ئۇيغۇر پوچتىسى، 6-يانۋار
2022-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قاباھەتلىك ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، خىتايدا كوۋىد چەكلىمىلىرىگە قارىتا يامرىغان «ئاق قەغەز ھەرىكىتى»گە قاتناشقان ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزكۇر ھەرىكەتكە ئالاقىدار بىر سىننى ھەمبەھىرلىگەن ستۇدېنت كامىلە ۋايىت (Kamile Wayit) «ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.
كامىلە ۋايىت 28-دېكابىر جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان خىتايچە باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇنىڭ ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان كۈنلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز دائىرىلەرنى ئۇنىڭغا دۆلەت چېگراسىدىن ئەركىن كىرىپ-چىقىش ۋە مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق تولۇق ئەركىنلىك بېرىشكە چاقىرىمىز. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كامىلەنى قوللاپ ئىمزا قويغان ۋە ئاۋاز چىقارغان بارلىق قوللىغۇچىلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭلار زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
