شىۋېتسىيەدىكى بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ جىيەنى تۈرمىگە ئەۋەتىلگەن ئانىسى بىلەن كۆرۈشىدىغان چاغدا 17 ياشقا توشىدۇ.
ئۇيغۇر پوچتىسى تەرجىمە ماقالىسى، 10-دېكابىر
ئەرشىدىن ئوسمان ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن بىللە
تۇغقانلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلالمايۋاتقان ئامىنە ئوسمان سىڭلىسىنىڭ ھازىرغىچە ھايات ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇ پەقەت سىڭلىسىنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، 4 بالىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىز چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنىلا بىلىدۇ. ئۇنىڭ 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئاكىسىنىڭ بالىلىرىمۇ ئوخشاش دادىسىز چوڭ بولماقتا.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۆيىدە قالغان تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمايدىغان ئىشلار كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق كەچمىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
48 ياشلىق ئامىنە ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدىن بولۇپ، 2003-يىلدىن بېرى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن شۋېتسىيەدە ياشاپ كەلمەكتە. ئۇ بىر چوڭ ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، دادىسى بانكا خىزمەتچىسى، ئاپىسى 12 بالىنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئائىلە ئايالى ئىدى.
ئامىنە ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئائىلەم دىن ۋە پەننى تەڭ قەدىرلەيدىغان، ھەم ياخشى ئادەم ھەم ياخشى پۇقرا بولۇشقا تىرىشىدىغان ئائىلە ئىدى.» «بىز ئۆز مەدەنىيىتىمىز بىلەن پەخىرلىنەتتۇق، لېكىن سىياسەتكە ئارىلاشمايتتۇق. بىز ھەمىشە ھۆكۈمەت بىزنى كۆزىتىپ تۇرىدىغاندەك ھېس قىلاتتۇق، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنى جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇۋاتقاندەك، ھەم جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغاندەكمۇ ھىسسىياتتا بولاتتۇق. مەسىلەن، دادام پېنسىيەگە چىقىپ يەنە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن بانكىدىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنغانىدى.»
شۋېتسىيەگە كەلگەن دەسلەپكى چاغلاردا ئامىنە ئاقسۇدىكى ئائىلىسى بىلەن Skype دىن ئىبارەت بۇ ئەرزان ۋە قولاي ئەپ ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرغان. ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك تېلېفون قىلىپ، ھەممە تۇغقانلىرى بىلەن نەچچە سائەتلەپ سۆزلەشكەن.
كېيىن ئەھۋال ئۆزگەرگەن. مۇھاجىرەتتىكى باشقا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، ئامىنە ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئالاقىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىشىدەك غەلىتە ۋە ئازابلىق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن.
«2016-يىلدىن باشلاپ تېلېفونغا پەقەت ئاناملا جاۋاب بېرىدىغان بولدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، باشقىلارنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىي سىياسىي يىغىنلارغا ۋە بايراق چىقىرىش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىش بىلەن ئالدىراش ئىكەن. دەل شۇ چاغلاردا مەن سىڭلىمنىڭ يوپكىسىنى قىسقارتىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى، قۇرئاننى، شۇنداقلا ئۇزۇن يوپكا ۋە رومالغا ئوخشاش مۇسۇلمانچە دەپ قارىلىدىغان بويۇملارنى، ھەتتا ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆيدۈرۈشكە بۇيرۇلغانلىقىنى ئاڭلاشقا باشلىدىم.»
2017-يىلى ئامىنە ئۆزىنىڭ 37 ياشلىق سىڭلىسى ھاۋاخان ئوسماننىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان. ئاپىسىدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغاندا ئاپىسى ئۇنىڭغا بۇ تېما ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىقنى تەلەپ قىلغان. ئامىنەم ئاپىسىنىڭ يالۋۇرۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەنلىگىنى ئەسلەيدۇ: «باشقا ھېچقانداق گەپ قىلماڭ»، «پەقەت ئۆزىڭىزگە ئوبدان قاراڭ، بىزگە ئەمدى تېلېفون ئۇرماڭ، بىز ياخشى تۇرىۋاتىمىز.» كەينىدىن ئامىنەنىڭ ئاكىسى تېلېفوننى ئېلىپ، نېمىشقا تېلېفون قىلىدىغانلىقىنى سوراپ ئۇنىڭغا ۋارقىرىغان. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن تېلېفون قىلغاندا، ئاپىسىنىڭ تېلېفونى ئۇلانمىغان؛ باشقا تۇققانلىرىغا تېلېفون قىلغاندا، ئۇلار تېلېفونغا جاۋاب بەرمىگەن. «مەن شۇنچىلىك قاتتىق ئازابلاندىم، مەن ئېغىر بېسىم سەۋەبىدىن ئۇخلىيالمىدىم. روھىي ھالىتىمنى ياخشىلاش ئۈچۈن دورا يېيىشكە مەجبۇر بولدۇم. بالىلىرىم ئۈچۈن يەنە ساقىيىشىم كېرەك ئىدى.»

ئۇزۇن ئۆتمەي، ئامىنە باشقىلاردىن ئۆزىنىڭ ئىنىسى ئىبراھىم بىلەن ئاكىسى ئەرشىدىننىڭمۇ تۇتۇلۇپ، قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان. ئۇ ئىبراھىمنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئۇلار ئۇنىڭ «سىرتتا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى»نى ئېيتقان، ئامىنە بۇنى لاگېرغا قامالغانلىقنىڭ خىتاي ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان باشقىچە ئاتىلىشى دەپ چۈشەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئامىنەمنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۈزۈلۈپ قالغان.
2020-يىلى فېۋرالدا، ئامىنە يولدىشىنىڭ كونا تېلېفونىدىكى ئالاقىلىشىش تىزىملىكىدىن تېپىلغان بۇرۇنقى نومۇر ئارقىلىق بىر سىڭلىسى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، ئەمما ئالغىنى پۈتۈنلەي شۇم خەۋەر بولۇپ چىقىدۇ: ئۇلارنىڭ كەلپىندىكى ئەينى چاغلاردا بىر جەمەت كىشىلىرى بىللە ياشىغان چوڭ ئۆيى ھازىر خارابىلىققا ئايلانغانىدى. «سىڭلىم ماڭا ئاپام بىلەن ئىنىمنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆزى بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن ئىنىم ئىبراھىمنى لاگېردىن چىقىپتۇ دەپ چۈشەندىم. ئەمما ھېس قىلىشىمچە، ئۇ تولۇق قويۇپ بېرىلمىگەنىدى، مەن ئاڭلىغان جاۋابقا ئاساسەن ئۇ مەلۇم خىل مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ گۇمان قىلىمەن.»
بوش قالغان ئۆيلەر بىر جەھەتتىن بۇ ئۆيدىكى پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بەرسە، يەنە بىر جەھەتتىن ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىدىكى «نامراتلىقنى تۈگىتىش»نىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەپ ماختالغان، ئەمما ئۇ چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن «كونترول قىلىش ۋە ئىدىيە ئۆزگەرتىشنىڭ يەنە بىر ۋاسىتىسى» دەپ تەنقىد قىلىنغان دۆلەت يېتەكچىلىكىدىكى ئۆي كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنىڭمۇ نەتىجىسى ئىدى. ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئۆيلىرى ۋە مەھەللىلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي چېقىلىپ كېتىلىشى ئومۇمىي ھادىسە سۈپىتىدە ئىسپاتلىق خاتىرىلەنگەن.

ئامىنەمنىڭ باشقا قېرىنداشلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تېخىمۇ يامان ئىدى. «مەن ھېلىقى سىڭلىم سىنلىق سۆزلىشىۋاتقاندا، يەنە بىر سىڭلىم ھاۋاخاننى سورىدىم، ئۇ ماڭا بىر سۈرەتنى كۆرسىتىپ، سۈرەتتىكى شۇ ۋاقىتتا تەخمىنەن ئالتە ياشلار ئەتراپىدا بولغان ھاۋاخاننىڭ كىچىك ئوغلىنى ئىما قىلىپ تۇرۇپ: <ئاپىسى قايتىپ كەلگەندە ئۇ 17 ياشقا كىرىدۇ> دېدى، ئاندىن ئۇ سۈرەتتىكى ئاكام ئەرشىدىننىڭ ئالتە ياشتىكى كىچىك بالىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: <دادىسى قايتىپ كەلگەندە ئۇ 21 ياشقا كىرىدۇ> دېدى. مەن شۇ ئارقىلىق سىڭلىم ھاۋاخاننىڭ تەخمىنەن 15 يىل، ئاكام ئەرشىدىننىڭ تەخمىنەن 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى چۈشەندىم، چۈنكى ئۇلار بىر نەچچە يىل ئىلگىرى تۇتۇپ كېتىلگەنىدى.» «ئاكامنىڭ يەتتە بالىسى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ھازىر نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئاكامنىڭ ئايالىمۇ ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، مېنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ رۇخسەتتىن ئارتۇق تۆت بالا تۇغۇپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى بولۇشى مۈمكىن.»
ئىلگىرى ئادەتتە جەرىمانە قويۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنىپ كېلىۋاتقان نورمىدىن ئارتۇق بالا تۇغۇش يېقىنقى يىللاردا تۇتقۇن قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ئامىنە سىڭلىسى ھاۋاخاننىڭ تۇتۇلىشىغا يولدىشىنىڭ چەت ئەلگە ساياھەتكە چىققانلىقىدىن باشقا نورمىدىن ئارتۇق تۇغۇشىمۇ يەنە بىر سەۋەپ بولغان بولىشى مۈمكىن دەپ گۇمان قىلىدۇ. ئامىنەم مۇنداق دەيدۇ: «لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى باھانە، ئاساسلىقى، ئۇلار ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن نىشانغا ئېلىنغان. ئۇلار بۇنداق جازاغا ھەقلىق بولغۇدەك ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن. ھاۋاخاننىڭ تۆت بالىسى بار، مەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى بالىنى ياتاقلىق مەكتەپكە ئەۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم.» قالغان ئىككى بالا ھازىر ئامىنە ئوسماننىڭ ئاپىسى ۋە كىچىك سىڭلىسى بىلەن بىللە ياشاۋېتىپتۇ. ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدا، ئامىنە ئۇلاردىن يۈرەكنى پارە قىلىدىغان يەنە بىر ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالغان.

«سىڭلىم ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە ھاۋاخاننىڭ ئوغلىنىڭ بىر پارچە سۈرىتىگە قوشۇپ: <ئاپامنىڭ سۆزلىرىنى يېزىۋالىمەن دەپ دەپتەر-قەلەم ئېلىپ بارغىنىڭ، ئەپسۇس.» دېگەن جۈملە بىلەن پارە بولغان يۈرەك ئىپادىسىنى چىقاردى. خىتايدا مەھبۇسلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈشى ئادەتكە ئايلانغان، شۇڭا مەن سىڭلىم ھاۋاخاننىڭ بالىلىرى ئۇنى يوقلاپ بارغان بولۇشى مۈمكىن دەپ پەرەز قىلدىم. <ئۇلار ئانىسنى كۆرەلەپتىمۇ؟> دەپ سىڭلىمغا ئىنكاس يازدىم، لېكىن سىڭلىم جاۋاب ئورنىدا ئۈچ دانە يىغا ئىپادىسىنىلا ئەۋەتتى. بۇ مېنى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى، مەن: <ئۇ ھاياتمۇ؟ ماڭا راست گەپنى ئېيتقىن!> دەپ سورىدىم. ئۇ يەنە ئىككى دانە يىغا ئىپادىسى بىلەن جاۋاب بەردى. بۇنىڭ سىڭلىمنىڭ ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن؛ بەلكىم ئۇ ھاياتتۇ، لېكىن ئۇلار كۆرۈشەلمىگەنمىدۇ، بىلمەيمەن؛ ئۇنىڭ بالىلىرىغا ھەقىقەتەن يۈرىكىم ئېيچىشىدۇ.»
مەزكۇر ماقالىنىڭ مەنبەسى «شاھىت بىز» سانلىق مەلۇمات تور بېكىتىنىڭ ئورگان بىلوگى بولۇپ، «شاھىت بىز» نىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنپ، ئىلان قىلىندى
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
