خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش دەرھال توختىتىشقا چاقىردى
گوللاندىيەدە ئوقۇۋاتقان خۇ ياڭ «جىدەل تېرىش» جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، ئۈچ ئايدىن بۇيان ئادۋوكات بىلەن كۆرۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (Amnesty International) خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى پۇقرالارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. تەشكىلات گوللاندىيەدىكى ئوقۇغۇچى خۇ ياڭنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا جىددىي كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خۇ ياڭ 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتايدىكى ئۆيىگە قايتقان ۋاقتىدا، ساقچىلار تەرىپىدىن «جىدەل تېرىپ، مالىمانچىلىق چىقىرىش» دېگەن قالايمىقان جىنايەت بىلەن تۇتۇلغان.
تۇتۇپ تۇرۇلۇشقا ئۈچ ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئانىسى تەكلىپ قىلغان ئادۋوكاتلار ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىگەن. گەرچە كۆرۈشۈش ئىلتىماسى تور سىستېمىسىدىن تەستىقلانغان بولسىمۇ، ساقلاش ئورنى خادىملىرى ئادۋوكاتلارنىڭ كۆرۈشۈشىنى قايتا-قايتا رەت قىلغان. خۇ ياڭنىڭ ئوقۇشى باشلانغان، ئەمما ئۇ يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپكە قايتالمىغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ خىل قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا ۋە خۇ ياڭنىڭ ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى چوقۇم كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىردى.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
