ئۇيغۇر پوچتىسى

27-فېۋرال

نەتىجىلىك ئۇيغۇر پىروفېسور، ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمن ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات ساھەسىدىكى بۆسۈش خارەكتىرلىك ئىلمىي مۇۋەپىقىيەت ۋە بەدىئى ئجادىيەت ساھەسىدىكى چىقارلىق ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم، تالانىتلىق ئەدىب، تۆھپىكار مائارىپچىدۇر.

ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن 1933-  يىلى9-28-كۈنى ئاتۇشنىڭ باغئېرىق كەنتىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.   يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۈرۈمچىدە، ئوتتۇرا مەكتەپنى قەشقەردە ئوقۇپ تاماملىغان. 1950 – يىلى سابىق «شىنجاڭ»ئىنستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1952 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆز مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1954 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتڭ ماركسىزم – لېنىنىزم ئاسپىرانتورىيسىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا، كېيىنچە «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى، كۇتۇپخانا خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995 – يىل 2 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئەمىن 1948 – يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ئۇ، ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى، «قارلىق تاغ شەجەرىسى»گە ئوخشاش چوڭ ھەجىملىك داستانلارنى يېزىپ ۋە ئېلان قىلدۇرۇپ، كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلىرىمىزنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئۇنىڭ قوش تىلدا يازغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ XI ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى ناملىق ماقالىسى 1956- يىلى «شىنجاڭ» ئىنىستوتى ئىلمىي ژورنىلدا خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىنغان ۋە بۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا “ قۇتادغۇبىلىك“ ۋە “ تۈركىي تىللار دېۋانى “ تەتقىقات ساھەسىدىكى تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى.ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن  20 يىل ئوڭچىل قالپىقى كىيگەن.

1975- يىلى مىجىت قاسىم ، مۇزەپپەر ئەزىز قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تارىخىغا ئائىت  “ شىنجاڭدا 1944-1949- يىللاردىكى خەلىق ئېنقىلابى“ دېگەن كىتاپنى يېزىپ تاماملىغان.ئەمما شۇ يىللىرى خىتاي مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان “ ئىستىل تۈزىتىش “ ھەركىتىنىڭ تەسىرى بىلەن بۇ كىتاپ نەشىر قىلىنمىغان.

ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرى:

  1. ”شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋىردىكى ناخشا- ئۇسۇل سەنئىتى  ”

شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 1980

  1. “ ئۇيغۇر كىلاسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە“

مىللەتلەر نەشىرياتى 1980

  1. “ رۇبائىيات 1″ قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 1982
  2. “ ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا ئائىت مەسىلىلەر“ بەش پارچە ماقالىلەر توپلىمى 

قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 1982

  1. “ چوغلۇق“ شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 1986
  2. “ ئومومىي ئستېتىكا“ شىنجاڭ ياشلار نەشىرياتى 1985
  3. “ فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى“شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 1986
  4. “ قارلىق تاج شەجەرىسى“ شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 1988
  5. “ رۇبائىيات 2″ قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 1989
  6. “ قاتلاملىق ئېستىتىك“ شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتى نەشىرياتى 1994
  7. “ ئۇيغۇر پەپسەپە تارىخى“ شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 1997
  8. “ ئۇيغۇر مۇقام غەزىنىسى“ شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 1997
  9. “ غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى“شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 1998
  10. “ قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى“ شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتى نەشىرياتى 1999
  11. “ سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى“ شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 2000
  12. “ ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ھېكمەتلىرى 1″شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 2000 
  13. “ يېپەك يۇلىدىكى توققۇز ھېكمەت“شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 2001
  14. “ ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيتى“ شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 2002
  15.  ”قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا ”(تۇران تارىخى)

شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 2002

  1. “ ئائىلە“ شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتى نەشىرياتى 2002

بۇنىڭدىن سىرت نۇرغۇنلىغان ماقالىلىرى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ۋە 30 دىن ئارتۇق نوپۇزلۇق كىتاپقا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن .

تەييارلىغۇچى: ئامىنە سەدەف


ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ

داۋاملىق ئوقۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىڭ.

داۋاملىق ئوقۇڭ