ئۇيغۇر پوچتىسى، 28-دېكابىر
2025-يىلى 24-دېكابىر، ئەنگلىيەدىكى شېففىلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور داۋىد توبىن (David Tobin) نىڭ رەھبەرلىكىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلغان خەلقئارالىق تەنقىدىي خىتاي تەتقىقاتى تورى (INCCS) ئۆزىنىڭ يېڭى تور بېتىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ سۇپا خىتاينىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە دۇنياۋى تەسىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن سىياسەت ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك بولۇشنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان يېڭى بىر ئىلمىي سۇپا ھېسابلىنىدۇ.
خەلقئارالىق تەنقىدىي خىتاي تەتقىقاتى تورىنىڭ بۇ تور بېكىتىدە، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىمى، ئۇيغۇر دىياسپوراسى ۋە خىتاينىڭ دىنىي سىياسەتلىرىگە ئائىت مۇھىم تەتقىقاتلىرى ئورۇن ئالغان. دوكتور داۋىد توبىن X سۇپىسىدا: «سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ۋە تاراتقۇلار خىتاي سىياسىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇستەقىل تەتقىقاتلارغا ئېھتىياجلىق، خەلقئارالىق تەنقىدىي خىتاي تەتقىقاتى تورى دەل مۇشۇ قىيىن سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. داڭلىق تەتقىقاتچى ئادريان زېنز (Adrian Zenz) مۇ بۇ تورنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ سۇپىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنلىرى ئىچىدە داۋىد توبىن ۋە نۇرئالا ئېلىما بىرلىكتە يازغان «چېگرا ھالقىغان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش: ئۇيغۇر دىياسپوراسى» ناملىق تەتقىقات ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان. شۇنداقلا، خۇيزۇ مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسچىتلىرىنى «خىتايلاشتۇرۇش» قا دائىر مۇھىم دوكلاتلارمۇ ئېلان قىلىنغان.
بۇ تورنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ دۇنياۋى تەشۋىقاتىغا ۋە قۇتۇپلاشقان سىياسىي تالاش-تارتىشلارغا ئىلمىي جاۋاب قايتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پەقەت بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىلا سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق سىياسىي بېسىم ۋە بىخەتەرلىك تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە پاكىتلىق ئاساس بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
تەييارلىغۇچى: تايىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
بۇ ماقالىنىڭ ئىنگىلىزچىسنى ئۇيغۇر تايمىزدىن ئوقۇڭ
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
