ئۇيغۇر پوچتىسى، 10-دېكابىر
ھەبىبۇللا ئىزچى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى (ئامېرىكا)، درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتى، كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات فوندى (تۈركىيە)، جورج ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېرسىتېتى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، ئامېرىكا خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتى، ئامېرىكا مەملىكەتلىك دېموكراتىيە ئىنستىتۇتى، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيە فوندى، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى (گېرمانىيە)، ياۋروپا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى (نورۋېگىيە)، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى (كانادا)، كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى خاتىرلەش فوندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ ھەمكارلىقىدا 2025-يىلى 9-دېكابىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشىلىق» ناملىق بىر قاتار پائالىيەتلەر باشلانغان.

بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيەت ئىچىدە 2021-يىلى لوندوندا ئېچىلغان ئۇيغۇر سوتىنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ھۆكۈم قىلغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن « 9-دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرلەش كۈنى»، «10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» ۋە 12-دېكابىر 1985-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاكىمە يىغىنلىرى، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ۋە نامايىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جەم بولغان ئوندىن ئارتۇق تەشكىلات ۋە ئورگاننىڭ ۋەكىللىرى 9-دېكابىر ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات سارىيىدا «9-دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزگەن. ساھىبخانا تەشكىلات بولغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، تىببىي دورا تەتقىقات ئالىمى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى دوكتور رېشات ئابباس ئەپەندى مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىنى قىلغان. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئائىلىلەرنى ئايرىۋېتىش، دىنىي باستۇرۇش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش قىلمىشلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا پارلامېنتىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جاۋابكارلىق ۋە جازا قانۇنى» ۋە «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى»نى ئىلگىرى سۈرۈشكە، شۇنداقلا، دۇنيا مىقياسىدىكى ھۆكۈمەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى قانۇنلارنى يولغا قويۇشقا ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىدىن قوغداشقا چاقىرىق قىلغان.
مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق-دېموكراتىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇنىڭدىن تۆت يىل بۇرۇنقى لوندوندا ئېچىلغان ئۇيغۇر سوتىنىڭ ھۈكۈم چىقىرىىش جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى سېر جېئوففرېي نايسنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېلىپ بارغىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن ھۆكۈمنى ئېلان قىلغانلىقىنى؛ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوندىن ئارتۇق دۆلەت ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ھازىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، بىر يىلدىن كېيىن، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى ئۆزىنىڭ تارىخىي باھاسىنى ئېلان قىلىپ، بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ «خەلقئارا جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» بولۇشى مۇمكىنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا يەنە قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى رۇشەن ئابباس، قۇرۇلتاينىڭ ئالى مەسلىھەتچىسى ئۆمەر قانات، قۇرۇلتاي ياشلار كومىتېتى مۇدىرى رىزۋانئاي ئىلھام، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مىسران قاتارلىقلار سۆز قىلغان بولۇپ، رۇشەن ئابباس خانىم سۆزىدە لوندوندىكى مۇستەقىل سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان، كۆپ ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ۋە لاگىر شاھىتلىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن خاتىرىلەنگەن قىرغىنچىلىقنىڭ ھەرگىز توختاپ قالمىغانلىقىنى ۋە بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ رەھىمسىزلىكى ئاستىدا يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ قۇل ئىشچى قىلىنغانلىقىنى، ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىپ، بالىلارنىڭ كىملىكىنىڭ يوقىتىلىپ ئاسسمىلاتسىيەگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئاياللار مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىپ، ئەرلەر قۇل سۈپىتىدە لاگېرلارغا ۋە زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي يۆتكەپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ بىر تارىخ ئەمەس، بەلكى ھازىر يۈز بېرىۋاتقان رېئاللىق ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ساختا سىنلار ۋە ئۆزگەرتىلگەن ھېكايىلەر بىلەن قىرغىنچىلىقنى يوققا چىقىرىشقا ئورۇنۇپ، ئىنكار قىلىش، دىققەتنى چېچىش، ئالدامچىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى رەئىسى ۋە قۇرۇلتاي ياشلار كومىتېتى مۇدىرى رىزۋانئاي ئىلھام ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسىنىڭ قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى قارار قىلغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان بۇ كۈندە، بۇنىڭ پەقەت قانۇنىي ھۆكۈم ئەمەس، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتىلغان ئېنىق ئەخلاقىي چاقىرىق ئىكەنلىكىنى ئەسلەىتىپ، بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى ھۈكۈمەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشلا ئەمەس بەلكى ئۇلارنى مەسئۇلىيەتنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلارنى قوغداش، جىنايەتچىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە ھەر خىل شېرىكچىلىكنى توختىتىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتلەر ۋە ئورگانلار ئۆز ئەندىشىلىرىنى ئېغىزاكى ئىپادىلەشتىن ھالقىپ، خەلقىمىزنىڭ رېئاللىقىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتەلەيدىغان كونكرېت ھەرىكەتلەرنى قىلىشى كېرەكلىكىنى چاقىرىق قىلغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇدىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي مەسلىھەتچىسى ئۆمەر قانات لوندوندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتىنىڭ غەلبىلىك تاماملىنىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلات ۋە مەلۇماتلارنى تەييارلىغانلىقىنى، مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتىنىڭ قارارلىرىدا لاگىر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار جېلىلوۋا، زۇمرات داۋات، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، مىھرىگۇل تۇرسۇن ۋە ئۆمەر بەكئالى قاتارلىقلارنىڭ خىتاينىڭ تۈرلۈك بېسىم ۋە تەھدىتلىرىگە قارىماي ئۆزلىرىنىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى كەچۈرمۈشلىرىنى ئاڭلىتىشى ۋە قىرغىنچىلىق ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېمۇكراتىك ئەللەرنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇش ئۈچۈن خىتايغا ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغان.
يىغىن ئاخىرىدا يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى مىسران دولان يېقىنقى سەككىز يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچەۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر ئاۋازىنى غەرب دۆلەتلىرىدە ئاڭلىتىش بىلەنلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭمۇ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
