
ئۇيغۇر پوچتىسى، 28-دېكابىر
ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، خەلقئارادا تونۇلغان ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچىسى رابىيە قادىر خانىم 28-دېكابىر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتى فېيىرفەكس شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەركىزىدە، دۇنيا موڭغۇللار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى شى خەيمىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى.
كۆرۈشۈشتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇل خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى، بۇ ئىككى خەلقنىڭ خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە مۇھىملىقى ئاساسلىق سۆھبەت تېمىسى بولدى.
رابىيە قادىر سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېر سىستېمىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئايرىۋېتىلىشى، دىنىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، تىل ھوقۇقىنىڭ چەكلىنىشى، شۇنداقلا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ ئەھۋاللارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى»دە كۆرسىتىلگەن ئۆلچەملەر بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئۆتكەن تارىخقا تەۋە ئەمەس، بەلكى نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى كىرىزىسى ۋە زېمىن دەۋاسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر خەلقئار جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

دۇنيا موڭغۇللار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى شى خەيمىڭ سۆزىدە جەنۇبىي موڭغۇلىيەدە موڭغۇل خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان تىل، زېمىن ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تونۇشتۇردى. ئۇ بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ رايونلار ئارا ئورتاق خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
كۆرۈشۈشتە ئىككى تەرەپ ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىككى مىللەتنىڭ ئورتاق مەسىلىلىرىگە دائىر خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە دىپلوماتىك ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئورتاق قاراشقا كەلدى.
بۇ كۆرۈشۈشكە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىممۇ قاتنىشىپ، ياپونىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا دائىر پائالىيەتلەر ۋە نۆۋەتتىكى ياپونىيە–خىتاي مۇناسىۋىتى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
دۇنيا موڭغۇللار قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋەكىلى چىچەكگۈل كۆرۈشىشتە بىللە بولدى.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
