نويابىر 21, 2025
خەلقئارا ئۇيغۇر ئاياللار دىئالوگى «بېرلىن خىتابنامىسى»نى ماقۇللاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئاياللارنى قوغداشقا چاقىردى

 

ئۇيغۇر پوچتىسى، 16-نويابىر

بۇ ھەپتە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئۇيغۇر ئاياللىرى يېغىنىدا، 80 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە ئاياللار ھوقۇقى ئورگىنى شۇنداقلا 130 دىن ئارتۇق پائالىيەتچى، ئالىم ۋە سىياسەتچى ھەمكارلىشىپ، «ئۇيغۇر ئاياللار ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن «بېرلىن خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلدى. خىتابنامىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرى «دۆلەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىشى تەلەپ قىلىندى.

ئۈچ كۈنلۈك بۇ دىيالوگ جەريانىدا، ئۇيغۇر ئايال رەھبەرلىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ۋە سىياسەتچىلەر خىتاينىڭ تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرىي ئەمگەك، كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە خىتاينىڭ چېگرادىن ھالقىغان باستۇرۇش … قاتارلىق سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا كەلتۈرگەن زىيانكەشلىكلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى كىم (Rep. Kim) سىنلىق تەبرىك سۆزى ئەۋەتىپ، بۇ تەشەببۇسكارلىقنى ئالقىشلىدى ۋە  ئۇيغۇر ئاياللار ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى  داۋاملىق قوللاشقا چاقىردى. 

1. خىتابنامىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى

تەشكىللىگۈچىلەر بېرلىن خىتابنامىسىنى «ئۇيغۇر ئاياللارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق زىيانكەشلىكلەر توغرىسىدىكى ئەڭ ئەتراپلىق ئىجدىمائىي پۇقراۋىي ھۆججەتلەرنىڭ بىرى» دەپ تەسۋىرلىدى.

خىتابنامىدە مۇنداق دەپ بېكىتىلدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللارنى قوغداش يەر شارى خاراكتېرلىك ئورتاق مەسئۇلىيەتتۇر».

 ئۇنىڭدا، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، بوۋاق يوقىتىش ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ «ئۇيغۇر تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلىشىنى» كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ۋە بۇنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

2. شاھىتلار گۇۋاھلىقى ۋە ھالقىغان باستۇرۇش

خىتابنامە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارشى جىنسىي خورلاش، ھاقارەتلەش، زورلۇق مۇئامىلىلىرى ۋە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئايال زىيالىي ۋە ئايال دىنىي يېتەكچىلەرنىڭ  غايىب بولۇشىغا ئائىت گۇۋاھلىقلىرىنى ئالاھىدە كۆرسەتتى. مالايسىيا يەر شارى تىنچلىق ئورگىنىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد خەيرۇل ئەنۋەر ئىسمائىل (Mohd Khairul Anwar Ismail) مۇھاكىمە يىغىنىدا سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلىسىگە ئۆيىدىكى بېسىم ئىشلىتىش، تەھدىتكە ئۇچراش ۋە قېچىپ كەلگۈچى ھەم ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن «قوشلاپ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى» بولۇشى قاتارلىق تەرەپلەرنى يورۇتۇپ بەردى.

3. ئاساسىي پرىنسىپ ۋە ھەرىكەت چاقىرىقى

بېرلىن خىتابنامىسى ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ جىسمانىي مۇستەقىللىقى، ئائىلە بىرلىكى، مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىش، ئەدلىيە، بىخەتەرلىك ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشىش ھوقۇقىنى ئەتراپلىق ئىزاھلىغان. 

 ئۇنىڭدا: «ئۇيغۇر ئاياللىرى بېيجىڭنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ  بىر پارچىسى سۈپىتىدە كونترول قىلىنىش ياكى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك» دەپ ئېيتىلغان.

خىتابنامە دۇنيا ھۆكۈمەتلىرى، ب د ت ۋە جەمئىيەت پۇقرالىرىغا تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە جىددىي تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  • مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەشنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسلىق ئېلېمېنتى دەپ ئېتىراپ قىلىش.
  • ئۇيغۇر ئاياللارغا قارىتىلغان  جىنسىيەتچى سىياسەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ب د ت باشچىلىقىدا بىر قىسىم مېخانىزملارنى قۇرۇش.
  • مەجبۇرىي ئەمگەك چەكلىمىسىنى كۈچەيتىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ سۈزۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
  • سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر ئاياللارغا پاناھلىنىش يولى، ئائىلە بىرلىكى ۋە پىسخىك ياردەم بېرىش.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «خىتابنامە ئۇيغۇر ئاياللارنى قوغداشنىڭ يەر شارىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى بېكىتتى» دەپ بايانات بەردى. ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئىجرائىيە دېرېكتورى رۇشان ئابباس بولسا، ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ بىرلىشىپ كۈچ كۆرسىتىشكە، خەلقئارا جەمئىيەتنى بىرلىشىپ ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىردى.

خۇلاسە ۋە كەلگۈسى ئۈمىد

خىتابنامىدە «ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قوغداش ئۇيغۇر مىللىتى ۋە كىملىكىنىڭ ساقلىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان. ئۇنىڭدا: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قانۇنىي، ئەخلاقىي ۋە تارىخىي مەجبۇرىيىتى بار. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ—شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىتىنىڭ ھايات قېلىشى—بۇنى تەلەپ قىلىدۇ» دېيىلگەن.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ھەرىكىتى يەرشارىۋىي بىر ھەركەت سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيانىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى كىشىلەرنىڭ قىززىقىشىنى قوزغىماقتا. 

مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى رۇشەن ئابباس بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئۇيغۇر ئاياللار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەنلىكىدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى، داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاستىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ داۋاملىق ئېغىر زۇلۇم غا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، «بېرلىن خىتابنامىسى»نىڭ ئىلان قىلىنىشغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقانلىقىدىن شەرەپ ھىس قىلغانلىقىنى ئىېيىتتى ۋە مۇنداق دېدى:

«بېرلىن خىتابنامىسى 20 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى ۋە 80 دىن ئارتۇق تەشكىلات، شۇنداقلا 150 دىن ئارتۇق شەخسنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇ خىتاينى جىنايى قىلمىشلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشتا تارىخىي  بىر چاقىرىق بولۇپ، خىتابنامە ھۆكۈمەت، ئورگان ۋە پۇقرۋى تەشكىلاتلارنى ئادالەتنى، ئەركىنلىكنى، جۈملىدىن  ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى قوغداشقا چاقىرىدۇ. بىز بارلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى ۋە تەشكىلاتلىرىنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ۋە تەشۋىقاتلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە، ھەرگىزمۇ ئۇلارغا كۆلەڭگە چۈشۈرمەسلىككە ھەمدە ئۇلارنىڭ رولىنى، ئاۋازىنى ۋە خىزمىتىنى قوللاشقا ۋە كۈچەيتىشىگە چاقىرىمىز.»

تەييارلىغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading