
ئۇيغۇر پوچتىسى، 22- يانۋار
ئامىنە سەدەف
22- قېتىملىق ئالتۇن مۇۋاپىقىيەت مۇكاپاتى Altın Başarı Ödülleri تارقىتىش مۇراسىمى 20- يانۋار ئىستانبۇل زەيتۇن بۇرنۇ كازىلى چەشمە كۈلتۈر– سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
دىكتور- رىياسەتچىلەر جەمئىيتى ۋە «ھايات» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 20 يىلدىن بېرى قەرەللىك تارقىتىلىۋاتقان بۇ مۇكاپات ھەر يىلى تۈركىيەدە ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن ئەدەبىيات – سەنئەتچى، تەنتەربىيچى، ئاخباراتچى ۋە دىكتور– رىياسەتچىلىرىگە بېرىلدىغان بولۇپ، بۇ يىل ئۇيغۇر ئۆسمۈر سامىر ئابدۇللا ئاقبۇلۇت «كەلگۈسىنىڭ چولپىنى– بالا ئارتىست» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، قانال د دېكتورى تۈمەر دوگرۇ Tümer Doğru، ئا خەۋەر دېكتورى مەرۋە ئۆزكان Merve Özkan، ئاق پارتىيە ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى سەركان بايرام Serkan Bayram، زەيتۇن بۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ئۆمەر ئارىسوي Ömer Arısoy قاتارلىق داڭلىق كىشىلەر بىلەن بىر قاتاردا مۇكاپات تاپشۇرۋالدى.
سامىر سەھنىدە: «مەن بۇ مۇكاپاتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە غەززەدىكى بالىلار ئۈچۈن تاپشۇرۋالدىم» دېدى.

بۇ يىل 12 ياشقا كىرگەن سامىر يەتتە يېشىدىن باشلاپ سەنئەتكە قىزىققان بولۇپ، مەكتەپتىكى ھەر تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىغاندىن سىرىت «مېنى يوشۇرۇپ قوي» Sakla beni، «ياۋايى» Yabani، «مىيىت يۇيغۇچى 1،2،3» Gassal 1,2,3، «ئىبىن سىنا» Ibn-Sina، «ئىسمىم فەرراھ» Adım Ferrah، «قىزىل غۇنچىلار» Kızıl goncala، «ئارقا كوچىلار»، Arka sokaklar، «بۈيۈك سەلچۇقلار- ئالسانجاق»، «ئالدىماق» Aldatmak قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا، «كۈلدۈر-كۈلدۈر بالىلار شوۋ» Güldür Güldür çocuk şov پروگراممىسىسدا ۋە «ھايات بىلەن يارىشىش» Hayatla Barış ناملىق كىنودا ئوينىغان روللىرى بىلەن تۇنۇلغان.
سامىر سەنئەتتىن باشقا يەنە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىمۇ ئاكتىپ بۇلۇپ، بەشىكتاش پۇتپول مەكتىپىنىڭ 2024- 2025- يىلىدىكى چىمپىيون مۇكاپاتىنى ئالغان.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
