ئۇيغۇر پوچتىسى، 5-يانۋار
ئالپ
بۈگۈن 5- يانۋار خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تارتقۇلىرىدىن «خىتاي خەۋەر تورى»، «سوخۇ تورى» ۋە باشقىلاردا تۈركىيەدىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغان 42 كىشىدىن تەركىپ تاپقان «شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار تۇغقان يوقلاش ئۆمىكى» ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى.
خەۋەرلەردە ئۇزۇن يىللىق پىراقتىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان كىشىلەرنىڭ كۆز ياشلىرى، ئۈرۈمچىنىڭ «تېخىمۇ زامانىۋىلاشقان» يېڭى قىياپىتى ۋە مەززىلىك يەرلىك تائاملار ھەققىدىكى مەدھىيەلەر ئالاھىدە تەكىتلەنگەنىدى. بىر قاراشتا ئىنسانىي قۇچاقلىشىشتەك كۆرۈنگەن بۇ بۇ جەم بولۇش ۋە سېغىنغان ئانا يۇرتىنىڭ ۋىسالىغا يىتىشتەك كۆرۈنگەن بۇ مەدھىيەلەرنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلساق، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئۆز سىياسىي ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن سىستېمىلىق بىر «يۇمشاق كۈچ» ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىش قىيىن ئەمەس.
يوشۇرغىلى بولمايدىغان «ئۇزۇن مەزگىللىك ھىجران»
تۈجۈبىلەپ تەشكىللەنگەن بۇ «شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار تۇغقان يوقلاش ئۆمىكى» ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ خەلقئارا ئايرۇدرۇمىغا يىتىپ بارغاندا، ئۇلارنى ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن قارشى ئېلىشقا چىققانلار ئارىسىدىكى رەشىدە رەھمان خىتاي مۇخبىرغا: «ئوغلۇم تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئىشلەيتتى، خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا ئۇزۇن يىل قايتالمىغان…» دەيدۇ. ھەممىگە ئايانكى، 2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 26 دۆلەتنى «تېررورلۇققا ئالاقىدار دۆلەتلەر» دەپ بېكىتىپ، بۇ دۆلەتلەرگە بېرىپ قايتقان ئۇيغۇرلارنى لاگىرلارغا سولىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى يەتتە- سەككىز يىلدا، چەتئەلدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىگە قايتىش ئەمەس، ئۇ يەردىكى ئاتا-ئانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشقىمۇ پېتىنالمىدى. ئەمما رەشىدە خانىمنىڭ ئېغىزىدا بۇ خىل زۇلۇم «ئۇزۇن يىللىق خىزمەت ئالدىراشلىقى» دەپ بايان قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى «تۇغقان يوقلاش»نى بۇنچىۋالا داۋراڭ قىلىشىمۇ بۇ نۇقتىنى ئەكس تەرەپتىن ئىسپاتلايدۇ.
سىياسىي ۋەزىپە: «بىرلىك سەپ» نىڭ پىلانى
بۇ زىيارەتنىڭ ئادەتتىكى بىر ساياھەت ياكى شەخسىي تۇغقان يوقلاش ئەمەسلىكىنى ئۇنىڭ تەشكىللىگۈچى ئورۇنلىرىدىنلا كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بىۋاسىتە نازارىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەت، پۈتۈنلەي سىياسىي بىر ۋەزىپىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. «بىرلىك سەپ» خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى دىياسپورالارنى كونترول قىلىش، پارچىلاش ۋە دۆلەت مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەخسۇس ئورگىنىدۇر.
كىملىكنى ئاددىيلاشتۇرۇش: تاماق ۋە بىنالار ئارقىلىق نىقاپلانغان مەھكۇملۇق
خەۋەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان، «ئۆمەك» بىلەن ئۈرۈمچىگە بارغان ئىرفان ئەركىننىڭ «كاۋاپ ۋە پولونى سېغىنىشى» ھەققىدىكى سۆزلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى «يېمەك-ئىچمەك ۋە فېستىۋال مەدەنىيىتى» گە قىسىپ قويۇش تاكتىكىسىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسى ۋە مىللىي كىملىك بېسىمى خەلقئارادا كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان بىر چاغدا، مەسىلىنى پەقەت «تائام» ۋە «زامانىۋى بىنالار» ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇش — نېگىزلىك تراگېدىيەنى پەردىلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئالاقە قامالىنىڭ ۋاسىتىلىق ئىقرار قىلىنىشى
«ئۆمەك» ئەزاسى ئايگۈلسۈم ئابدۇقادىرنىڭ: «ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش يەنىلا يۈزمۇ-يۈز قۇچاقلىشىشقا يەتمەيدىكەن» دېگەن سۆزى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئالاقە قامالىنىڭ ئەمەلىيەتتە قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىقرارىدۇر. ئائىلىلەرنىڭ پەقەت ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن «ئۆمەك» تە بولغاندىلا ئاندىن يېقىنلىرىنى كۆرەلەيدىغانلىقى، خىتاينىڭ «تۇغقانچىلىق» تۇيغۇسىنى بىر خىل سىياسىي مۇكاپات ياكى جازا قورالى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
دىياسپورادىكى تەسىرى: قورقۇنچ بىلەن ئۈمىدنىڭ توقۇنۇشى
خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر قاتار خەتەرلىك پىسخىكىلىق تەسىرلەرنى مەقسەت قىلىدۇ:
ئىچكى بۆلۈنۈش: «بارالىغانلار» بىلەن «بارالمىغانلار» ئارىسىدا گۇمان ۋە سۈركىلىش پەيدا قىلىش ئارقىلىق دىياسپورادا ياخشى ئۇيغۇر-يامان ئۇيغۇر تۇيغۇسى يارىتىش.
ئۆزىنى چەكلەش (Self-censorship): «سىياسىي»غا ئارىلاشمىغانلار ياكى ھۆكۈمەتكە يېقىن تۇرغانلار يۇرتىنى كۆرۈش «ئىمتىيازى»غا ئېرىشەلەيدۇ، دېگەن تونۇشقا كېلىش.
ئۇچۇر ئۇرۇشى: تۈركىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە «ۋەزىيەت يۇمشاپتۇ» دېگەن خاتا چۈشەنچىنى كۆپتۈرۈش.
خۇلاسە
رەشىدە راخماننىڭ ئوغلى بىلەن جەم بولغاندا ھېس قىلغان خوشاللىقى بىر ئانىنىڭ ھەقىقىي تۇيغۇسى، ئەمما خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇنى سىنغا ئېلىپ دۇنياغا تارقىتىشىدىكى مەقسىتى ساختا ۋە سىياسىيۋىيدۇر. بۇ زىيارەتلەر رايوندىكى زۇلۇمنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن «نىقاپ» شەكىللەندۈرۈشتە يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەقىقىي نورماللىشىش — ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھېچقانداق قورقۇنچسىز، ئەركىن ۋە ئۆز ئالدىغا يۇرتىغا بارالايدىغان كۈنى كەلگەندە باشلىنىدۇ.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
