«ياۋرونېۋىس» خەۋىرى؛
تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان، 22-ئۆكتەبىر
تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەرەققىيات، ئېنېرگىيە بايلىقلىرى ۋە ياۋروپا بىلەن ختاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيانى، تۇتاشتۇرىدىغا سودا يولى ئارقىلىق ئىقتىسادىي قۇدرەت مەركىزىگە ئايلانماقتا. بۇ ئىتتىپاق ئۆسۈش يوشۇرۇن كۈچى، ئېنېرگىيە بايلىقلىرى ۋە ياش نوپۇسقا ئىگە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئۈچۈن بىريۇسسېلغا نەزەر سالماقتا.
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى قۇبانىچبېك ئومۇرالىيېۋ بىريۇسسېلغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا «ياۋرونېۋىس» (Euronews) خەۋەرلەر تورىغا: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى سودا، يېزا-ئىگىلىك، بىخەتەرلىك، تېخنىكا ۋە باشقا ساھەلەردە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئورتاق كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، دېدى.
ئومۇرالىيېۋ: «ئەگەر سىز بىزنىڭ ئومۇمىي ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىمىز ($2.1 تىرىليون دوللار)، ۋە دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇمىي سودا ($1.1 تىرىليون دوللار) غا قارىسىڭىز،» دېدى. بۇ ئورتاق ئىقتىسادىي ئۆسۈش «جۇشقۇن» ھالدا ئېشىۋاتىدۇ، دەپ قوشۇمچە قىلدى ئەلچى.
ئومۇرالىيېۋ: كۆپ قىسىم تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ھەمدە مۇناسىۋەتلەرنى ئىككى تەرەپلىك رامكىدىن ھالقىپ كۈچەيتىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ چۈشەندۈرۈپ: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قۇرغۇچى ئەزالىرىمىز قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئاسىيا ئارىسىدا، جۈملىدىن خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەقىقىي بىر ئۇلىنىشنى تەمىنلەيدۇ.ئىتتىپاقىمىزدىكى ھەر بىر ئەزا دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى بار»، دېدى.
ئومۇرالىيېۋنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيويېۋنىڭ جۈمە كۈنى بىريۇسسېلغا قىلىدىغان زىيارىتى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ قانداق كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. باش كاتىپ يەنە، كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە، ئىككى ئىتتىپاق ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى قوشۇپ قويدى.
ياۋروپاغا يۈزلەنگەن يېڭى سودا يولى بارلىققا كەلمەكتە
ئومۇرالىيېۋ «ياۋرونېۋىس»قا: تۈرك دۆلەتلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن «ئوتتۇرا كارىدور» دەپ ئاتالغان بۇ يولنىڭ ھازىر ئۇلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى نىشانى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئۇ ھازىرقى توقۇنۇش رايونلىرىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان بىر ئالمىشىش ئۇلىنىش تورى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
قەدىمكى يىپەك يولىنى بويلاپ ماڭغان بۇ «ئوتتۇرا كارىدور» ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى، جۈملىدىن خىتاينى ئىستراتېگىيىلىك ئۇسۇلدا تۇتاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرش تۈرك دۆلەتلىرى ئۈچۈن بىر مۇھىم نۇقتا.
ئومۇرالىيېۋ: «بۇ ‘ئوتتۇرا كارىدور’ دەپ ئاتىلىدۇ، ئەمما تارىخقا نەزەر سالساق ئۇ بۈيۈك يىپەك يولىدۇر. بۇ يول بىزنىڭ ئەزا دۆلەتلىرىمىز ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئارقىلىق ئۆتىدۇ»، دېدى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ۋە ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشىدىن بۇرۇن پىلانلانغان ئوتتۇرا كارىدور ھازىر رېئاللىققا ئايلانماقتا. ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تۇتاشتۇرۇش يولىنى 2,000 كىلومېتىر قىسقارتىدۇ ھەمدە كۆپ ئەرزانغا توختايدۇ.»
باش كاتىپ: تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ ئېنېرگىيە زاپىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەمدە يېڭىلىنىشچان ئېنېرگىيە جەھەتتىمۇ زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولۇپ، ياۋروپا ئۈچۈن يوشۇرۇن كۈچكە تولغان سودا پۇرسەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىقلار كىرىدۇ؛ تۈركمەنىستان، ھونگىرىيە ۋە شىمالىي سپرۇس كۆزەتكۈچى ئەزا سالاھىيىتىدە تۇرماقتا.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
