
ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى قائىدىلىرى
مۇھىم نۇقتىلار ۋە ئىشلىتىش شەرتلىرى
بۇ قائىدىلەر «ئۇيغۇر پوچتىسى» تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بارلىق ئەسەرلەرنىڭ (خەۋەر، ماقالە، فوتو-سۈرەت، سىن ۋە ئاۋازلىق ئەسەرلەر) نەشر ھوقۇقىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن.
1. «ئۇيغۇر پوچتىسى» خادىملىرى ئۈچۈن قائىدىلەر (ئىچكى بەلگىلىمە)
1.1. ئەسەرگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى:
«ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدە ئىشلىگەن بارلىق مەزمۇنلارنىڭ نەشر ھوقۇقى (شەخسىي ئىمزا قويۇش ھوقۇقىدىن باشقا) ئاپتوماتىك ھالدا «ئۇيغۇر پوچتىسى» غا تەۋە بولىدۇ. خادىملار بۇ ئەسەرلەرنى باشقا جايلاردا قايتا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدىن ئىچكى ئىجازەت ئېلىشقا مەجبۇر.
1.2. مەزمۇن مەنبەسىنى كۆرسىتىش:
بارلىق خادىملار سىرتقى مەنبەلەردىن ئالغان ئۇچۇر، سۈرەت ياكى باشقا ماتېرىياللارنى چوقۇم ئېنىق، توغرا ۋە تولۇق مەنبە كۆرسىتىشى كېرەك. باشقىلارنىڭ نەشر ھوقۇقىغا ئىجازەتسىز دەخلى-تەرۇز قىلىش ياكى ئەسەر ئوغرىلاش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.
1.3. ئەقلىي مۈلۈكنى قوغداش:
خادىملار «ئۇيغۇر پوچتىسى» غا تەۋە بولغان بارلىق مەخپىي ئۇچۇر، تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە نەشر قىلىنمىغان ماتېرىياللارنى قوغداشقا، سىرتقا ئاشكارىلىماسلىققا ياكى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىككە مەجبۇر.
2. سىرتقى شەخسلەر ۋە ئامما ئۈچۈن قائىدىلەر (ئىشلىتىش شەرتلىرى)
2.1. پايدىلىنىش ۋە مەنبە كۆرسىتىش شەرتى:
«ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ ئەسلى مەزمۇنىدىن نەقىل ئېلىش ياكى پايدىلانغاندا، تۆۋەندىكى شەرتلەرگە چوقۇم ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ:
- ئەسلى ئىسىم: ئىشلىتىلگەن بارلىق مەزمۇنلارنىڭ ئاخىرىدا چوقۇم «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ ئىسمى ئېنىق، كۆرۈنەرلىك ۋە ئايرىپ كۆرسىتىلىشى كېرەك.
- ئېلېكترونلۇق ئۇلىنىش: ئەگەر مەزمۇن ئېلېكترونلۇق مۇھىتتا (تور بەت، ئىجتىمائىي تاراتقۇ) ئىشلىتىلسە، چوقۇم «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ ئەسلى ماقالىسىگە ئاكتىپ ئۇلىنىش (Hyperlink) بېرىلىشى كېرەك.
2.2. قايتا نەشر قىلىش ۋە كۆچۈرۈش چەكلىمىسى:
- تېكىست چەكلىمىسى: «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ ئەسلى خەۋەر، ماقالە تېكىستىنىڭ ئەڭ كۆپ 25% قىسمىدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان بىر بۆلىكىنى نەقىل ئېلىش ياكى ئىشلىتىش رۇخسەت قىلىنىدۇ.
- تولۇق كۆچۈرۈش: ئەسەرنىڭ تولۇق تېكىستىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ زور قىسمىنى، ئىجازەتسىز قايتا نەشر قىلىش ياكى كۆچۈرۈش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.
- فوتو-سۈرەت ۋە سىن: «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان فوتو-سۈرەت ۋە سىن ماتېرىياللىرىنى قايتا ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم ئالدىن يېزىقچە رۇخسەت ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
2.3. تىجارەت مەقسىتىدە ئىشلىتىش:
«ئۇيغۇر پوچتىسى» مەزمۇنلىرىنى ھەر قانداق شەكىلدىكى تىجارەت ياكى ئىقتىسادىي مەنپەئەت يارىتىش مەقسەتلىرىدە ئىشلىتىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. تىجارەت مەقسەتلىرىدە ئىشلەتمەكچى بولغانلار چوقۇم ئالدىن «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ مەسئۇل خادىمىدىن يېزىقچە رۇخسەت ئېلىپ، ئالاھىدە كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك.
3. ئۇيغۇر پوچتىسىغا قارشى نەشر ھوقۇقى داۋاسى ۋە سۈرەت مەنبەسى
3.1. نەشر ھوقۇقى داۋاسىغا تۇتۇلۇش سىياسىتى:
«ئۇيغۇر پوچتىسى» نەشر ھوقۇقىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ ئالاقىدار نەشر ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەيدۇ. ئەمما، باشقا مەنبەلەردىن ئەسەر ئىشلەتكەندە، نەشر ھوقۇقى قانۇنى رۇخسەت قىلغان دائىرىدە (مەسىلەن، «ئادىل پايدىلىنىش» – Fair Use) ئالاقىدار سۈرەتلەرنى ئىشلىتىدۇ. بۇ تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا ئالاھىدە مۇھىم دەپ قارىلىدۇ:
- جىددىي ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىلىرىنى يورۇتۇپ بېرىش؛
- ئاممىنى تەربىيىلەش ۋە ئۇچۇر بېرىش؛
- ساختا ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش ۋە تۈزىتىش.
«ئۇيغۇر پوچتىسى» بۇ خىل ئەھۋاللاردا سۈرەتلەرنىڭ خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىلىش قىممىتىنى ئاساس قىلىدۇ.
3.2. سۈرەت ئىشلىتىش ۋە چەكلەشكە قارشى تۇرۇش:
ئۇيغۇر پوچتىسى ئۆزىنىڭ خىزمەتلىرىنى چەكلەش ياكى بۇزۇش نىيىتىدە ئېلىپ بېرىلغان تەھدىت سېلىش، ئىقتىسادىي تۆلەم تەلەپ قىلىش قاتارلىق ھەر قانداق ئۇسۇللاردىكى پاراكەندىچىلىك ۋە بېسىملارنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.
3.3. «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ سۈرەت مەنبەلىرى:
«ئۇيغۇر پوچتىسى» ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەنبەلەردىكى سۈرەتلەرنى ئىشلىتىدۇ:
- «ئۇيغۇر پوچتىسى» سۈرەتلەر توپلىمى (ئۆز ئەسەرلىرى).
- ئىشلىتىلىشى بىۋاسىتە رۇخسەت قىلىنغان سۈرەتلەر.
- ئۇيغۇرلار تارقاتقان سۈرەتلەر (رۇخسەت سوراش، ئەسكەرتىش ياكى ئۆزىگە ئەۋەتىپ بېرىش ئارقىلىق ئېلىنغان).
- ئىجتىمائىي ئاممىۋى (ھەقسىز) ساھەدىكى ئەسەرلەر (Public Domain).
- مەخسۇس نەشر ھوقۇقى بولمىغان سۈرەتلەر توپلىمى.
2.4. خىلاپلىق قىلغاندا كۆرۈلىدىغان قانۇنىي مەسئۇلىيەت:
بۇ نەشر ھوقۇقى قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش ئەقلىي مۈلۈككە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. «ئۇيغۇر پوچتىسى» ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئىقتىسادىي زىياننى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن قانۇنىي تەدبىر قوللىنىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.
بۇ قائىدىلەر «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن بولۇپ، ۋاقىت ۋە ئالاقىدار ئامىللارغا ئاساسەن ئەگىشىپ ئۆزگەرتىلىشى مۇمكىن.