
ئۇيغۇر پوچتىسى، 4-يانۋار
ئامىنە سەدەف
يېڭى يىل ھارپىسىدا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى گېزىت، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە تېلېۋىزىيەلەردە تۈركىيەنىڭ خىتاي پۇقرالىرىدىن ۋىزا تەلەپ قىلمايدىغان بولغانلىقى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
31- دېكابىر تۈركىيە «رەسمىي گېزىت»تە ئېلان قىلىنغان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئىمزاسى بولغان 10798- نومۇرلۇق قارارنامىدە: «6458- نومۇرلۇق كۆچمەنلەر ۋە خەلىقئارالىق قوغداش قانۇنىنىڭ 18- ماددىسىغا ئاساسەن، 2026- يىلى 2- يانۋاردىن باشلاپ، جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ نورمال پاسپورت بىلەن تۈركىيەدە ھەر 180 كۈن ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 90 كۈن تۇرۇشى، ساياھەت قىلىشى ۋە توختاپ ئۆتۈشى ئۈچۈن ۋىزا تەلەپ قىلىنمايدۇ» دېيىلگەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي پۇقرالىرى تۈركىيەگە بېرىش ئۈچۈن ئېلىكترونلۇق ۋىزا ئېلىشى كېرەك بولۇپ، بۇ خىل ۋىزا بىلەن تۈركىيەدە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 30 كۈن تۇرغىلى بولاتتى.
تۈركىيەنىڭ خىتايغا قاراتقان بۇ يېڭى ۋىزا سىياسىتى خىتاينىڭ شىنخۇا تورى ۋە باشقا خەۋەر قاناللىرىدا، شۇنداقلا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا بەس– بەستە تارقىلىپ غۇلغۇلا پەيدا قىلدى، شۇنداقلا، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاكتىپلار ۋە جامائەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان تۈركلەرنىمۇ نارازى قىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ قارارغا بولغان ئەيىپلەشلىرىنى بىلدۈردى.
«ئۇيغۇر پوچتىسى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان ھاجىتەپە ئۇنىۋىرېسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، سىتراتېگىيە مۇتەخەسىسى، دوتسېنت، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، تۈركىيەنىڭ مۇنداق بىر قارارنى ئېلىشتىكى بىرىنجى سەۋەبى، تېخىمۇ كۆپ خىتاي ساياھەتچىلەرنى تۈركىيەگە جەلىپ قىلىش. ئىككىنچىدىن، خىتايمۇ يېقىنقى يىللاردا ئەللىككە يېقىن دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيە يوق ئىدى، بەلكىم تۈركىيەنىڭمۇ شۇ تىزىملىك ئىچىگە كىرىش نىيىتى بولۇشى مۇمكىن. ئۈچىنچىدىن، 2026- يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋەت قۇرغانلىقىنىڭ 50- يىلى بولۇپ، بەلكىم ئىككى دۆلەت بۇنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بەزى پائالىيەتلەرنى پىلانلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ يىل باشلىنىشى بىلەن تۈركىيە بۇ قارار ئارقىلىق بىرىنجى قەدەمنى باسقان بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.»
يازغۇچى، ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر (Halis Özdemir) مۇنداق دىدى: «تۈركىيەنىڭ بۇ قارارنى ئېلىشتىكى ئاساسلىق مەخسىتىنى بىر قۇتۇپلۇق دۇنيادىن كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنياغا قاراپ كېڭىيىش دەپ تەھلىل قىلىش كېرەك. مەن تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇ كېلىشىمىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن پايدىلىق بۇلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. بۇ مېنىڭ شەخسى كۆز قارشىم. ساياھەتچىلىك بەلكىم تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن، ئەمما بىر كوممۇنىسىت باشقۇرۇش تۈزىمىدىكى دۆلەتتىن تۈركىيەگە ئىختىيارىي كىرىپ چىقىدىغان كىشىلەرنىڭ قانچىسى جاسۇس ۋە قانچىسى نورمال ساياھەتچى بۇنى بىلەلمەيمىز. بەلكىم دۆلەت بۇنىڭغا قارىتا كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالىدۇ.»
ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۈنىۋېرىسىتېتى سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتىتى خەلىقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى، ياردەمچى پروففېسسور، خىتاي تەتىقاتچىسى كادىر تېمىز (Kadir Temiz) مۇنداق دېدى: «مەنمۇ بۇ قارارنى تاراتقۇلاردىن كۆردۈم. بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بەزى مۇناسىۋەتلەرگە باغلىق بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىرىغىمۇ ۋىزا ئاسانلاشتۇرلۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، بەزى سەلبىي تەرەپلەرمۇ دىققەتكە ئېلىندى دەپ ئويلايمەن.»
ھالبۇكى، مۇخبىرنىڭ: «سىزنىڭ كۆزدە تۇتقىنىڭىز قايسى سەلبىي تەرەپ؟» دېگەن سۇئالىغا كادىر تەمىز جاۋاپ بەرمىدى.
بۇ قارارنىڭ خىتايلارغا ۋە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دېدى: «بۇ قارار خىتايدىمۇ بەك غۇلغۇلا بولدى. بەزى خىتايلار: <بۇ ياخشى بولدى>، بۇ ئارقىلىق بەزى دۆلەتلەرگە ئايلىنىپ ئۆتۈپ ساياھەت قىلىش ئاسانلاشتى> دېسە، يەنە بەزىلىرى: <تۈركىيە ئارقىلىق ياۋرۇپاغا قېچىش ئاسانلىشىدىغان بولدى> دەپ خۇشال بولۇشماقتا. ئەمدى بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىرى بار دېگەندە، <خىتاي ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرەمدۇ- بەرمەمدۇ، بۇ بىر مەسىلە. ئاندىن ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە چىقىشقا جۈرئەت قىلالامدۇ-يوق، بۇمۇ بىر مەسىلە. چۈنكى لاگىر مەسىىلىسىدە، تۈركىيەگە كەلگەنلەر جازالانغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار بىر مەزگىل قورقۇپ كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما بۇ قارار ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىش يولى ئاسانلىشىشى مۇمكىن.»
خالىس ئۆزدەمىر بۇ قارارنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەسىلىگە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن قارىغىنىمىزدا، مەن بۇنى ئۇلارغا نىسبەتەن زىيانلىق دەپ قارايمەن. سەۋەبى، خۇددى ئۈستىدە دەپ ئۆتكىنىمدەك، جاسۇسلار بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگەللەيدۇ ۋە بۇلارغا قارشى تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. بىز يازغۇچى ۋە ژۇرنالىسىتلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەسىلىنى يەنە كۈزىتىمىز ۋە كۆز قاراشلىرىمىزنى ھەر ۋاقىت ئوتتۇرىغا قويىمىز. شەخسەن مېنىڭ بۇ قارارغا بولغان كۆز قارشىمنى سورىسىڭىز، كاشكى بۇنداق بىر قارار ئېلىنمىغان بولسا بۇلاتتى.»
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بولسا، مەزكۇر ۋەقەنىڭ تۈركىيە-ختاي مۇناسۋەتلىرىنىڭ بارغانسرى يېقىنلىششى ۋە ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرىدىغان زىيانلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇشمەكتە.
ئۇيغۇر مىللىي مەجلىسى رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي تاراتقۇ ھېسابىدا: «تۈركىيە يەجۈج- مەجۈجلەرگە ئىشىكىنى ئاچتى. 2026- يىلى 2- يانۋاردىن باشلاپ، خىتايلار تۈركىيەگە ۋىزىسىز كىرىدۇ. خىتاي مۇستەملىكىسىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولسا پاسپورت ئالالمايدۇ… دۆلىتىمىزنىڭ يىتىپ كېلىش ئالدىدىكى خەتەرنى بايقىشىنى ئۈمىد قىلمەن» دەپ يازغان.
4- نويابىر تۈرك تىلىدىكى «ئۇيغۇر خەۋەر» تورى ئېلان قىلغان «قىزىل سەرمايىگە ۋىزا، مەزلۇمغا سۈكۈت: خىتايغا ئېچىلغان ئىشىكلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ يۈزىگە يېپىلىدۇ» ناملىق ماقالىدە بۇ قارارغا مۇنداق ئىپادە بىلدۈرۈلدى: «بۈگۈن تۈركىيەنىڭ ساياھەت ۋە سودا نامىدىن قويغان بۇ ئىمزاسى تارىختا پەقەت بىر ئىقتىسادىي قارار بولۇپلا قالماي، مەنىۋىي جەھەتتىن بىر يارا بولۇپ قالىدۇ. بۇ قارار بىلەن خىتاي ساياھەتچىلەر ئىستانبول كوچىلىرىدا ئەركىن– ئازادە ئايلىنىپ يۈرىۋاتقاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز رەقەملىك دېكتاتۇرلۇق ئاستىدا ھاياتتا قېلىش كۈرىشىنى داۋام قىلىدۇ. ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنىڭ مىللەتنىڭ ۋىجدانىدا قانىغان يارا سۈپىتىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئالدىغا ئۆتىشىنى نە تارخ نە ۋىجدان كەچۈرمەيدۇ.»
ئامىنە سەدەف، ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ تۈركىيە ئستانبۇلدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى، ئۇ دىئاسپورا، ئۇيغۇر ئاياللىرى، مەدەنىيەت ساھەسدە يازىدۇ.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
