ئۇيغۇر پوچتىسى، 23-فېۋرال

ئامىنە سەدەف

21-فېۋرال — دۇنيا ئانا تىل كۈنى. ھەر يىلى بۇ كۈندە ھەرقايسى ئانا تىل مەكتەپلىرى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلەيدۇ ۋە ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، سەرخىللار مائارىپى ۋە تاڭ نۇرى ئانا تىل مەكتىپى ئوخشىمىغان شەكىللەردە، مول مەزمۇنلۇق ۋە رەڭدار پائالىيەتلەر بىلەن بۇ كۈننى تەبرىكلىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە سەرخىللار مائارىپى تەرىپىدىن ئىستانبۇل ساباھىددىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار جەمئىيىتى، مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئىلى مەشرەپ ۋەخپى ۋە فېدېراتسىيە ۋەخپى رەھبەرلىرى، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار قاتناشتى.

پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈش

پائالىيەت ئىستانبۇل ۋاقتى سائەت 11:00 دە باشلاندى. ئىستىقلال مارشى بىلەن پەردە ئېچىلغان بۇ پائالىيەتتە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن ئابدۇلھەمىت قاراخان ۋە سەرخىللار مائارىپىغا ۋاكالەتەن دوكتور تۇردى مۇھەممەت ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇلار نۇتقىدا ئانا تىلنى قوغداپ قېلىشنىڭ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتىكى مۇھىم رولى ھەمدە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

پائالىيەت «ئانا تىلدا مۇكاپاتلىق لېكسىيە سۆزلەش» ۋە «ئانا تىل سۆيگۈسى كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسى» دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسى ماھىرلارنىڭ ياش چەكلىمىسى بويىچە ئوقۇغان كىتابلىرىدىن چىقىرىلغان سوئاللارغا نەق مەيداندا جاۋاب بېرىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى. لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى بولسا، ياشلارنىڭ ئۆزى قىزىققان تېمىلاردا تەييارلىغان لېكسىيەلىرىنى نەق مەيداندا سۆزلەپ بېرىشى شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى.

پائالىيەت ئاخىرىدا، باھالىغۇچىلارنىڭ ئادىل باھالىشى بىلەن مەريەم نۇرلۇقنىڭ «ئالداش سەنئىتى» تېمىسىدىكى لېكسىيەسى بىرىنچى دەرىجىگە، سۇتۇق كۆكتۇغنىڭ «تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر» ناملىق لېكسىيەسى ئىككىنچى دەرىجىگە، ئابدۇسالام ئارسلاننىڭ «<كېرەك> دېگەن سۆزنىڭ ھاياتىمىزدىكى تەسىرى» ناملىق لېكسىيەسى ئۈچۈنچى دەرىجىگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى.

كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسىگە جەمئىي ئون نەپەر ماھىر قاتناشقان بولۇپ، بۇلاردىن نەزىفە بىرىنچى دەرىجىگە، نەفىسە ئىككىنچى دەرىجىگە، سەفىيە ئۈچۈنچى دەرىجىگە ئېرىشتى. ماھىرلار دەرىجىسىگە ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 مىڭ، 5 مىڭ ۋە 2500 تۈرك لىراسى بىلەن مۇكاپاتلاندى. شۇنداقلا قالغان يەتتە ماھىرغىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى بېرىلدى.

تاڭ نۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىمۇ دۇنيا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، 17-فېۋرال زەيتىنبۇرنۇ كازلىچەشمە مەدەنىيەت مەركىزىدە «قەدىرلەنسۇن ئانا تىل» تېمىسىدا ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

پائالىيەتكە تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، ئاتا-ئانىلار ۋە ئىستانبۇلدا ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى. پائالىيەتتە «نۇزۇگۇم مەدەنىيەت ۋە ئائىلە جەمئىيىتى» رەئىسى مىنەۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەتقىقات بۆلۈمى مۇدىرى ئۇستاز يۈسۈپ قارىھاجىم ئانا تىلنى ئۆگىنىش ۋە قوغداشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

ئارقىدىن تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئالدىن تەييارلاپ كەلگەن رەڭدار ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ بەردى. ۋەتەن-مىللەت سېغىنىشى ۋە ئانا تىل سۆيگۈسى ئىپادىلەنگەن مول مەزمۇنلۇق نومۇرلار پائالىيەتكە كەلگەن ھەر بىر كىشىنى ھاياجانلاندۇردى.

پائالىيەت ئاخىرىدا، تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى ۋە خىزمەتلىرى تەقدىرلەندى ھەمدە ئۇلارغا مۇكاپات بۇيۇمى بېرىلدى.


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ