتاي مېنىڭ 19 نەپەر ئائىلە ئەزائىمى تۇتقۇن قىلدى؛ دادامنى ھاياتىدىن ئايرىدى. خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەڭلار، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات!» دېگەن مەزمۇنلاردا نامايىش چاقىرىقى ئېلىپ بېرىۋاتاتتىم، ئۇلار ماڭا زورلۇق ئىشلەتتى.»

«ئۇيغۇر پوچتىسى» (Uyghur Post) نىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ، مەزكۇر ئورۇندا ئۆتكۈزۈلگەن 24-نۆۋەتلىك يىللىق مەملىكەتلىك خىتاي يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئىكەن. دەنھاگ شەھەرلىك خىتاي مەدەنىيەت مەركىزى ئېلان قىلغان گوللاند تىلىدىكى ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلگەن:

«بۇ پائالىيەت خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گوللاندىيە پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، دەنھاگ (The Hague) شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە گوللاندىيەدىكى بىر قانچە خىتاي جەمئىيەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. نومۇرلارنى جېجياڭ ۋۇ ئوپېرا تەتقىقات مەركىزى (جېجياڭ ۋۇ ئوپېرا ئۆمىكى) كۆرسىتىدۇ.»

بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى دەل مۇشۇ مەيداندا خىتاي ئۇسۇلچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئۇيغۇر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئۇسۇل ئوينىغانلىقى پاش قىلىنغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇرېھىم غېنى قاتارلىق پائالىيەتچىلەر نەق مەيدانغا بېرىپ بۇ قىلمىشنى پاش قىلغان سىن كۆرۈنۈشى ئىنتېرنېتتا كۆپ تارقالغان ئىدى.

بۇ يىلمۇ ئابدۇرېھىم غېنى كانتونلۇقلار ۋە باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش ئەندىشىنىڭ تۈرتكىسىدە نەق مەيدانغا بارغان. ئۇنىڭغا جەسۇر ۋە ئەخمەتجان ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرمۇ ھەمراھ بولغان. بۇ ئىككەيلەن نەق مەيدانغا كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ باقماقچى ۋە زۆرۈر بولسا سۈرەتكە ئالماقچى بولغان. ئابدۇرېھىم غەنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەسۇر نەق مەيداندا قولىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ سەھنىگە چىقىپ نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنى نەق مەيداندىن چىقىرىۋەتكەن ۋە 24 سائەت ئىچىدە شەھەردىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان.

ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەھنە ئەتراپى نامايىشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى زىچ توسۇۋېتىلگەن. ئەمما ئابدۇرېھىمجان چارە-ئامال قىلىپ نەق مەيدانغا يېقىنلاشقان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنى تۇتقانلارنىڭ ئىچىدە بەش نەپىرى خىتاينىڭ ئامانلىق قوغداش خادىملىرى ئىكەن، قالغان ئۈچى گوللاندىيەنىڭ ئۆزىنىڭ يەرلىك قوغداش خادىملىرى ئىدى. ئۇلار مېنىڭ بوينۇمنى قايرىپ، يەرگە قاتتىق باستى. خىتاي خادىملىرى ماڭا خىتايچە قىلىپ: <سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن> دېدى؛ باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئىنگلىزچە ياكى گوللاندچە سۆزلىمەي، خىتايچە سۆزلىدى. زالنىڭ بۇلۇڭ تەرىپىگە بارغاندا، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى سۈرەتكە ئالىدىغان ئادەم چىقماي قالدى. تۆت دانە خىتاي ئالدىمغا چىقىپ، پۇتۇمنى يەردىن كۆتۈرۈپ ئېلىپ قايرىدى. ئارقىدىن ساقچى كەلدى، ئەسلىدە خىتاينىڭ مېنى تۇتۇش ھوقۇقى يوق ئىكەن. ساقچىلار مېنى شەھەردىن ئايرىلىشقا بۇيرۇدى. مەن ئۇلارنىڭ ماڭا زورلۇق قىلغانلىقىنى، پىلاكاتلىرىمنى تارتىۋالغانلىقىنى ئېيتتىم. ساقچىلار كىرىپ پىلاكاتنى تاپالمىدى. مەن يەنە ساقچىلارغا خىتاينىڭ مېنى تىزلاپ ئۇرغانلىقىنى دېدىم، ئۇلار ئەرز قىل دېيىشتى. مەن دېلو مەلۇم قىلدىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ پىلاكاتىمنى تارتىۋالغانلىقى — بۇ بۇلاڭچىلىققا كىرىدىكەن.»

«ئۇلار سىزنى ئۇردىمۇ؟» دەپ سورىغان سوئالىمىزغا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «يەرگە يىقىتتى، كاللامنى يەرگە مىقلاپ تۇرۇپ تىزى بىلەن تىزلىدى، جەينىكى بىلەن بوينۇمنى بەك چىڭ قىسىپ تولغىدى.بەدەنلىرىم ، كۆكرەك قسمىم ھازىرمۇ ئاغرىيدۇ، نورمال ھەرىكەتلىنىشىم ۋە ئىبادەت قىلىشىمغا تەسرى زور بولدى.»

مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى تەرەپ مۇنداق دېگەن: «شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يېنىدىكى ئامارې (Amare) تىياتىرخانىسىدا جۇڭگو سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئۇسسۇل، مۇزىكا ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو مەدەنىيەت بازىرىمۇ تەشكىللىنىدۇ. شۇنداقلا، 2-ئاينىڭ 21-كۈنى شەنبە، دەنھاگ خىتاي مەھەللىسىدە (Chinatown) خىتايچە پوجاڭزا ۋە خىتاي شىر-ئەجدىھا ئۇسسۇلى بىلەن بايراملىق نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇ كۈنى يەنە ئامارېدا كۆپچىلىك ئۈچۈن ئۇسسۇل، مۇزىكا ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن تولغان جۇڭگو مەدەنىيەت بازىرىمۇ داۋاملىشىدۇ.»

ۋەقەدىن كىين ئابدۇرېھىم غېنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا مۇنداق يازدى:

«بۈگۈن دەنھاگ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا خىتايلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە تىنچ شەكىلدە قارشىلىقىمنى بىلدۈرسەم، خىتايلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىدىم. مەن قولۇمدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدىغان پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ تىنچ تۇرغان بولساممۇ، بىر تۈركۈم خىتاي خادىملىرى تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە ھۇجۇمغا ئۇچرىدىم. ئۇلار مېنىڭ ئىككى قولۇمنى كەينىمگە قاتتىق قايرىپ، ئىككى پۇتۇم ۋە قولۇمدىن قاماللاپ مېنى مەجبۇرىي يەرگە باستى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار مېنىڭ شەخسىي مۈلكۈم بولغان پىلاكاتنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالدى ۋە قايتۇرۇپ بەرمىدى. گوللاندىيەدە پىكىر ئەركىنلىكى ۋە جىسمانىي دەخلىسىزلىك ھوقۇقى بار، ئەمما خىتاي خادىملىرى گوللاندىيە تۇپراقلىرىدا بىر پۇقرانى ئۇرۇش ۋە خارلاش جىنايىتىنى ئوچۇق-ئاشكارە سادىر قىلدى. مەن بۇ ۋەقە ئۈستىدىن ساقچىغا ئەرز قىلدىم ۋە بارلىق قانۇنىي ھوقۇقلىرىمنى قوغدايمەن. خىتاي زۇلۇمى پەقەت ۋەتىنىمىزدە ئەمەس، ھەتتا ياۋروپانىڭ مەركىزىدىمۇ بىزنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا!»

بۇ سىن ماتېرىيالى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە تېز تارقىلىپ، يۈزلىگەن كىشىلەر ئىنكاس يازدى ھەمدە ئابدۇرېھىم غېنىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇنىڭ جاسارىتىنى مەدھىيەلىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىك، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر رەيھان مۇنداق دېدى: «ناھايىتى توغرا قىلىپسىز، جاسارىتىڭىزگە ئاپىرىن ئابدۇرېھىم. سىزدەك ئوت يۈرەكلىكلەر ھەر دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ 20 پىرسەنتىدە بولغان بولسا، بىز ئەلۋەتتە يېڭىپ چىقاتتۇق.»

نۇرغۇن كىشىلەر زوراۋانلىق قىلغۇچى خىتايلار ئۈستىدىن قانۇنىي ھەرىكەت قوللىنىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئابدۇرېھىم غەنى مۇنداق دېدى: «بۇ دېلو ھازىر تەكشۈرۈش باسقۇچىدا بولۇپ، شەھەرلىك پارلامېنتتا مۇزاكىرىگە قويۇلىدۇ، گوللاندىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋىرىمۇ چىقىدۇ.»

يەنە بىر تورداش مۇنداق يازغان:«باشقىلارغا قاراپ تۇرماي يالغۇز بولسىڭىزمۇ شۇنچە كۆپ خىتاينىڭ ئارىسىغا كىرىپ، جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، خىتايلارنىڭ چوڭ بىلىدىغان بايرىمىنى پاراكەندە قىلالىغىنىڭىز ئۈچۈن ئاپىرىن… سالامەت بولۇڭ!» دەپ مەدەت بەردى.


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ