يانۋار 16, 2026

ئۇيغۇر پوچتىسى، 16- يانۋار

سۈرەتتە ھىندىستان تۈرمىسدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۈچ ئاكا- ئۇكا.  مەنبە: IUS نىڭ x ھېسابى

  1. زۇلۇمدىن قېچىش، ھىندىستان چىگراسىدا تۇتۇلۇش

ھىندىستاننىڭ قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن تۇتاش چېگرا رايونىدىكى لاداخنىڭ نۇبرا ۋادىسىدا ئادىل، ئابدۇخالىق ۋە ئابدۇسالام ئىسىملىك ئۈچ ئاكا- ئۇكا ھىندى- تىبەت چېگرا چارلاش قىسىملىرى (ITBP) تەرىپىدىن تۇتۇلغان. مەزكۇر قىسىمنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ياشلار شۇ كۈنى كەچتە مەزكۇر ۋادىغا قاراشلىق سۇلتان چوشقۇ (Sultan Choskur) دېگەن جايدا قولغا ئېلىنغان.

  شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىن يولغا چىققان بۇ ئاكا- ئۇكىلار  تۇتۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا 13 كۈن جاپالىق يول يۈرگەن.  بۇ ياشلارنىڭ كېيىنكى بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ يۇرتىنى تەرك ئېتىشىگە رايوندا يۈز بېرىۋاتقان سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلىش، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ ئىز- دېرەكسىز غايىب بولۇشى ۋە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي بېسىملار سەۋەب بولغان. بۇ خەتەرلىك سەپەرنى ئۇلار زۇلۇمدىن ئامان  قېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى دەپ تاللىغان. ئۇلار تۇتۇلغاندىن كىيىن  دەسلەپ لاداخنىڭ لېھ شەھىرىگە ئېلىپ بېرىلغان ۋە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى (ITBP) تەرىپىدىن ئىككى ئاي ئەتراپىدا سوراق قىلىنغان. بىراق بۇ ئىككى ئاي جەريانىدا ئۇلاردىن زادى نېمىلەرنىڭ سورالغانلىقى، سوراقنىڭ قانداق شارائىتتا ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا دائىر بىرەر ئېنىق مەلۇمات تېپىلمىدى.

  ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەسلەپكى سوراق خاتىرىلىرى تەرجىمان بولىمىغانلىقتىن بۇ ئۈچەيلەننىڭ بايانلىرىغا ئەمەس، بەلكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملارنىڭ شەخسىي كۆزىتىشلىرى ۋە پەرەزلىرىگە ئاساسەن تەييارلانغان. شۇ سەۋەبتىن، دىلودىكى ئاساسىي ئۇچۇرلار تەخمىنلەر بىلەن تولدۇرۇلغان. خەۋەردە يەنە دېيىلىشىچە، سوت تەرىپىدىن ئۇلارغا تەيىنلەنگەن ئادوۋكاتمۇ تىل توسالغۇسىغا ئۇچرىغان.

«مۇھاپىزەتچى» (The Guardian)،  ۋە «ئادىل پلانېت» (FairPlanet) قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ ئاكا-ئۇكىلار تۇتۇلغاندا يانلىرىدىن بىر نەچچە كىچىك پىچاق ۋە بىر پارچە خەرىتە چىققان. News18 نىڭ خەۋىرىدە بۇ پىچاقلارنىڭ يولۇچىلار ساياھەت جەريانىدا ئېلىپ يۈرىدىغان ئادەتتىكى قەلەمتۇراچ ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بىراق سوراق جەريانىدا بۇ بۇيۇملارنىڭ نېمە مەقسەتتە ئېلىپ يۈرۈلگەنلىكى بۇ مەھبۇسلاردىن سورالمىغان ياكى سورالغانلىقى ھەققىدە ھېچبىر ئۇچۇر ھازىرغىچە يوق.  ئەمما بۇ خەۋەرنى يېزىش جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر كۆزدىن كەچۈرۈلگەندە، بۇ بۇيۇملار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر تېپىلمىدى. يىغىپ ئېيتقاندا، ھىندىستان دائىرىلىرى بۇ بويۇملارنىڭ ساياھەت مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان.

دىلودىكى ئەڭ چىگىش مەسىلىلەرنىڭ بىرى بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكىنىڭ ياش پەرقى بولغان. ئارىدىن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، ئادۋۇكات مۇھەممەد شافى لاسسۇ (Muhammad Shafi Lassu)  «ئەلجەزىرە»گە بۇ قېرىنداشلارنىڭ ئۆزىگە: «چېگرا خادىملىرى يېشىمىزنى خاتا خاتىرىلىۋالدى، تۇتۇلغاندا بىز 16، 18 ۋە 20 ياشتا ئىدۇق» دېگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ھالبۇكى، «مۇھاپىزەتچى»، «سىم» (The Wire) ۋە  «كەشمىر ۋاقتى» (Kashmir Times ) قاتارلىق مەتبۇئاتلار رەسمىي ھۆججەتلەردىكى 20، 22 ۋە 23 ياش دېگەن ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلغان. بۇ ئەھۋال رەسمىي ھۆججەتلەر بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت پەرقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

مەزكۇر تاراتقۇلارنىڭ رەسمىي ھۆججەتلەرگە تايىنىپ خەۋەر بېرىشى تەبىئىي ئەھۋال بولسىمۇ، بىراق مەسىلىنىڭ تۈگۈنى شۇ ھۆججەتلەرنىڭ نېمىگە ئاساسەن تولدۇرۇلغانلىقىدا ئىدى. 16 ياشلىق بىر ئۆسمۈرنىڭ بالىلىق دەۋرى بىر پارچە قەغەز ئۈستىدىكى خاتا رەقەم بىلەنلا ئۆزگەرتىلىپ، ئۇنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرى دائىرىلەرنىڭ پەرەزلىرى ئاساسىدا تۇرغۇزۇلغان. نەتىجىدە، دىلو ياشلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنى قانداق پەرەز قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر توقۇلمىغا ئايلىنىپ قالغان. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ شۇ قاقاس ۋادىغا زادى نېمە مەقسەتتە قەدەم باسقانلىقى دائىرىلەرنىڭ نەزىرىدە ھېچقاچان ئايدىڭلاشمىغان. ھىندىستان دائىرىلىرى بۇ ئۈچ ياشنىڭ قاغىلىقتىن كەلگەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن قاچقانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىپ يېتەلمىگەن. 2013- يىلى ئۇيغۇر كىرىزىسى تېخى دۇنيا كۈن تەرتىپىدە بۈگۈنكىدەك كەڭ كۆلەمدە ئورۇن ئالمىغان ئىدى. خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى پەقەت 2017- يىلىدىن كېيىنلا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن بولسا، 2013- يىلى چوڭ خەۋەر مەنبەلىرىدە بۇ ھەقتە پەقەت ئىنتايىن ئاز ۋە تارقاق مەلۇماتلارلا بار ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر ئۇچۇر بوشلۇقىدا، بۇ ياشلارنىڭ ھېكايىسى دائىرىلەرنىڭ نەزىرىدە «چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش» ۋەقەسى دەپ قارالغان. ئۇلارنىڭ ۋەتىنىدىكى سىستېمىلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى تۈپەيلى زۇلۇمدىن قاچقانلىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. 

ئادۋۇكات لاسسۇنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئۈچەيلەن ئۆز يۇرتىدا ئۇرۇق- تۇققانلىرى ۋە خولۇم- قوشنىلىرىنىڭ بىر- بىرلەپ، تۇيۇقسىز ۋە ئىز- دېرەكسىز غايىب بولۇۋاتقانلىقىغا، تۇتۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغان. دەل مۇشۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قورقۇنچ ئۇلارنى ئۆز ئۆيىدىن، ئىللىق ماكانىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، تەقدىرى نامەلۇم بىر قىسمەتكە قاراپ قېچىشقا مەجبۇر قىلغان. 

تۈرمىدە تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن بۇ ياشلار دەسلەپتە پەقەت قول ئىشارەتلىرى ئارقىلىقلا ئالاقە قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار باشقا مەھبۇسلار بىلەن بىللە تۇرۇش جەريانىدا يەرلىك تىللارنى ئۆگىنىشكە باشلىغان ۋە تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىن سوتچىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلىگۈدەك سەۋىيەگە يەتكەن. بۇ ئەھۋال بىرەر سىستېمىلىق تىل تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسى بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ تۈرمە شارائىتىدا ھايات قېلىش ئۈچۈن تاللىغان مەجبۇرىي يولى سۈپىتىدە باھالانماقتا.

«ئادىل پلانېت»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2014- يىلى 17-ئىيۇلدا لېھ شەھىرىدىكى يەرلىك سوت مەھكىمىسى ئاكا- ئۇكا ئۈچەيلەننى «چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 18 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئوكسفورد ئىنسان ھوقۇقلىرى مەركىزى (Oxford Human Rights Hub) مەزكۇر سوت جەريانىدا تەرجىماننىڭ بولماسلىقىنى «ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى» دەپ خۇلاسىلىگەن. بۇ قانۇنىي نۇقسان بۇ ئۈچەيلەننىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تېخىمۇ ئۈزۈپ تاشلىغان.

ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا، ياشلارنىڭ نازارەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقىنىغا بىر يىل توشقان بولۇپ، قانۇن بويىچە ئۇلار يەنە بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئەركىنلىككە چىقىشى كېرەك ئىدى. نەزەرىيىۋى جەھەتتىن ئېيتقاندا، جازا مۇددىتى توشقان مەھبۇسلار كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى، ئۇ يەردە خەلقئارالىق پاناھلىق تەلەپ قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىشى لازىم ئىدى. لېكىن، ۋەزىيەت قەغەز ئۈستىدىكى بەلگىلىمىلەردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلغان.

2014- يىلىنىڭ ئاخىرىدا جازا مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، بۇ ئۈچەيلەن ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئورنىغا تېخىمۇ ئېنىقسىز بىر مەمۇرىي مەجھۇللۇققا ئىتتىرىلگەن. ھىندىستان 1951- يىلىدىكى «مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى»گە قول قويمىغانلىقتىن، دۆلەتتە مۇساپىرلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان رەسمىي بىر قانۇن مېخانىزمى يوق ئىدى. مەزكۇر قانۇنىي بوشلۇق بۇ ياشلارنى كېرەكلىك قانۇنىي كاپالەتتىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى پۈتۈنلەي دائىرىلەرنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇپ قويغان.  

ياشلار قويۇپ بېرىلىش ئورنىغا، جاممۇ كەشمىر رايونىغا خاس «ئاممىۋى بىخەتەرلىك قانۇنى» (PSA) غا ئاساسەن قايتا نازارەتكە ئېلىنغان. 1978- يىلى تەستىقلانغان، ئەسلىدە قوراللىق ئىسيانچىلار ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى نىشان قىلغان بۇ قانۇن، ئەمەلىيەتتە ئۈچ ئۇيغۇر ياشنىڭ پۇت- قولىغا سېلىنغان يېڭى بىر كىشەن بولۇپ قالغان. ئۇلارغا قارىتا چىقىرىلغان تۇتۇپ تۇرۇش قارارلىرى بولسا، ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم سىستېمىلىق ھالدا ئۇزارتىلىپ ماڭغان. ئادۋۇكات لۇسسۇ كېيىنچە بۇ ئەھۋالنى ئەسلىگەندە، بۇ ياشلارنىڭ جازا مۇددىتى توشقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسلىدە قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلەيدۇ. مەزكۇر قانۇن دائىرىلەرگە كىشىلەرنى سوتسىز ھالدا ئالتە ئايدىن ئىككى يىلغىچە تۇتۇپ تۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە.

ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرنىڭ سابىق يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋە قانۇن مۇتەخەسسىسى لاتىف زامان دەۋا بۇ ئاكا- ئۇكىلارغا قوللىنىلغان قانۇننىڭ تۈپ مەقسىتىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر قانۇن ئەسلىدە دۆلەت مەنپەئەتىگە تەھدىت سالىدىغان جىنايەتچىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، زۇلۇمدىن قېچىپ پاناھلىق تىلىگەن مەسۇم ئىنسانلارغا قوللىنىلىشى قانۇننىڭ ئەسلى روھىغا ئۇيغۇن ئەمەس ئىدى.

شۇنداق قىلىپ، 2015- يىلىدىن باشلاپ مەزكۇر ياشلارنىڭ ھاياتىدا بىر ئېنىقسىزلىق دەۋرى باشلىنىدۇ. ئۇلار ئەمدى «جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەھبۇس» سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى قويۇپ بېرىلىش ۋاقتى نائىنىق بولغان، تەقدىرى قەغەز ئۈستىدىكى مەمۇرىي بۇيرۇقلارنىڭ يېڭىلىنىشىغا باغلىق «مۇددەتسىز تۇتۇپ تۇرۇلىدىغان چەت ئەللىكلەر» تۈركۈمىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرىدىن نەقىل قىلىپ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن چىقىرىلغان نازارەت قارارنامىسىدە: «مەزكۇر كىشىلەر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قويۇپ بېرىش ياكى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدە ئاخىرقى قارار چىقىرىلغۇچە، تۈرمىدە قەرەلسىز تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ» دەپ يېزىلغان. 

«سىم» تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۆمەر مەقبۇل ئىمزاسىدىكى خەۋەردە دېيلىشچە، 2016- يىلى فېۋرالدا، ئادىل، ئابدۇخالىق ۋە ئابدۇسالام ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا (MHA) رەسمىي پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قايتۇرۇلماسلىقىغا ئاساسلىق سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن. بىراق، ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئىنسانىي تەلەپنى رەت قىلغان بولۇپ، ياشلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش (repatriation) قارارىنى چىقارغان. لېكىن، ئادۋۇكات ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ مەركۇز قارارغا نارازىلىق كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبلىك بۇ ئۈچەيلەن ھازىرغىچە قايتۇرۇلمىغان.

بۇ قاراردىن كېيىن، ئۇلار ھىندىستان ئىچىگە قويۇپ بېرىلىش، ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە يۆتكىلىش ياكى خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئېھتىماللىق ئارىسىدا، تۈرمە تاملىرى ئىچىدە تەقدىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ساقلاپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ مەسىلىسى تەدرىجىي ھالدا تاشقى دۇنيانىڭ دىققەت نەزىرىدىن يىراقلىشىپ، ئۇنۇتۇلۇشقا يۈزلەنگەن.

(داۋامى بار)


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading