نويابىر 21, 2025
جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى

18-نويابىر

ئۇيغۇر پوچتىسى، ئامىنە سەدەف


ئ‍ستانبۇل-2- نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى. بۇ كۈن ئۇيغۇرلارغا غۇرۇر ۋە ئىپتىخار ئېلىپ كەلگەن مۇقەددەس كۈن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشىغان دۆلەتلەردە ھەرخىل ئۇسۇللار دا بۇ كۈننى تەبرىكلەيدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش مۇل پائالىيەت مەزمۇنلىرى بىلەن بۇ كۈننى دەبدەبىلىك تەبرىكلەشتى.

جۇمھۇرىيەت تارىخى تونۇشتۇرۇلماقتا؛


12- نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى… قاتارلىق 19 تەشكىلات، ۋەقىپ ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى كازلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزىدە 1933- يىلى 12- نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 92- يىلى ۋە 1944- يىلى 12- نويابىر غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 81- يىلى ئىستانبۇلدىكى 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن داغىدوغىلىق خاتىرىلەندى.
بۇ قېتىملىق خاتىرلەش پائالىيىتى 2025- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچ سائەت :6:00 دە قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى بىلەن تۈركىيە ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئارقىدىن نۆۋەت بىلەن ھەر قايسى تەشكىلات، ۋاقىپ ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قىسقا شەكىلدە ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى قىلىپ ئۆتتى.
تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى رەئىسى ئىمىر
ھەسەن ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقپى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەپەندى، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى ، تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى مۇساجان ئەر، ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئالىمجان بۇغدا، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى رەئىسى ئەلىشىر ئەپەندى، نۇزۇگۇم ئائىلە جەمئىيىتىدىن مىنەۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم قاتارلىقلار ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

كۆپچىلىك شەرقى تۈركستان مىللى مارىشغا ھۈرمەت بىلدۈرمەكتە


پىروگراممىدا يەنە ئانا تىل مەكتەپلىرىدىكى ئۇماقلار ۋە ياشلار شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. ئاخىرىدا دۇنيا
ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقپ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەپەندى باشچىلىقىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى بولدى. مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر تەتقىقات ئېنستىتۇتى مۇدىرى دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت ئالىمجان بۇغدا، دارۇلئىمان ئاكادېمىيەسى ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى دوكتور ئاۋازئاخۇن نۇرمۇھەممەت ۋە سۇتۇق بۇغراخان ۋەقپى كونيا تارمىقى رەئىسى دوكتور ئابدۇرېھىم دۆلەت قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە يىقىلىش جەريانلىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، خىتايغا قارشى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىز ھەققىدە توختۇلۇپ، يىغىن ئەھلىنى قىممەتلىك مەلۇمات بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ياش ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە بېغىشلانغان ئەدەبىيات نۇمۇرلىرىغىمۇ ئورۇن بىرىلدى.
بۇ كۈندە ئەنقەرىدىمۇ ئوخشاشلا تەبرىكلەش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ غوللۇق سىياسىي پارتىيەلىرى ۋە تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ كۈننى خاتىرىلىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشى بىلەن، ئەنقەرەدىكى ئىز مېھمانخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتكە تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، يېڭى يول پارتىيەلەر گوروھى، ئەنقەرە شەھەرلىك ھۆكۈمەت، تۈرك ئوچاقلىرى، ئەزەربەيجان ئازافلى ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمىئىيىتى، سۈرىيە تۈركمەن تەشكىلاتلىرى فېدىراتسىيەسى ۋە جەنۇبىي تۈركىستان ئۆزبەك تەشكىلاتلىرى قاتارلىق تۈركىيەنىڭ غوللۇق سىياسىي پارتىيەلىرى، تۈرك ۋە تۈرك دۇنياسى تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە تۈرك مۇخبىرلار بولۇپ 40 تىن ئارتۇق سەرخىل كىشىلەر قاتناشتى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار تۈرك سياسەتچىلىرى بىلەن سۆھبەتتە


ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، 12- نويابىر كۈنى قەيسەرىيدىكى يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارمۇ بىر ئارىغا كىلىپ بۇ كۈننى
قۇتلىدى. بۇ پائالىيەتكە يازغۇچى، ژۇرنالىست تاھا كېلىچ ئەپەندى ۋە سائادەت پارتىيەسى باشلىقى مەھمۇت
ئارىكان ئەپەندىلەرمۇ قاتناشتى.
ئامىنە ۋايىت سەدەف


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading