«ئۇيغۇر پوچتىسى» تور بېكىتىنى ئىشلىتىش شەرتلىرى

The Uyghur Post’s Goal, Mission, and Principles

Uyghur Pochtisining Nishani, Wezipisi we Prinsipliri

نىشىانى (Vision)

ئۇيغۇر پوچتىسى – ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇستەقىل ۋە كەسپلەشكەن ئاخبارات ۋاستىسى قۇرۇش،  ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى رېئاللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا  بىلدۈرۈشنى  غايە قىلىدۇ.

ۋەزىپىسى (Mission)

  1. ئوقۇرمەنلەرگە ئىشەنچلىك ئۇچۇر يەتكۈزۈش: ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە توغرا، ئىشەنچلىك ۋە بىتەرەپ خەۋەر، تەھلىل ۋە ئانالىزلارنى يەتكۈزۈش.
  2. دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش: خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ۋەتەن ئىچى ۋە دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى، ئۇيغۇر ھاياتى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىشەنچلىك ۋە دەلىللىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش.
  3. نوپۇزلۇق پىكىرلەرنى ئورتاقلىشىش: ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە باشقا ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋە ئىلمىي قۇرۇلۇشلارنىڭ دوكلات ۋە يەكۈنلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈش.
  4. كۆپ خىل ئاۋازلارغا مۇنازىرە سەھنىسى قۇرۇش: ئۇيغۇر دىياسپوراسى ئىچىدىكى ئوخشىمىغان ئىدىيە، پىكىر، تەجرىبە ۋە تۇيغۇلارغا سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئىپادىلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش.
  5. تارىخىي ماتېرىيال سۇپىسى بەرپا قىلىش: ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخى، ئازابلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن مول تارىخىي ماتېرىيال سۇپىسى قالدۇرۇش.

قىممەت قاراشلىرى (Core Values)

  1. راستچىللىق: راستنى ئىزدەش، ئېنىق يورۇتۇش ۋە راست ئۈستىدە تۇرۇش ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئوبيېكتىپلىق ۋە دەلىل مەركەزلىك ئاخباراتچىلىق ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ ئىشەنچ مەنبەسى.
  2. پىكىر ۋە سۆز ئەركىنلىكى: ئۇيغۇر پوچتىسى سۆز ئەركىنلىكى، ئۇچۇر ئەركىنلىكى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئاۋاز سېنزورغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك دەپ قارايدۇ.
  3. جەسۇرلۇق: «ئۇيغۇر پوچتىسى» ساختا ئۇچۇر، يالغان خەۋەرلەر، پىكىر زوراۋانلىقى ۋە قاتماللىق بىلەن تولغان دۇنيادا، كىشىلەرگە ھەقىقەتنى تەكشۈرۈپ، پاكىتلارنى توپلاپ، راستنى ئېنىقلاپ سۇنىدۇ. ھەقىقەتنى يوشۇرىدىغان مۇستەبىتلىك، دىكتاتۇرلۇق، تەھدىت، سۇيىقەست ۋە مېكىرلەرگە قورقماستىن يۈزلىنىدۇ.
  4. باراۋەرلىك: ئۇيغۇر پوچتىسى ئۇيغۇر دىياسپوراسىدىكى پەرقلىق پىكىر ۋە ئىجتىمائىي قاتلامغا تەۋە كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ. خەۋەر قىممىتى بار دەپ قارالغان مۇناسىۋەتلىك كىشى ۋە پائالىيەتلەرگە باراۋەر دەرىجىدە ئورۇن بېرىدۇ.
  5. ھۈرمەت: بىز ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر بولمىغان، ھەر خىل دىنىي، ئېتنىك، مەدەنىي ۋە ئىرقىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ۋە خەۋەرلىرىمىزنى ھۆرمەت ۋە ھېسداشلىق بىلەن يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز.
  6. باغلاش: بىز ئۇچۇر ۋە چۈشەنچە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى دۇنيا بىلەن، بۈگۈنكى ئەۋلادنى كېيىنكىلەر بىلەن، دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلارنى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن باغلاشقا تىرىشىمىز.
  7. ھەمكارلىق: مۇنەۋۋەر خەۋەر ۋە مەزمۇن يارىتىش ئۈچۈن، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى بىلىم ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىنىدۇ. بىز ئىجادىي ۋە ئەلا خىزمەتنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، بار بولغان ئەڭ ياخشى ئەقىل ئىگىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تىرىشىمىز.

7. ئۇيغۇر تىلى ئاخباراتچىلىقنى قوغداش: ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە خەۋەر قىلىش، كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىدا خەۋەر، ئەسەر يېزىش ۋە تارقىتىش، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئۇيغۇر مىراسلىرىدىن ئىز قالدۇرۇشنى ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ شەرەپلىك بۇرچىدۇر.

ئۇيغۇر پوچتىسى رىئايە قىلىدىغان پرىنسىپىلار :

ئۇيغۇر پوچتىسى  خەۋەرلىرىمىز ۋە ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن ئۇچۇر ئورتاقلىشىش ئۇسۇلىمىزدا، ئېتىكىلىق ئاخباراتچىلىق تورى (The Ethical Journalism Network)  ئوتتۇرىغا قويغان ئېتىكىلىق ئاخباراتچىلىقنىڭ بەش ئاچقۇچلۇق پرىنسىپىغا رىئايە قىلىشقا تېرشچانلىق قىلىمىز.

1- ھەقىقەت ۋە توغرىلىق   (Heqiqet Ve Toghrliq)

ژۇرنالىستلار ھەمىشە «ھەقىقەت» كە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، لېكىن پاكىتنى توغرا يېزىش ئاخباراتچىلىقنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپىدۇر. بىز ھەمىشە توغرا بولۇشقا تىرىشىپ، قولىمىزدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى بېرىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز ئۇچۇرنى دەلىللەپ بېرەلمىسەك، شۇنداق دېيىشىمىز كېرەك.

2. مۇستەقىللىق (Musteqilliq)

ژۇرنالىستلار مۇستەقىل ئاۋاز بولۇشى كېرەك؛ بىز سىياسئون، كارخانىچى ياكى مەدەنىيەتكە ئائىت ئالاھىدە مەنپەئەتلەرگە ۋاكالىتەن رەسمىي ياكى غەيرىي رەسمىي ھالدا ھەرىكەت قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشى پەيدا قىلىشى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق سىياسىي باغلىنىشلىرىمىز، ئىقتىسادىي كېلىشىملىرىمىز ياكى باشقا شەخسىي ئۇچۇرلىرىمىزنى تەھرىرلىرىمىزگە ياكى ئاڭلىغۇچىلارغا ئېلان قىلىشىمىز كېرەك.

3. ئادىللىق ۋە بېتەرەپلىك (Adilliq Ve Bitereplik)

كۆپىنچە ھېكايىلەرنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى تەرىپى بار. گەرچە ھەر بىر ئەسەردە ھەر بىر تەرەپنى تونۇشتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولمىسىمۇ، لېكىن ھېكايىلەر تەڭپۇڭ بولۇشى ۋە كونېتكىست ۋە ئارقا كۆرۈنۈش قوشۇلۇ شى كېرەك. ھەر قاچان ئوبېكتىپ  بولۇش  مۇمكىن ئەمەس، ھەمدە ھەرقاچان ئوبېكتىپ بولۇشمۇ مۇۋاپىق بولماسلىقى مۇمكىن (مەسىلەن، ۋەھشىلىك ياكى غەيرى ئنسانى ۋەقەلەرگگ دۇچ كەلگەندە)، لېكىن بېتەرەپ دوكلات قىلىش ئىشەنچ ۋە ئېتىقادنى كۈچەيتىدۇ.

4. ئىنسانىيلىق (Insaniyliq)

ژۇرنالىستلار ھېچقانداق باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. بىز ئېلان قىلغان ياكى تارقاتقان نەرسىلەر ئازابلىق بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بىز سۆز ۋە سۈرەتلىرىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى بىلىشىمىز كېرەك.

5-جاۋاپكارلىق (Jawapkarliq)

كەسپچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتچان ئاخباراتچىلىقنىڭ ئېنىق بەلگىسى- ئۆزىمىزنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئىقتىدارىمىزدۇر. بىز خاتالىق سادىر قىلغاندا، چوقۇم ئۇنى تۈزىتىشىمىز كېرەك، خاتالىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىشمىز- ئۆچمەنلىكنى ئىپادىلەش ئەمەس، سەمىمىي بولۇشى كېرەك . بىز ئوقۇرمەن (ئاڭلىغۇچىلار)نىڭ  ئەندىشىسگە قۇلاق سالىمىز. ئوقۇرمەنلەرنىڭ يازغانلىرى ياكى دېگەنلىرىنى ئۆزگەرتمەسلىكىمىز مۇمكىن، لېكىن بىز ئادىل بولالمىغان چېغىمىزدا،  ھامان بىر  چارە بىلەن تەمىنلەيمىز.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز