زۇلھايات ئۆتكۈر

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپلىگەن خىتاي تاراتقۇلىرىدا قاراخانىيلار خانلىقىغا ئائىت مىس يارماق ۋە بۇ يارماقلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن «تاۋغاچ »سۆزى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى «خىتاي ئورتاق كىملىكى» چۈشەنچىسى تەشۋىقاتىغا باغلىنىپ تەشۋىق قىلىنماقتا.
«خىتاي ئاخبارات تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق خىتايدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 21-سېنتەبىر خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە تۇرپان قاتارلىق شەھەرلەردە، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلىرىدە قاراخانىيلار خانلىقىغا ئائىت بولغان قەدىمكى يارماقلارنى نۇرغۇن قېتىم كۆرگەزمە قىلغان. يەنە تاراتقۇلاردىن ئېرىشكەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاراخانىيلار دۆلىتى تەڭگە پۇللىرىنىڭ يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن خەتلەرنى سۇيئىستىمال قىلىپ، «يېڭى سەپسەتە» لەرنىمۇ بازارغا سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
بۇ ھەقتە خىتاي زادى نېمە دەيدۇ؟ ئالدى بىلەن خىتاي تەشۋىقات دائىرىلىرىنىڭ «تاۋغاچ» سۆزىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىغا قانداق خىزمەت قىلدۇرغانلىقىغا نەزەر سېلىپ باقايلى.
1980-يىلى ۋەتىنىمىزنىڭ ئارتۇش رايونىدىن، 11-ئەسىردە قەشقەرنى ەەركەز قىلىپ قۇرۇلغان قاراخانىيلار خانلىقى تەرىپىدىن تارقىتىلغان 130 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى مىس يارماقلار بايقالغان ئىدى. بۇ خىل يارماقلارنىڭ ياسىلىش ئۇسلۇبى خىتاي پۇل ياساش تېخنىكىسىىدىن روشەن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، ئويۇپ ياكى قۇيۇپ ياسالمىغان، بەلكى سوقۇپ ياسالغانلىقى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان.
مەزكۇر يارماقلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن خەتلەر ۋە سۈرەتلەرگە ئاساسەن ، بۇ دەۋردە تارقىتىلغان پۇللارنى بىرقانچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. دەرۋەقە، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ تەڭگە پۇللىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ۋە تارىخىي قىممىتى بىلەن دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن ئىدى. بىر قىسىم تەڭگىلەرنىڭ ئالدى يۈزىدە «ئاللاھدىن باشقا خۇدا يوقتۇر، مۇھەممەد ئۇنىڭ ئەلچىسىدۇر» دېگەن خەتلەر؛ كەينى يۈزىدە «مۇسۇلمانلارنىڭ ئىگىسى سۇلايمان قدىر تاۋغاچ خاقان» دېگەن خەتلەر بار. پۇللارنىڭ قايسى خاننىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە سوقۇلغانلىقىغا ئائىت ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار مەۋجۇت. ھالبۇكى، پۇل يۈزىدىكى«تاۋغاچ خاقان» ئاتالغۇسىنىڭ خان جەمەتى زاتلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق بىرھەقىقەت. بۇ ھەقتە ئىلگىرى قاراخانىيلار خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد «تاۋغاچ» ۋە« بۇغراخان» ناملىرىنى بىرلىكتە قوللانغانلىقىغا ئائىت پاكىتلار بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.
خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى «تاۋغاچ خاقان» سۆزىنى ئاھاڭ تەرجىمىىسى بويىچە، “桃花石可汗” (تاۋخۇاشى كېخەن) دەپ ئاتىغان. ئۇلار يەنە «تاۋغاچ» ئاتالغۇسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شىمالىي سوڭ خاندانلىقىنى كۆزدە تۇتقانلىقىدىن ئىبارەت ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان «ھەقىقەت» نى پەش قىلىپ كەلمەكتە. تېخىمۇ كۈلكىلىك يېرى شۇكى، 11-ئەسىردە قەشقەردە ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر ئەللامەسى مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى شىپى كەلتۈرۈپ، «كىتابتا مەھمۇد كاشىغەرى «چىن» دەپ ئاتىغان جايلار ئۆز دەۋرىدە جۇڭگونى كۆرسىتەتتى، «ماچىن» دېمەك ، دەل سوڭ سۇلالىسىدۇر » دەپ بىلجىرلاشماقتا . خىتاي تاراتقۇلىرى يەنە، «بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، <تاۋغاچ خاقان> دېگەنلىك <بۈيۈك خاقان يەنى پۈتكۈل جۇڭگونىڭ خاقانى> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ بىزگە، قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاي سوڭ سۇلالىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇنداقلا غەربىي دىياردىكى بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ئورتاق زېمىنى چۈشەنچىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ » دەيدىغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەپ يايماقتا.
خىتاي تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ «تاۋغاچ» ئاتالغۇسىنى شى جىنپېڭ دەۋرىدىكى خىتاي ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدېئولوگىيەلىك ھەرىكىتى ئۈچۈن قوللىنىشى،تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئىلمىيلىقنى كۆزگە ئىلماسلىق ۋە تارىخىي پاكىتلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقتۇر. بۇ قىلمىش ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، خەلقئاراغا ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك قىلمىشىنى ئاقلاش ئۈچۈن تەييارلىغان يالغان تارىخىي ئاساسلىرىدىن بىرى دەپ خۇلاسىلەشكە بولىدۇ.
ئۇنداقتا، ئالىملار «تاۋغاچ خاقان» ئاتالغۇسى ھەققىدە قانداق چۈشەنچىلەرنى بەرگەن؟ بىر قىسىم تۈركولوگلار ۋە ئۇيغۇر ئەدىبلىرى بۇ ھەقتە، 11-ئەسىردە يېزىلغان تۈركىي تىللار قامۇسى«دىۋانۇ-لۇغەتىت تۈرك» ۋە دېداكتىك ئەسەر«قۇتادغۇ بىلىگ» قاتارلىق مەنبەلەردىكى «چىن، ماچىن، تاۋغاچ ۋە تاۋغاچ خاقان» ئاتالغۇلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى قوللىنىلىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك مەنىسى ھەقققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزىلەرنى ھەم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. تەتقىقات نەتىجىلىرى«تاۋغاچ» ئاتالغۇسىنىڭ، خىتاي تەشۋىقاتىدا كۆرسىتىلگەندەك خىتاي تېررىتورىيەسىنى ئەمەس، بەلكى تۈرك-ئۇيغۇر خەلقى ياشىغان زېمىنلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى دەلىللەپ بېرىدۇ. شۇڭا خىتاي تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ «تاۋغاچ» ۋە «تاۋغاچ خاقان» ئاتالغۇلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان تارىخىي باسقۇچلاردىكى مەنىلىرىنى قارا-قويۇق ھالدا بىر-بىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشى، ئىلمىي پاكىتلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىققا باراۋەر.
ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن «چىن ۋە ماچىن» ئاتالغۇلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئۇقۇمى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ سوڭ سۇلالىسى ئۇقۇمى بىلەن قارىغۇلارچە ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئۇيغۇر ئەدىب غالىپ بارات ئەرك، مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ دىۋاندىكى كۆزقاراشلىرىنى تارىخىي پاكىتلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇ ھەقتە ناھايىتى چۈشىنىشلىك فورمۇلانى بىزگە قالدۇرغان، غالىپ بارات ئەرك ئەپەندى مۇنداق دەپ قارايدۇ: تاۋغاچ = ماچىن، خىتاي=چىن بولىدۇ. مەھمۇد كاشىغەرى زامانىسىدىن بۇرۇن ئۇ خەرىتىدە كۆرسەتكەن «ماچىن » دېگەن جايلارنىڭ ئىسمى تاۋغاچ بولغان. مەھمۇد كاشىغەرى زامانىسىغا كەلگەندە تاۋغاچ دېيىلمەستىن«ماچىن» دەپ ئاتالغان. شۇڭا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدە تاۋغاچ ھەرگىزمۇ «ماچىن» نى كۆرسەتمىگەن.
يەنە بىر مىسال كۆرسەتكەك، قۇربان تۇران ئەپەندىنىڭ 1997-يىلى«شىنجاڭ تەزكىرىسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان«تابغاچقا ئېنىقلىما»ناملىق ئىلمىي ماقالىسىدىمۇ، بىر قىسىم رۇس تۈركولوگلارنىڭ تەتقىقاتلىرى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسەن «تاۋغاچ» ئاتالغۇسىنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى قوللىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، غالىپ بارات ئەركنىڭ كۆزقارىشىنى قوللايدۇ. قۇربان ئەپەندى 6-ئەسىرلەردە كۆك تۈرك دەۋرىدىكى «مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرى» دە كۆرۈلگەن «تابغاچ» سۆزىنىڭ ئىلگىرى خىتاي ياكى جۇڭگونى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، كېيىن قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، ئاھاڭداشلىق جەھەتتىن «تاۋغاچ» سۆزىگە ئۆزگەرگەنلىكى، مەنە جەھەتتىنمۇ زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، بۇ ئاتالغۇنىڭ «خىتاي» نى كۆرسەتمەيدىغان بولغانلىقى، ئەكسىچە «ماچىن» ئېلىنىڭ نامى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكى كۆزقارىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتچىلىرى نۆۋەتتە قاراخانىيلار خانلىقى قەدىمكى تەڭگىلىرىنى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە ئۇيۇشىشىنىڭ تارىخىي بىرلىكىنى ئىپادىلەيدۇ دەپ جار سالماقتا. بۇ تەشۋىقاتچىلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى پەقەتلا داۋراڭ سېلىش ۋە تارىخنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىش. ئىشىنىمىزكى، ئىلمىي پاكىتلار ۋە ئىلمىي يەكۈنلەر ئالدىدا، خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى ئۆز-ئۆزىنى مات قىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ سىياسىي ئويۇنىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ، خالاس.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
