ئۇيغۇر پوچتىسى،ئالىپ ئۇيغۇر تەرجىمە قىلدى، 21-ئۆكتەبىر
مەنبەسى: ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (خ ك پ) نىڭ بۇ ھەپتىلىك چوڭ سىياسىي يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېقىن ھەربىي ئىتتىپاقداشلىرىدىن توققۇز گېنېرالنىڭ كۈتۈلمىگەن يەردىن تازىلىنىش خەۋىرى جىددىي كەيپىيات پەيدا قىلدى. بۇ ئەھۋال شى جىنپىڭنىڭ ئەمدى كىملەرگە ئىشەنچ قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدا سوئاللارنى قوزغىماقتا.
«خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەزىپىسىدىن ئېلىنغان بۇ توققۇز كىشى «پارتىيە ئىنتىزامىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان، ھەمدە ئادەتتىن تاشقىرى زور سوممىدىكى مەسئۇلىيەتكە ئائىت جىنايەتلەر بىلەن گۇمانلانغان بولۇپ، قىلمىشىنىڭ خاراكتېرى ناھايىتى ئېغىر، تەسىرى ناھايىتى يامان» ئىكەن.
بۇ ۋەقە بۇ ھەپتە پەيشەنبە كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىغا بولغان دىققەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇ يىغىن خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ۋە تېخنىكا ئۇرۇشى كۈچىيىۋاتقان، شۇنداقلا تەيۋەنگە قارىتىلغان ھەربىي تەييارلىقنى كۈچەيتىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى.
بۇ يېڭى ئۆزگىرىش ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدا بىر نەچچە ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تازىلاش دولقۇنىنى يېڭى بىر باسقۇچقا ئېلىپ چىقماقتا؛ تېخى يېقىندىلا ئونلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋەزىپىسىدىن ئېلىنغان. بۇ شى جىنپىڭنىڭ 13 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، شى چىرىكلىككە قارشى كۆرەشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ سەۋەبىنى «چۈنكى چىرىكلىككە قارشى تۇرمىغاندا، ئۇ خ ك پ نىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئىچى ۋە تېشىدىكى كۆزەتكۈچىلەر 2012-يىلدىن بۇيان شى ئۆزى ئۆستۈرگەن كىشىلەر تازىلىنىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئەمدى شى جىنپىڭنىڭ قايسى ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىشماقتا.
ۋاشىنگتون دى.سى. دىكى جامېستوۋن فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئانالىزچىسى ك. ترىستان تاڭ مۇنداق دېدى: «مۇھىم سوئال شۇكى، ئەگەر شى جىنپىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئۆرلىگەن شۇ ئىشەنچلىك كىشىلىرىگە ئەمدى ئىشەنچ قىلالمىسا، ئۇ يەنە كىملەرگە ئىشەنچ قىلالايدۇ؟» تاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان توققۇز گېنېرالنىڭ يەتتىسى شىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى فۇجيەن ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقتىدىن باشلاپ بىللە ئۆرلىگەن ئەڭ كونا ئىشەنچلىك ھەربىي ئەمەلدارلار ئىكەن.
كومپارتىيەنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا خىتاينىڭ كېيىنكى، يەنى 15-بەش يىللىق پىلانى مۇزاكىرە قىلىنىپ، كەلگۈسى بىر قانچە يىل ئۈچۈن مۇھىم پىلانلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئېچىلىۋاتقان ھازىرقى يىغىن شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە دۆلەت رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تالاش-تارتىش قوزغىغان ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتى 2027-يىلى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېتنىڭ كەينىدىن سانىغاندا ئىككىنچى چوڭ يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. كۆزەتكۈچىلەر تېخىمۇ كۆپ سوراشقا باشلىغان يەنە بىر مۇھىم سوئال: شى جىنپىڭ پارتىيە، ئارمىيە ۋە دۆلەت رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۆتىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتىنى ئالامدۇ، شۇ ئارقىلىق نورمال سىياسىي قائىدىلەرنى تېخىمۇ بۇزامدۇ؟
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغان بىر دوكلات خىتاينىڭ سىياسىي كەلگۈسىگە دائىر يىپ ئۇچى تەمىنلىشى مۇمكىن.
ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، جۈمە كۈنىدىكى بۇ تازىلاش مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتە شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانىنى تۆتكە چۈشۈرۈپ قويغان بولۇپ، بۇ ئادەتتىن تاشقىرى ھوقۇقنىڭ مەركەزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىمۇ بۇ كومىتېت بەش ئەزادىن تەشكىل تاپقان ئىدى، شىنىڭ ئىلگىرىكى رەھبەرلىرى خۇ جىنتاۋ ۋە جياڭ زېمىن دەۋرىدە بولسا 11 ئەزا بار بولۇپ، ساننىڭ كۆپ بولۇشى تېخىمۇ كەڭ سىياسىي مەنپەئەتلەرنىڭ گەۋدىلىنىشىنى ئىپادىلەيتتى.
مۇتەخەسسىسلەر ھازىر شىنىڭ بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك ياكى كۈچسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشمەكتە. بەزىلەر ئۇنىڭ ئىقتىسادنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى ۋە ھەددىدىن زىيادە ئۆز بېشىمچى بولۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ رەھبەرلىكىگە قارشى چىقىش كۆپىيىۋاتىدۇ دەپ قارىغان بولسا، بەزىلەر داۋاملىشىۋاتقان بۇ تازىلاش ئۇنىڭ ھوقۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ قارىغان.
قانداقلا بولمىسۇن، ئېنىق بولغان بىر نۇقتا شۇكى: ئەڭ يۇقىرى پەللىدە يالغۇزلۇق تېخىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
