يانۋار 28, 2026

ئۇيغۇر پوچتىسى، 21- يانۋار

4. تۆت تامنىڭ ئىچىدە جىمجىت ئېلىشىش

يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ ئۈچ ئاكا- ئۇكىنىڭ ئەھۋالى قانۇنىي جەھەتتىن ئېنىقسىز ھالەتتە قالدى. ئۇلار قايتا سوتلىنىش ياكى ئاقلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان بولۇپ، بۇ جەريان ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى ئېغىر بىر مەجھۇللۇق قاينىمىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

 ئادۋوكات لاسسۇ «ئەلجەزىرە»گە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئىنتايىن ئېغىر روھىي بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. ياشلىقى تۈرمىدە ئۆتۈپ كەتكەن بۇ ياشلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر پەقەت قانۇنسىزلىق ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي ئىنسانىيلىققا قارشى بىر رەھىمسىزلىكتۇر.» 

مەزكۇر ئاكا- ئۇكىلار لاداختىكى لېھ تۈرمىسىدىن جاممۇ- كەشمىرنىڭ مەركىزى سرىناگاردىكى (Srinagar) تۈرمىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەن. لاداخنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا كۆنۈپ قالغان بۇ ئۈچەيلەننىڭ سالامەتلىكى سرىناگارنىڭ دىمىق ئىسسىق ھاۋاسىغا ماسلىشالماي قىينالغان. ئادۋوكات لاسسۇ بۇ ئەھۋالنى تەسۋىرلەپ، تۈرمىنىڭ ناچار شارائىتى ۋە كىلىمات پەرقى بۇ ياشلارنىڭ ئاللىقاچان زەخمىلەنگەن روھىيىتىگە تېخىمۇ ئېغىر زەربە بولدى، دەيدۇ. لاسسۇ ئۇلار بىلەن بىر تۈرمىدە ياتقان بىر مەھبۇسنىڭ ئېغىزىدىن بۇ ئەھۋالنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «ئۇلار بۇ يەردە يىللاردىن بېرى بار، ئەمما خۇددى يوق تۇرغاندەك ھېس قىلىسىز، شۇنچىلىك جىمجىت». كىيىنكى يىللاردا لاسسۇنىڭ بۇ ئۈچەيلەننى ھاۋا كىلىماتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىگە يېقىنراق بولغان جايلارغا يۆتكەش توغرۇلۇق ئىلتىماس قىلغانلىقى ۋە جاۋابسىز قالغانلىقى تاراتقۇلاردىن ئورۇن ئالغان. 

ئۇيغۇر ئادۋۇكات ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى رەيھان ئەسەت خانىم «سىم» The Wire تورىغا بەرگەن باياناتىدا، ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ يۆتكەشلىرىنى «رەھىمسىز قىلمىش» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە بۇنى «ھۆكۈمەتنىڭ ئىنسانىي شەپقەتتىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى» دەپ كۆرسەتكەن. رەيھان ئەسەت سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۈچ ياش ئادالەتسىزلىكنىڭ ئەڭ تىپىك قۇربانى سۈپىتىدە، ئون يىلغا يېقىن ناھەق قاماق جازاسىغا دۇچ كەلدى. ياشلار تۈرمىدىكى ئادەم لىق تولغان، تاشقىرىدىكى پىژغىرىم ئىسسىق تۈپەيلىدىن تاقەت قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتكەن ناچار شارائىتنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ تەلىپىگە سوغۇق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇلارنى كىلىماتى تېخىمۇ ئىسسىق بولغان باشقا بىر شەھەرگە يۆتكىۋەتتى.» ئادۋۇكات رەيھان ئەسەتنىڭ قارىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي تەلەپلىرىگە قارىتا بېرىلگەن بىر جازا بولۇپ، بۇ دېلونىڭ بارغانسېرى ئېغىر بىر ئىنسانىي ھوقۇق كىرىزىسىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم پاش قىلماقتا.

بۇ ئۈچ ئۇيغۇر ياش 13 يىلغا سوزۇلغان تۈرمە ھاياتىدا پەقەت ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قېلىپلا قالماي، بەلكى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىنمۇ يالغۇز قالغان. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2019- يىلى بۇ ئاكا- ئۇكىلارنىڭ بىرىنىڭ سالامەتلىكى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشقان. تۈرمىدىكى چەكلىك داۋالاش شارائىتىدا، بۇ ياشلار ئاشقازان ۋە ئۆپكە كېسەللىكلىرى بىلەن ئېلىشىشقا مەجبۇر بولغان. ئادۋۇكات لاسسۇنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، دوختۇرلار يازغان زۆرۈر دورىلار تۈرمە بىيۇروكراتىيەسىنىڭ پەرۋاسىزلىقى تۈپەيلىدىن يا سىستېما ئىچىدە يوقاپ كەتكەن، ياكى ئۇلارنىڭ قولىغا بەك كېچىكىپ تەككەن.

 «يەكشەنبىلىك مۇھاپىزەتچى» Sunday Guardian تورىنىڭ زىيارىتىدە دېيىلىشچە، 2024- يىلى سېنتەبىدە، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ئۆمەك ئۇلارنى زىيارەت قىلغىلى بارغاندا، 11 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۆز ئانا تىلىدا پاراڭلاشقان بۇ ئۈچەيلەن ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتكەن.

ۋاسىم ئابدۇللاھمۇ بۇ ياشلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، داۋالىنىش مەسىلىسى پەقەت بىيۇروكراتىك بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. سىرتتىن كېلىدىغان ماددىي ياردەمنىڭ چەكلىك بولۇشى، بۇ ئۈچەيلەننىڭ زۆرۈر تېببىي مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن.

بۇ ياشلار تۈرمىدىكى قىيىن شارائىتتا دىنىي ئىبادەتلەرنى مەنىۋى جەھەتتىن ھايات قېلىشتىكى ئەڭ چوڭ تايانچ قىلغان. لاسسۇنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرۈشىچە، ئاكا- ئۇكىلار تۈرمىدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇش، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە رامزان ئايلىرىدا روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشقا تىرىشقان.

بۇ ئۈچەيلەن تۈرمىدىكى ۋاقتىنى پەقەت چۈشكۈنلۈك بىلەنلا ئۆتكۈزمەستىن، تۈرمىداشلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە كىتاب- گېزىت ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى يېتىشتۈرگەن. مۇستەقىل ژۇرنالىست ھەسسەن ئاككاش (Hassan Akkas)نىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ جەرياندا ئۇلار ئوردۇ، ھىندى ۋە ئىنگلىز تىللىرىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، بۇ تىللاردا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكەن. تۈرمىنىڭ تار رېشاتكىلىرى ئارىسىدىكى بۇ ئۆگىنىش مۇساپىسى ئۇلار ئۈچۈن بىر خىل «ھايات قېلىش مەكتىپى»گە ئايلانغان بولۇپ، بۇ جەريان ئۇلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مەنىۋى ئالاقىسىنى ساقلاپ قېلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلانغان. 

بۇ خەۋەرنى يېزىش جەريانىدا بۇ ئۈچەيلەن توغىرسىدا تەپلىسي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ھىندىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋاسىم ئابدۇللاھ بىلەن ئالاقىلاشتۇق. ۋاسىمنىڭ دېيىشچە، ئۇنىڭ دادىسى ھاجى مۇھەممەد ئابدۇللاھ ھىندىستاندىكى دەسلەپكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، لاداخ رايونىدا ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ساناقلىق كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. 2013- يىلى مەزكۇر ئۈچەيلەن چىگرادا تۇتۇلغاندا، ئۇلار بىلەن چۈشىنىشەلمىگەن ھىندى- تىبەت چېگرا ساقچىلىرى (ITBP)  ئابدۇللاھنى سرىناگاردىن تىك ئۇچار بىلەن لېھقا ئېلىپ كەلگەنىكەن. ۋاسىم ئابدۇللاھ «ئۇيغۇر پوچتىسى» غا بەرگەن يازما جاۋابىدا: «دادام ئۇلار چۈشىنىدىغان تىلدا سۆزلىگەن تۇنجى كىشى ئىدى. ئۇلار ئىچىدىكى بارلىق قورقۇنچلىرىنى ۋە بېشىدىن ئۆتكەن دەھشەتلەرنى پەقەت دادامغىلا ئېيتىپ بېرەلىگەن» دېدى. 

ۋاسىم ئابدۇللاھ بۇ ياشلارنىڭ تۈرمىدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ:« ئۇلارنىڭ بىرى ئېغىر كېسەل، ئىقتىسادىي ياردەم بولمىسا داۋالىنىشى تەس.» زىيارەت جەريانىدا ئۇنىڭ بايانلىرىدا يەنە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قارىتىلغان بىر كايىش چىقىپ تۇراتتى: «بۇ دېلونى چوڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى يېتەرلىك قوللىمىدى. بىر يىل ئىلگىرى بىر تەشكىلات كۆڭۈل بۆلۈشكە تەمشەلگەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىن ئۇمۇ سۈكۈت ئىچىدە چېكىندى.»

كۈچلۈك بىر سىياسىي لوبىي ۋە ياردەم بولمىغاچقا، بۇ ئۈچەيلەننىڭ تەقدىرى ئون يىللار بويى ئۇنتۇلۇش ۋە مەجھۇللۇق قاينىمىدا قالغانىدى. بۈگۈن بۇ ئۈچ ئاكا- ئۇكا ھىندىستاننىڭ كارنال تۈرمىسىدە، سىرتقى دۇنيانىڭ ئۆزلىرىنى قايتا ئەسلىشىنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتمەكتە.

(داۋامى بار)

خەۋەرنىڭ ئالدىنقى قسمى: تەپسىلى خەۋەر: 13 يىلغا سوزۇلغان مەھكۇملۇق، ھىندىستان تۈرمىلىرىدە ئۇنتۇلغان ئۈچ ئۇيغۇر ياشنىڭ تەقدىرى (1)

تەپسىلىي خەۋەر: 13 يىلغا سوزۇلغان مەھكۇملۇق، ھىندىستان تۈرمىلىرىدە ئۇنتۇلغان ئۈچ ئۇيغۇر ياشنىڭ تەقدىرى (2)

تەپسىلىي خەۋەر: 13 يىلغا سوزۇلغان مەھكۇملۇق، ھىندىستان تۈرمىلىرىدە ئۇنتۇلغان ئۈچ ئۇيغۇر ياشنىڭ تەقدىرى (3)


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading