«ئۇيغۇر پوچتىسى» تور بېكىتىنى ئىشلىتىش شەرتلىرى

ئۇيغۇر پوچتىسى – ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىسى.

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئەھۋالى، كۆز-قاراشلىرى ۋە ئاۋازى ئۈچۈن ئەركىن سەھنە. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ۋە دىئاسپوراسى ھەققىدىكى مۇھىم خەۋەرلەرنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ۋە خەلقئارا ئىنكاسلارنى، شۇندەكلا مەدەنىيەت، سىياسەت ۋە ئىقتىساد ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار ۋە قەرەللىك ئانالىزلارنى ئېلان قىلىمىز.


بىزنىڭ غايىمىز

ئۇيغۇر پوچتىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھايات خاتىرىسى ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتەك ئالىيجاناب بۇرچ ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىز ئىلغار پىكىر ۋە ئىدىيەلەرنىڭ بۆشۈكى بولۇش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەت مەڭگۈ ئىنتىلىدىغان توغرا ۋە چىنلىق، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىل قەلەم تەۋرىتىشتەك ئېدىياللارنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلغان قوشۇندۇرمىز.


بىز سىزنى قارشى ئالىمىز

بىز گۇرۇپپىمىزغا تۆۋەندىكى كەسىپ ئىگىلىرىنى قارشى ئالىمىز:

  • ژۇرنالىستلار
  • تەرجىمانلار
  • ھەر قايسى ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر
  • يازغۇچىلار
  • تېخنىكلار
  • ۋىدىئو-فوتو مەشغۇلاتچىلىرى
  • ئىجتىمائىي تاراتقۇ (سوسىيال مېدىيا) باشقۇرغۇچىلىرى

قوشۇلۇش ئۇسۇلى

بىزنىڭ ئاخباراتچىلىق قائىدىلىرىمىزنى چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ماقالىنى ئوقۇپ چىقىڭ.

ئۇيغۇر پوچتىسىغا قوشۇلغان ئاپتورلار، مۇخبىرلار ۋە باشقا پىدائىيلارنىڭ:

  • قەلەم نامىنى تاللاش،
  • ساھەنى تاللاش،
  • ۋاقىتنى ئورۇنلاشتۇرۇش،
  • ھەمدە سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاش ياكى مەخپىي تۇتۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىمىز،
  • ئاخىرقى شەرتلەرنى مەسلىھەت ۋە كېلىشىم ئارقىلىق بېكىتىمىز.

بىزگە قوشۇلۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى جەدۋەلنى تولدۇرۇڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز