ئۇيغۇر پوچتىسى، 4-نويابىر
ئامېرىكا دۆلەتلىك دىموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ھەر يىلى ئۇيۇشتۇرىدىغان يىللىق «دىموكراتىيە مۇكاپىتى» دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دىموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ.
بۇ يىل مۇكاپات ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى رۇشەن ئابباسنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن تەقدىرلەنگەن.
دۆلەتلىك دىموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ئورگان ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:
«2025-يىللىق «دېموكراتىيە مۇكاپاتى » خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان جامائەتلىرى ئۈچۈن قىلغان تىنماي قاناق يايدۇرۇلغان ھوقۇق قوغداش خىزمىتى ئۈچۈن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىغا بېرىلدى. كېڭەش پالاتا ئەزاسى (سېناتور) مېل مارتىنېز تەرىپىدىن تەقدىم قىلىنغان بۇ مۇكاپات «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە دېرېكتورى رۇشەن ئابباسنىڭ جاسارەتلىك رەھبەرلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ رەھبەرلىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشى ۋە باستۇرۇشى سەۋەبىدىن ۋەيران قىلىنغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۈچۈن ئاۋاز بولدى.ئۇيغۇر ھوقۇقلىرى ئۈچۈن دۇنياۋى كۈچ بولغان رۇشەن ئابباس ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: زۇلۇمنىڭ ئېغىر بېسىمى ئاستىدىمۇ جاسارەت ۋە ۋىجدان مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.»
رۇشەن ئابباس مۇنداق دېگەن:
«ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىشلار- ئاكتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر، ئۇ زور ساندا تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، زورلاپ تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە بالا چۈشۈرگۈزۈش، مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇش، ۋە بىر ئېتىقادنى پۈتۈنلەي جىنايەت سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. … بۇ ئەمدى پەقەت بىر ئۇيغۇر مەسىلىسىلا ئەمەس؛ بۇ خىتاينىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە قارشى ئۇرۇشى، ئاياللار ۋە بالىلارغا قارشى ئۇرۇشى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىگە قارشى ئۇرۇشىدۇر.»
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى دابدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئالاقىدار رەھبەرلەر، تاراتقۇچىلار، رۇشەن ئابباسنىڭ تۇققانلىرى ۋە دوستلىرى قاتناشقان.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئىنتېرنېتتا رۇشەن ئابباس ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىنىڭ يۇتۇقلىرىنى ئورتاق تەبرىكلەمەكتە.
تەييارلىغۇچى: تاھىر ئىمىن
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
