دېكابىر 8, 2025
qembergul

ئابدۇرەھىم پاراچ

 

قەمبەرگۈل 1961- يىلى پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى سىنىپىغىچە ئوقۇغان. ئۇ 1981- يىلى 27- ماي پەيزاۋاتتا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن قوراللىق قوزغىلاڭ – «جىگدىلىك ۋەقەسى»نىڭ باستۇرۇلۇشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان.

 

1981- يىلى 27- ماي سەھەر سائەت بىر ئەتراپىدا ھەسەن ئىسمائىل باشچىلىقىدا تەشكىللەنگەن تۆت يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ قورال-ياراق ئىسكىلاتىغا تۇيۇقسىز ھوجۇم قىلىپ، ئىسكىلاتتىكى بارلىق قورال-ياراق ۋە ئوق-دورىلارنى قولغا چۈشۈرىدۇ.  ئۇلار ئىسكىلاتنىڭ قورۇسىدىكى بىر ئېغىز ئۆيدە ياش ئايالى قەمبەرگۈل ۋە يېشىغا توشمىغان ئوغلى بىلەن بىللە تۇرىدىغان ئىسكىلات قاراۋۇلى مامۇتنى ئىسكىلات قورۇسىدىكى بىر تۈۋرۈككە چەمبەرچەس باغلىۋېتىدۇ ھەمدە قورۇ دەرۋازىسىنى تاقاپ قويۇپ كېتىپ قالىدۇ.

 

بۇ چاغدا كىچىك بالىسى بىلەن يوتقاندا ياتقان قەمبەرگۈل ئورنىدىن تۇرۇپ، قورۇدىكى ھاجەتخانىنىڭ تۆشىكىدىن قىپيالىڭاچ پېتى قېچىپ چىقىپ، نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيەلىك قۇراللىق بۆلۈمگە كىلىدۇ ۋە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ناھىيىلىك قوراللىق ساقچى ئەترىتىدىكى خىتاي ئەسكەرلەر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئالدىنى توسىدۇ. ئارقىدىنلا، يېڭىشەھەردىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايوندىن بىر تۈركۈم خىتاي ئەسكەرلەرمۇ يىتىپ كىلىدۇ. ئەھۋالنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان قوزغىلاڭچىلار ھەسەن ئىسمائىلنىڭ باشچىلىقىدا ناھىيەنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى جىگدىلىك ئورمانلىققا چېكىنىدۇ. خىتاي ئەسكەرلەر بۇ جىگدىلىكنى قورشاۋغا ئالىدۇ. 

 

سەھەردە ناھىيە ھاكىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ تەكلىپى بىلەن ناھىيەدىكى مەركىزى جامە بولغان ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى يۈسۈپ داموللام خىتاي قوشاۋ ئىچىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇلارغا ۋەز-تەبلىغ قىلىدۇ، ناھىيە ھاكىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ ۋەدىلىرىنى يەتكۈزىدۇ. 

 

نەتىجىدە، ئىنقىلاپچىلار ئارىسىدا تەسلىم بولۇش-بولماسلىق ھەققىدە بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىپ، بىر بۆلۈك كىشىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قۇرال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولىدۇ، باشقىلىرى مەجبۇرى تەسلىم قىلدۇرۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ ئۈن-تىنسىز باستۇرۇلۇپ، ھەسەن ئىسمائىل باشچىلىقىدىكى نەچچە يۈزلىگەن كىشىلەرگە جازا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

1981- يىلى دېكابىردا قەمبەرگۈل ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بىرىنجى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن ئامانلىق ساقلاش نەمۇنىچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭغا يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى»، «8- مارت قىزىل بايراقدارى»، «يېڭى ئۇزۇن سەپەر زەربىدارى» دېگەندەك ناملار، ئالاھىدە تەمىنات ۋە ئىمتىيازلار بېرىلىدۇ. كىيىن ئۇ پەيزاۋات ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچىلىكىگە قوبۇل قىلىنىدۇ. 

qembergul

 

پاراچ: «ئ‍ۇيغۇر پوچتىسى» تەھرىرى، 2023- يىلى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى» بۆلۈمىدە «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىتايچە سېلىشتۇرما شەكىلدىكى يەر-جاي ناملىرى» ناملىق دىسسېرتاتسىيەسى بىلەن ئاسپنرانتلىق ئوقۇشنى ئۇتۇقلۇق تاماملىغان. 2018 ۋە 2019- يىللىرى تۈركىيەدە ئونۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن «ۋەتەنسىز كۈي»، «ھىجران تىنىقلىرى» ناملىق ئىككى پارچە شېئىرلار توپلىمىنەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا «Kumru»، «Güncel Sanat»… قاتارلىق تۈركچە ژۇرناللاردا شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان. 2023- يىلى تۈركىيەدە نەشىر قىلىنىدىغان «Uluslararası Uygur Araştırmaları Dergisi» دە «قەشقەر شىۋىسىدە ر ۋە ي ئۈزۈك تاۋۇشلىرىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىلەن شەكىللىنىدىغان ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلۇق سۆزلەر»ناملىق ماقالىسى ئىلان قىلىنغان.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

1 thought on “خاتىرىلەر: قەمبەرگۈل كىم؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading