
ئۇيغۇر پوچتىسى – ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىسى؛
ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئەھۋالى، كۆز-قاراشلىرى ۋە ئاۋازى ئۈچۈن ئەركىن سەھنە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ۋە دىئاسپوراسى ھەققىدىكى مۇھىم خەۋەرلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ۋە خەلقئارا ئىنكاسلار، مەدەنىيەت، سىياسەت ۋە ئىقتىساد ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار ۋە قەرەللىك ئانالىزلار ئىلان قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ غايىسى: ئۇيغۇر پوچتىسى – ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى رېئاللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بىلدۈرۈشنى غايە قىلىدۇ. ئۇيغۇر پوچتىسى – مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر تىلىدا كەسپىيلەشكەن، مۇستەقىل ۋە ئىشەنچلىك ئۇيغۇر تىللىق ئاخبارات بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلدى.
تارقىتىش سۇپىسى:
«ئۇيغۇر پوچتىسى» تور بېكەت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ. ئۇ يېزىق ۋە سۈرەتلىك مەزمۇنلارنى شۇنداقلا پودكاست(Podcasts) ۋە ۋىدېئو (Video) مەزمۇنلارنى ئىشلەيدۇ ۋە تارقىتىدۇ.
مالىيە ۋە تەشكىلىي قۇرۇلما:
مالىيە: پۇل-مۇئامىلە جەھەتتە، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا قۇرغۇچى ۋە قوللىغۇچىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ.
تەشكىلىي قۇرۇلما: «ئۇيغۇر پوچتىسى»مۇستەقىل باشقۇرۇش ۋە تەھرىر ھەيئەتلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، سياسى تەشكىلاتلار بىلەن باغلانمايدۇ. ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلىيەلەيدىغان باشقۇرغۇچىلار ۋە ئاپتورلار قوشۇنىغا تايىنىدۇ.
ئەسەر ئەۋەتىش: بىز جەمئىيەت ئەزالىرى، مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر، مۇخبىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئالاقىدار تېمىلاردا ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن يېزىلغان ماقالە ۋە ئەسەرلەرنى ئەۋەتىشىنى قارشى ئالىمىز.
ئىنگلىزچە: «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دىئاسپوراسىغا ئائىت خەۋەر-ماقالىلىرى «ئۇيغۇر تايمىز»دا تاللىنىپ ئىنگلىزچە ئېلان قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ نىشانى، ۋەزىپىسى ۋە پرىنسىپلىرى:
2025-يىلى، 27-سېنتەبر ۋاشىنگتون
Hi, this is a comment.
To get started with moderating, editing, and deleting comments, please visit the Comments screen in the dashboard.
Commenter avatars come from Gravatar.