
ئۇيغۇر پوچتىسى، 10-ئۆكتەبىر
ئامېرىكا بىلەن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ كورېيەنىڭ جەنۇبىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۇچرىشىشى ئالدىدا، خىتاي تەرەپ ئامېرىكا ئۈچۈن سۈنئىي ئىدراك (AI) تەرەققىياتى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق مۇھىم ساھەلەرگە زۆرۈر بولغان بىر تۈركۈم ھالقىلىق كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ (ناھايىتى ئاز تېپىلىدىغان مىنېرال ماددىلار) ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويۇش توغرىسىدا ئېلان چىقاردى. بۇ ھەرىكەت، ئادەتتە خىتاينىڭ سودا سۆھبەتلىرىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئويۇنى دەپ قارالدى.
بۇنىڭغا جاۋابەن، پرېزىدېنت ترامپ جۈمە كۈنى ئۆزىنىڭ ”Truth Social“ سۇپىسىدا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلاپ مۇنداق دېدى:
”بىز ھازىر پىلانلاۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ بىرى، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا كىرىشىگە قارىتا ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. يەنە نۇرغۇنلىغان قارشى تەدبىرلەرنىمۇ ئوخشاشلا جىددىي ئويلىشىمىز.“
ترامپ يەنە خىتايغا قارىتا ئېكسپورت چەكلىمىسى سېلىش ئارقىلىق ئۆچ ئېلىش پىلانىنىمۇ ئىشارەت قىلدى.
خىتاينىڭ بۇ تەھدىتى بىلەن ترامپنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسى، ئالدىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان كۆرۈلگەن ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەتەن مۇقىم مۇناسىۋەتنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
ئەگەر خىتاي بۇ چەكلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرسە، ئامېرىكا بۇ مۇھىم كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئورنىنى دەرھال تولدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغاچقا، ئامېرىكا ئىقتىسادىغا كەڭ كۆلەمدە زىيان سېلىنىدۇ.
بۇ ھەرىكەتلەر، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىر-بىرىگە نىسبەتەن ئىرادە كۈچىنى سىناش باسقۇچى دەپ قارالماقتا.
مەنبەسى ئاكسيوس، قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئۇيغۇر، تۈزەتكۈچى: تۇرسۇنجان