يانۋار 9, 2026

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (AP) خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئاڭلاش، ساقلاش ۋە تارقىتىشنى «جىنايەت» دەپ بېكىتىپ، ئاھالىلەرگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  • ۋاقىت: 2025-يىلى 31-دېكابىر
  • مەنبە: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنىتلىقى ۋە ئۇيغۇر ياردەم تەشكىلاتى

ئاچقۇچلۇق نۇقتىلار

  • خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە «مەسىلىسى بار» دەپ قارالغان ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئاڭلىغان، چۈشۈرگەن ياكى تارقاتقانلارنى جازالايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
  • دائىرىلەر ناخشىلارنى يەتتە چوڭ تۈرگە ئايرىغان بولۇپ، دىنىي مەزمۇن، بۆلگۈنچىلىك ۋە تارىخنى بۇرمىلاش دېگەندەك ئەيىبلەشلەرنى قوللانغان.
  • نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار تەشكىلاتى تەمىنلىگەن ئاۋاز خاتىرىسىدە جازالاش سىياسىتىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى.

ئومۇمىي ئەھۋال

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (AP) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلىدىكى ناخشىلارنى ئاڭلىغان، تېلېفونىغا ساقلىغان ياكى باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلىگەن ئاھالىلەرنى تۇتقۇن قىلىش ۋە سوتلاش بىلەن تەھدىت سالغان. خەۋەردە ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئاممىۋىي يىغىندا ساقچى دائىرىلىرى كىشىلەرگە قويۇپ بەرگەن بىر تەشۋىقات ئۈن ھۆججىتى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

بۇ يىغىندا، دائىرىلەر «مەسىلىسى بار» دەپ بېكىتىلگەن ناخشىلارنىڭ شەخسىي ئۈسكۈنىلەردىن تېپىلىشى قاماق جازاسىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى تەكىتلىگەن؛ گەرچە ئېنىق جازا مۇددىتى دېيىلمىگەن بولسىمۇ، ئون كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئېغىر جىنايى جازالار مىسال سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. 80 مىنۇتلۇق مەزكۇر ئاۋاز خاتىرىسىنى نورۋېگىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇريار تەشكىلاتى مەخسۇس AP ئاگېنتلىقىغا تەمىنلىگەن.

ئارقا كۆرۈنۈش ۋە تەپسىلاتلار

خىتاي دائىرىلىرى ئاھالىلەر ئاڭلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى كېرەك بولغان تۆۋەندىكى يەتتە تۈرلۈك ناخشا تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان:

  1. «ئۇيغۇرلارنىڭ تارخىنى بۇرمىلايدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ناخشا-مۇزىكىلار» بولۇپ، بۇنىڭغا «كۆك بۆرە»، «ئ‍ىز» (ئابلىز شاكىر قاتارلىقلار)، «ئۇيغۇرۇم»، «ئالىم بىلدى»، «ۋىجدان سورىقى» (ئابدۇرېھىم ھېيت)، «يۇرتۇم» (ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ، «ئالدىدا» (ئابدۇرېھىم ھېيت)، «ئانا يۇرت مارشى»، «بىردىنبىر تۈركىيە»، «ئۆتەلەمسەن مەن بىلەن»، «يىتەلمىدىم ئاتامغا» (ئابدۇللا ئابدۇرېھىم)، «سېغىندىڭمۇ» (سانىىيە ئىسمايىل)، «ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق» (مۆمىنجان ئابلىكىم)، «چېگرا»، «ئاتا-ئانام قەيەردە»، «ئۈچ پەدە»، «زىيارەت قىلغىلى كەلدىم» (ئابدۇرېھىم ھېيت)، «قەدىردان ئاتام»، «سۆيۈملۈك ئانا»، « شەھەردىكى مۇساپىر»، «بەش پەدە»، «تۇرمۇش دېگەن مۇشۇنداق»، «سۇمبۇل چاچلىق قىز»، «ئاتۇش»، «سەنەمجان»، «كەتتى»، «دوستۇم»، «سەن مەندەك بولالامسەن» قاتارلىق ناخشىلار مىسال قىلىنغان، ئاندىن «بۇ ناخشىلار پارتىيەمىزگە ۋە دۆلىتىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ، بۆلگۈچىلىككە قۇتراتقان» دېيىلگەن.
  2. ۈ«تېررورىزىم، ئەسەبىزمنى تەرغىپ قىلىدىغان ناخشىلار» بولۇپ، بۇنىڭغا «ئاتىلار» (ئابدۇرېھىم ھېيت)، «يانالمايمەن» («يانارىم يوق» ئامىر قىلىچ، خەيرىنسا يېنىلمەس)، «مەست ئەمەس»، «ئالدىدا»(خەيرىنسا يېنىلمەس)، «مەن ئۆلمەيمەن» (كۈرەش كۆسەن)، «چانايمەن» (راھمانجان ئاۋۇت)، «سەرگەردان»، «ئۇچراشقاندا» (ئابدۇرېھىم ھېيت)، «دېھقان»، «مېنى قۇتقۇزۇڭلار»، «سالام ئانىجان» قاتارلىق ناخشىلار مىسال كەلتۈرۈلگەن. ئۈن ھۆججىتىدە «بۇ ناخشىلارغا جىھات ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، زوراۋانلىققا قۇترۇتۇپ، بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىدۇ؛ قىلىچ ئ‍استىدا دۇنيا يارىتىشنى تەرغىپ قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قۇترۇتۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېيىلگەن. 
  3. «دىني ئىدىيەنى تەرغىپ قىلىپ، باشقىلارنى دىنغا ئ‍ېتىقات قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان ناخشىلار» بولۇپ، بۇنىڭدا «مەن ھايات» (مۇھەممەتجان ئابدۇقادىر)، «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» (مۇھەممەتجان ئابدۇقادىر، «جاھان بازارى»، «سۇئال-سوراق»، «كەلگىن دوستۇم»، «رامىزان ناخشىسى»، «ئاللاھ بىلىدۇ»، «پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى»، «نىشانسىز بالا»، «دوستۇم»، «ئىلى بويلىرى»، «دىن ناخشىسى» قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان ھەمدە «يۇقىرىقى ناخشىلار دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىش ئارقىلىق، باشقىلارنى دىنغا ئىشىنشكە مەجبۇرلاپ، دۆلەت دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار قانۇن-سىياسەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ» دېيىلگەن.
  4. «ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا بۆھتان چاپلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە نارازىلىق كەيپىياتى پەيدا قىلىشقا قۇترىتىدىغان ناخشىلار» بولۇپ، بۇنىڭغا «مېنىڭ ئالتىيىم» (قازاقچە)، «پاك ياشا»، «ئۇيغۇر ئوغلى»، «ھەقىقەتكە قايتىش»، «شامال»، «ھاراق ئىچىش»، «شاراپ ئىچكەن ئۇيغۇر قىزى»، «بۈگۈن ئاخشام» قاتارلىق ناخشىلار مىسال قىلىنغان. ئۈن ھۆججىتىدە «يۇقۇرىقى ناخشىلاردا ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىنغان مەزمۇنلار بار بولۇپ، مىللىي كەيپىياتنى قۇترۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا قارا چاپلايدۇ» دېيىلگەن. 
  5. «قويۇق دىنىي ئىدىيەگە ئىگە بولغان، پاسسىپ ئۇچۇر تارقىتىدىغان، دۇنيادىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى تەرغىپ قىلىدىغان ناخشىلار» بولۇپ، بۇنىڭدا «شۈكرى» (مۇھەممەتجان ئابدۇقادىر)، «ئەركەك»، «ئۈچ پەدە»، «بىر جۈپ كۆز»، «ئىنسان دېگەن نېمە»، «مالايسىياغا مەدھىيە»، «ئوينايلى دوستلار»، «ئەللەي»، «خۇدا مېنى ساقلا»، «ياڭراق كۈي»، «ماختانما»، «كۆرگەن گۇۋاھ»، «سېنى دەپ كەلدىم»، «رەيھانگۈل»، «ئاھ لەيلى»، «ھەممىگە قادىر بۈيۈك زات»، «ۋەدەڭدە تۇرالامسەن»، «ئەمدى بىلدىم»، «قىزچاق، ئالدىنىپ قالماڭ»، «پاك مۇھەببەت»، «خەير، گۈلۈم»، «يارىم كەلمىدى»، «گۈلزارلىق»، «يولدىن چىقما، دوستۇم»، «ئاھ، ئادەم»  قاتارلىق ناخشىلار تىلغا ئېلىنغان، ئارقىدىن «بۇ تۈردىكى ناخشىلارنىڭ مىلودىيەسى ناچار، رېئالىققا نىسبەتەن نارازىلىققا تولغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە، مەسىلەن، <ھارام، ھالال> دېگەندەك سۆزلەر بولۇپ، قويۇق ئىسلامىزم تۈسىگە ئىگە» دېيىلگەن.  
  6. «ساختا مەزمۇن ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا داغ تەككۈزىدىغان، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىدىغان ناخشىلار» بولۇپ، «باشلىق كېلىدۇ»، «ئەركەك»، «خەي-خوش»، «قۇم باراخانلىرىدىكى ئالماس»، «باشلىقلار»، «تۇغماس توخۇ»، «بەزىلەر» قاتارلىق ناخشىلار مىسال قىلىنغان ھەمدە «بۇ خىلدىكى ناخشىلار كادىرلارغا قارا چاپلاش ئارقىلىق مىللىي كەيپىياتنى قۇترۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا قارا چاپلاپ، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا داغ تەككۈزۈپ، جەمئىيەتكە ئېغىر پاسسىپ تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ» دېيىلگەن.
  7. «چاكىنا، پەسكەش مەزمۇنلارنى تەرغىپ قىلىدىغان، جەمئىيەتكە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان ناخشىلار» بولۇپ، مىسال سۈپىتىدە «شەھەر بازىرى» دېگەن ناخشا تىلغا ئېلىنغان، شۇنداقلا، «بۇ خىل ناخشىلار پاكىتنى ۋە رىئاللىقنى بۇرمىلايدىغان سۆزلەر ئارقىلىق، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ» دېيىلگەن. 

ئۇيغۇر تايمىز ئىلگىرى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ، شىرئەلى ئەلتېكىن ۋە تۇرسۇن شەيىخ قاتارلىق داڭلىق ئۇيغۇر ناخشىچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ AP غا بىلدۈرۈشىچە، بۇ چەكلىمە تۈرلىرىنىڭ شۇنچە كەڭ بەلگىلەنگەنكى ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق ئۇيغۇرچە ناخشىنىڭ كىشىلەرنى جازالاشقا باھانە بولالايدىكەن. مەسىلەن، خەلق ئىچىدە زور شۆھرەتكە ئىگە «بەش پەدە» ناخشىسىدىكى خۇداغا ئائىت سۆزلەر ۋە داڭلىق سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ «ئاتىلار» ناملىق ناخشىسى دائىرىلەر تەرىپىدىن «مەسىلىسى بار» دەپ كۆرسىتىلگەن.

سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئانالىزى

مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى رىيان تۇم (Rian Thum) نىڭ پىكىرىچە، بۇ خىل بېسىملار شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيانكەشلىكنىڭ ھېچقاچان توختاپ قالمىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. گەرچە چوڭ تىپتىكى لاگىرلار تاقالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما مەدەنىيەتنى كونترول قىلىش سىستېمىسى تېخىمۇ نازۇك ۋە چوڭقۇر قاتلامغا كۆچكەن.

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى سۆئاس (SOAS) نىڭ پروفېسسورى راچېل خاررىس (Rachel Harris) نىڭ ئېيتىشىچە، «بەش پەدە» گە ئوخشاش ناخشىلار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلگەن. ئۇنىڭدىكى دىنىي تىل ئەسەبىيلىكنى ئەمەس، بەلكى رومانتىكىنى ۋە روھىي ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ. لوندوندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت مۇزىكىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى چەكلەشنىڭ جەمئىيەتتە ئېغىر پىسخىكىلىق ۋە مەدەنىيەت كىرىزىسى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خۇلاسە ۋە كەلگۈسى مۆلچەر

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-مۇزىكىسىغا قاراتقان بۇ قېتىملىق يېڭى بېسىم دولقۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزىنى پۈتۈنلەي قومۇرۇپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان. ئاۋاز خاتىرىسىدە بىر مۇزىكا ئىشلىگۈچىنىڭ بۇلۇت سىستېمىسىغا ناخشا يوللىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال بېسىمنىڭ ئەمەلىيەتتە قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading