ئۇيغۇر پوچتىسى، 25-فېۋرال
ئەسكەرتىش: مەزكۇر خەۋەر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ (UHRP) يېڭىدىن ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتى ئاساسىدا تەرجىمە قىلىپ تەييارلاندى
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى (شەرقىي تۈركىستان) ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئۆزىنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قەستەن ئۈزۈپ تاشلىغان.
«ئۈزۈلگەن رىشتىلەر: دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قورالى سۈپىتىدە قوللىنىلىۋاتقان ئائىلىلەرنى ئايرىۋېتىش سىياسىتى» ناملىق بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نازارەت قىلىش، تۇتۇپ تۇرۇش، قورقۇتۇش ۋە ئۆچ ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئائىلە ئالاقىسىنى سىستېمىلىق ھالدا توسۇپ قويغان. نەتىجىدە، مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئالاقە قىلالماي قالغان. تەتقىقاتتا، بۇ خىل ئۇسۇللارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئېغىر پىسخىكىلىق زەخىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق دەۋاسىنى سۈكۈتكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن لايىھەلەنگەنلىكى قەيت قىلىنغان. بۇ تەتقىقات 2024-يىلىدىن باشلاپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتلەر، غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۆججەتلىرى ۋە تاراتقۇ خەۋەرلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەتتىكى ئائىلە ئالاقىسىنى قانداق قىلىپ شەخسىي خەتەرگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
دوكلاتنىڭ ئاپتورى، UHRP تەتقىقات دىرېكتورى دوكتور ھېنرىك شادجىيېۋىسكى (Dr. Henryk Szadziewski) مۇنداق دېدى: «بۇ تەتقىقات ئائىلە رىشتىسىنى ئۈزۈپ تاشلاشنىڭ باستۇرۇشنىڭ قوشۇمچە تەسىرى ئەمەس، بەلكى باستۇرۇشنىڭ ئۆزىگە خاس بىر قورالى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. خىتاي دۆلىتى بۇ ئۇسۇلنى چەتئەلدىكى ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى جىمىقتۇرۇش، ئائىلە تۇرمۇشىغا دەخلى قىلىش ۋە ئەۋلاتلار (بوغۇنلار) ئارا مەدەنىيەت ۋارىسلىقىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلماقتا. ئۇيغۇر ئائىلىلىرى داۋاملىق تىراگېدىيە، ئېنىقسىزلىق ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ياشىماقتا، چۈنكى ئالاقە قىلىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئۆزىلا ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىنىڭ جازالىنىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.»
دوكلاتتا تەپسىلىي بايان قىلىنىشىچە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە 2016-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى كۈچەيتىلگەندىن كېيىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنغان ئاقىۋەتلەر ئارىسىدا ئېغىر پىسخىكىلىق بېسىم، مەدەنىيەت ئەسلىمىلىرىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېنىقسىزلىقتىن كېلىپ چىققان مۇرەككەپ روھىي ئازابلار بار.
UHRP ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى مۇنداق تەكىتلىدى: «ئائىلىلەرنىڭ ئايرىۋېتىلىشى ئېلىپ كەلگەن ھېسسىيات جەھەتتىكى زەربە ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ئۇ پەقەت شەخسلەرگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسەتمەكتە ھەمدە ئائىلە تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئەڭ تۈپ ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلماقتا. ھۆكۈمەتلەر ئائىلە ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش»نىڭ بىر شەكلى سۈپىتىدە تونۇشى، ھەمدە دۆلەت پۇقراسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى شۇ دۆلەتتە ئولتۇراقلاشقان (مۇقۇم ياشاۋاتقان) بارلىق ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەملەرنى بېسىشى كېرەك.»
UHRP سىياسەت تۈزگۈچىلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق ئاپپاراتلىرىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە دوكلات قىلىش ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈشكە چاقىردى. شۇنداقلا، ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئائىلىلەر پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ۋە ئۇيغۇر جامائىتى تارتىۋاتقان پىسخىكىلىق زىيانلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى قوللاشقا ئۈندىدى.
تەھرىرى: گۈلقىز
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
