ئۇيغۇر پوچتىسى خەۋىرى

2-مارت

«گراسىئېلا فېرناندېس مېيجىدې كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مۇكاپاتى»نىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك باھالاش ھەيئىتى ئەزەربايجان، شىمالىي كورېيە، كۇبا، خىتاي، ئېكۋاتور گىۋىنىيەسى، ماراكەش ۋە ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇقرالارنىڭ ھاياتى ۋە ناھەق تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋاللىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن نامزاتلارنى كۆرۈپ چىقتى. بۇلار ئ‍نسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە تۇغقانلىرى تەرىپىدىن CADAL (لاتىن ئامېرىكىسى دېموكراتىيە ۋە ئېچىۋېتىش مەركىزى) غا سۇنۇلغان.

«ئافرىقا، ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىن تاپشۇرۇۋېلىنغان ھەر بىر نامزاتلىق كۆرسىتىش ماتېرىيالى، پۇقرالار ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلەنگەن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان پۇقرالارغا چېتىشلىقتۇر. بۇنداق شارائىتلاردا، مۇستەبىت ياكى ھاكىممۇتلەق تۈزۈملەر ئەڭ ئاساسىي پۇقرالار ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، جەمئىيەتنى قورقۇنچ ۋە باستۇرۇش ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇرلىماقتا. شۇ سەۋەبتىن، بۇ ئاكتىپلارنىڭ ھەر بىرى باھالاش ھەيئىتىمىز ئەزالىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە لايىقتۇر. ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، باھالاش ھەيئىتى 2026-يىللىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى سۈپىتىدە (يالقۇن روزى قاتارلىق) كىشلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلدى.»

2026-يىل 2-مارت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات قىلىپ، خىتاي تۈرمىسىدە بىگۇناھ جازالىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدىب يالقۇن روزىنىڭ 2026-يىللىق «گراسېلا فېرناندېز ماجىد ( Graciela Fernández Meijid) ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش مۇكاپاتى»غا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

باھالاش ھەيئىتى يالقۇن روزى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

«يالقۇن روزى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچى، يازغۇچى ۋە شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ سابىق مۇھەررىرى بولۇپ، ئۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى، رەسمىي مائارىپ سىستېمىسى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى قوغداش ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن.

ئۇنىڭ تىنچلىق يولى بىلەن ئېلىپ بارغان ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلىك ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە جىنايەت دەپ بېكىتىلگەن. ئۇ 2016-يىلى ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغان. 2018-يىلى يانۋاردا، ئاشكارا ھالدا «بۆلگۈنچى» دەپ ئاتىلىپ، «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ دېلوسى زورلۇق كۈچ ئىشلەتمىگەن مەدەنىيەت ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىش ھەرىكىتىنىڭ باستۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئ‍نسان ھەقلىرىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن سىستېمىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالىغا ئائىت تىپىك مىسالدۇر. نۇرغۇن ئ‍نسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى دوكلات قىلغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش پىلانى ۋە سىستېمىلىق زىيانكەشلىكى 2017-يىلىدىن باشلاپ كۈچەيگەن. شۇنىڭدىن بېرى، ئۈچ مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا ئەۋەتىلدى. ئۇلار ئۇ يەردە سىياسىي جەھەتتە مېڭە يۇيۇش، قىيناش، جىنسىي زورلاش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. مىڭلىغان بالىلار ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە ئاياللارغا مەجبۇرىي ھالدا بالىياتقۇ ئىچى ساقلىق ساقلاش ئۈسكۈنىسى (IUD) سېلىش سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئازايتىلغان.»

2023-يىلى ئارگېنتىنالىق پائالىيەتچى  گراسېلا فېرناندېز ماجىد  Fernández Meijideتەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بۇ مۇكاپات، مۇستەبىت تۈزۈم سەۋەبىدىن ياكى  پۇقرالارنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرى، سىياسىي ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان، ھەتتا پائالىيەتچىلەرنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ۋەزىيەت ئاستىدا تۆھپە كۆرسەتكەن بىر قىسىم شەخس، كوللېكتىپ ۋە ئورگانلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى يولىدىكى كۈرىشىنى تەقدىرلەشنى مەقسەت قىلغان. 

يالقۇن روزى ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن  ئۇيغۇر مائارىپى، تىلى، مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن ئىزچىللىقى ۋە تىنچلىقپەرۋەر ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋەجىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ ئىلتىماس سۇنۇلغان.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى (CFU) يالقۇن روزىنىڭ 2026-يىللىق گراسىئېلا فېرناندېز مېيجىدې مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدۇ،» دېدى ئۇيغۇر ھەرىكىتى ئىجرايىيە مۇدىرى رۇشەن ئابباس خانىم. «يالقۇن روزىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئۇيغۇر روھىنىڭ غەلىبىسىدۇر. ختاي كومپارتىيەسى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىملىرىمىزنى تۈرمىگە تاشلاش ئارقىلىق تارىخىمىزنى قايتا يېزىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ شەرەپ مەدەنىيىتىمىزنىڭ ختاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىگە قاراتقان ئۇرۇشىغا قارشى تۇرالايدىغانلىقىنى ۋە دەۋايىمىزنىڭ دۇنياۋى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بىز يالقۇن روزى ۋە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ كۆلەڭگىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بارلىق زىيالىيلىرىمىز ئەركىنلىككە ئېرىشكۈچە، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى داۋاملىق دۇنياغا ئاڭلىتىمىز. بىز دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە لاتىن ئامېرىكىسىغا ياردەم بېرىش مەركىزى (CADAL) نىڭ ئۇنىڭ دېلوسىغا ۋە ئومۇمىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.»

ئۇيغۇر زىيالىيسى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم يالقۇن روزى ئەپەندىنى تەنقىدىي روھقا باي ئوبزورچى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك پۇبلىست ،ئىزدىنىش روھىغا باي تەتقىقاتچى، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ناتىق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ياراتقان ئەدىب دەپ بايان قىلىدۇ. ھالبۇكى، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بارغان مىللەتنىڭ پىكرىي تەپەككۇرى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چوڭ تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا جىنايەت دەپ ھۆكۈم قىلىنغان. يالقۇن روزى 2016-يىلى ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنغان ۋە 2018-يىلى يانۋاردا، «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى تامغىسى ئۇرۇلۇپ بىگۇناھ ھالدا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ۋە تا ھازىرغىچە تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

ئىلگىرى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى 2017-يىلى  «ۋايمار ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى» نامزاتى بولغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت رىجىمى ئاستىدا يەنە قانچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرى خەلقئارانىڭ دىققىتىگە ئېرىشەلمەي قاراڭغۇ زىندانلاردا ياتماقتا ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىلمەكتە. 

يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ 2026-يىللىق «گراسېلا فېرناندېز ماجىد ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش مۇكاپاتى» نامزاتى بولغانلىقى، ئۆز مىللىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلغان باشقا پىداكارلار ئۈچۈنمۇ بىر ئۈمىد بېغىشلىغۇسى. 


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ