دېكابىر 9, 2025
2025-يىللىق ﻧﻮﺑﯧﻞ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎتى ئۈچ ئالىمغا

ئۇيغۇر پوچتىسى، 8-ئ‍ۆكتەبىر

ﺷﯘ ﻳﻪﺭ ﯞﺍﻗﺘﻰ 10-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﻪﺳﻰ 2025-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﻮﺑﯧﻞ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺳﯘﺳﯘﻣﯘ ﻛﯩﺘﺎﮔﺎﯞﺍ (Susumu Kitagawa)، ﺭﯨﭽﺎﺭﺩ ﺭﻭﺑﺴﻮﻥ (Richard Robson) ﯞﻩ ئۆمەر ﻡ ﻳﺎﮔﻰ (M. Yaghi)ﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻮﻣﯧﺘﺎﻟﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﮪﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻥ.

خىمىيە ساھەسىدىكى 2025-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى گاز ۋە باشقا خىمىيەلىك ماددىلار ئېقىپ ئۆتەلەيدىغان كەڭ بوشلۇققا ئىگە بولغان مولېكۇلا قۇرۇلمىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ قۇرۇلمىلار، يەنى مېتال-ئورگانىك رامكىلار (metal-organic frameworks)، قۇملۇق ھاۋاسىدىن سۇ يىغىش، كاربون تۆت ئوكسىدنى تۇتۇش، زەھەرلىك گازلارنى ساقلاش ياكى خىمىيەلىك رېئاكسىيەلەرنى تېزلىتىش (كاتالىزلاش) ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ 11 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﻭﻧﺎﺳﻰ (بىر مىلىيون 200 مىڭ دوللار) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading