نويابىر 21, 2025
ئەركەك كۆز يېشى: خالىس ئۆزدەمىر لىكىسيەسىدىن تەسىرات

  خالىس ئۆزدەمىر: پەلەستىننىڭ دەردىنى ئاڭلىغاندا قايغۇردۇم، ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى ئاڭلىغاندا يىغلىدىم. (بىر لىكىسيەسىدىن تەسىراتىم)

شۆھرەت ھوشۇر

ئادەتتە «ئەركەك يىغلىمايدۇ»  دەيمىز، «ئەركەككە يىغا ياراشمايدۇ»  دەيمىز.  توغرا، ئەركەكتىن كۈتۈلىدىغىنى بۇ؛قويۇلىدىغان ئەقەللىي تەلەپ بۇ. ئەمما يىغا يۇرەكتىن چىقىدىغان بولغاچقا؛ ئۇ ئەقىل ۋە  ئىرادىنىڭ كونتروللىقىدا بولمىغاچقا، ئۇنى بەزىدە  تۇتۇپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا  تاغدەك بىر ئەرنىڭمۇ، شىر يۇرەك بىر قەھرىماننىڭمۇكۆز يېشى قىلىپ قالىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. بەلكى بۇ ئىنسانىي بىر ئاجىزلىقتۇر، بەلكىم بۇ  ئىنسانىي بىر ئۈستۈنلۈك سۈپىتىدۇر. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆز يېشىنىڭ  ئەركەكنى ئۇلۇغ كورسىتىدىغان دەقىقىلىرىدىن بىرىگە بۇ نۆۋەتلىك تۈركىيە سەپىرىمدە، بىر كونفرانستا شاھىد بولدۇم.

1- نويابىر «تۈركىيە بىرلىك ۋەخپى» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ يىغىندا، يازغۇچى، «شەرقى تۈركىستان ۋە قىرغىنچىلىق شاھىدلىرى» ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتورى  خالىس ئۆزدەمىر گۇلباھار جېلىلوۋا قاتارلىق لاگىر شاھىدلىرىمىزنىڭ ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بەزىدە پەريادلىق، بەزىدە غەۋغا- چۇقانلىق  ھەركەت  قىلغان «ئائىلەم نەدە؟» نامايىشچىلىرىنىڭ ھېكايىلىرىدىن مىساللار ئېلىپ، شەرقى  تۇركىستان ۋەزىيىتىنى تۈركلەرگە تونۇشتۇردى.  بىر سائەتچە داۋام قىلغان لېكسىيەسىدە، ئۇ ئاز دېگەندە بەش قېتىم كۆز يېشىنى تۇتالمىدى.

بۇ ياش تۆككۈچى  جەمئىيەت كۆرمىگەن  رومانتىك بىر ياش ئەمەس، بىر ئەرتىس ئەسلا  ئەمەس، بەلكى 50 يىلدىن ئارتۇق ھاياتى تۈركىيەدىكى ھەق-ئادالەت كۆرەشلىرىنىڭ قايناملىرىدا ئۆتكەن، «12- سىنتەبىر سىياسي ئۆزگۈرۈشى» دەپ ئاتىلىدىغان سىياسىي بوران چاپقۇندا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، ئۇ ھۆكۈم كىيىن تۆت يىللىق قاماققا ئۆزگەرتىلگەن ۋە ئىجرا قىلىنغان؛ تۈركىيەنىڭ مەشھۇر سىياسىي رەھبەرلىرىدىن نەجمىدىن ئەرباقانغا  25 يىل مەسلىھەتچى بولغان؛ «ۋىزيون» قاتارلىق تېلىۋىزىيە قاناللىرىدا 20 نەچچە يىل رىياسەتچىلىك قىلىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى خەلقارالاشتۇرۇشتا ئالدىنقى سەپتە رول ئالغان، پىشقان ئاخباراتچى، تونۇلغان يازغۇچى  ۋە تەجرىبىلىك بىر سىياسەتچى ئىدى.

لىكسىيەسىدىن بىرقانچە نەقىل:

… تىلېۋىزىيە پروگرامملىرىمغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئېلىپ چىقسام، بەزى كەسپداشلىرىم «كىشىلەر بەك بىلمەيدىغان بۇ تىمىغا نېمانچە ئېسىلىۋالىسەن» دېدى. مەن ئۇلارغا «باشقىلار بۇ پاجىئەنى  يازمىغانلىقى ئۇچۇن يېزىۋاتىمەن، باشقىلار بۇ دەرتنى كۆرمىگەنلىكى ئۇچۇن سوزلەۋاتىمەن، باشقىلار بۇ تىمىدىن قاچقانلىقى ئۇچۇن مەن بۇ تېمىنى قوغلاۋاتىمەن، باشقىلار بۇ مىللەتنى يېتىم قالدۇرىۋاتقىنى ئۇچۇن مەن يېنىدا تۇرىۋاتىمەن» دەپ جاۋاپ بەردىم. 

بۇ گەپلەر بولۇنغان سورۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئوندىن ئاشمايمىز، تۈركلەرنىڭ سانى بولسا، 70-80 ئەتراپىدابار. دېمەك، بۇ گەپلەر ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۇچۇن دېيىلىۋاتقان  ھىسسىياتلىق گەپلەر ئەمەس، قەلەم تۇتىۋاتقان مەيدانىغا ئىزاھات بېرىپ دېيىلىۋاتقان گەپ.

  سۆزلىرىدىن يەنە بىر نەقىل:

… مەن شەرقى تۇركىستانلىقلارنىڭ مەسىلىسىنى  شەرقى تۇركىستانلىقلارنىڭ ئۆزىدىن بەكرەك چۈشىنىمەن…

بۇ بىر ماختىنىش ئەمەس، ھالىمىزغا ئېچىنىش. بۇ ئېچىنشنىڭمۇ ئاساسى بار. چۈنكى  ئۇ،  بىر ئەركىن دۇنيانىڭ ئەزاسى بولۇش سۇپىتى بىلەن دۇنيانى بىزدىن جىقراق كۆزىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان شەخس؛  ئۇ 20 نەچچە كىتاپ يازغان بىر يازغۇچى بولۇش سۇپىتى بىلەن جەمئىيەت مەسىلىلىرىنىڭ يىلتىزىنى  كۆرۇش قۇۋۋىتىگە  ئىگە بولغان بىر تەتقىقاتچى. پەلەستىن مەسىلسىدەك بازارلىق مەسىلىنى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە سېلىشتۇرۇپ،  پەرقىنى  ئېنىق ۋە تولۇق تونۇپ يەتكەن تەجرىبە ئىگىسى. 

خالىس ئوزدەمىر پەلەستىن تىمىسىدىمۇ ئازراق گەپ قىستۇردى، ئېنىق جۈملىلىرى ئېسىمدە يوق، ئەمما مەزمۇنى شۇ: «پەلەستىنلىكلەرنىڭ دەردىنى ئاڭلىغان چېغىمدا قايغۇردۇم ، غەمگە پاتتىم؛ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىغىنىمدا، يوشۇرمايمەن، يىغلىدىم.»

دېمەك، خالىس ئوزدەمىر شەرقى تۈركىستان ھەققىدە كىتاپ يازغان چېغىدا، كىتابىنىڭ بازار تېپىش-تاپماسلىقىنى ئويلاشمىغان؛ شەرقى تۇركىستان ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەۋاتقاندا، ئاڭلىغۇچىلىرىدىن  ئالقىش كېلىش-كەلمەسلىك بىلەن كارى بولمىغان؛ پەقەت ۋە پەقەت، بىر تۇرك، بىر مۇسۇلمان، بىر ئىنسان سۈپىتىدە ۋىجدانىنى راھەتلىتىشنى، ئىمانىي بۇرچىنى ئادا قىلىشنىلا  كۆزلىگەن.

شۇڭا ئۇنىڭ يىغىن جەريانىدا تۆككەن بەش قېتىملىق كوز يېشىدىن مەن بىر ئاجىزلىقنى ئەمەس، ئاز ئۇچرايدىغان، بۇگۇنكى  دۇنيادا كەم بولۇۋاتقان بىر ئۇلۇغلۇقنى بايقىدىم. ئۇ بولسىمۇ، خەق كۆرسۇن-كۆرمىسۇن، ئۈنۈمى بولسۇن-بولمىسۇن، پايدا چىقسۇن-چىقمىسۇن ھەقىقەت تەرەپتە تۇرۇش، مەزلۇمنىڭ يېنىدا بولۇش.  شۇڭا مەن  بۇ كوز يېشىنى«ئەركەك كۆز يېشى» دەپ ئاتاشنى موۋاپىق كۆردۇم. ئاللاھ تېنىنى ساق قىلغاي، قەلىمىگە ھەسسىلەپ قۇۋۋەت بەرگەي!


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading