شۆھرەت ھوشۇرنىڭ سۈرىيە خاتىرىسى (3) ئولجىغا تاينىپ ياشاش: قەددى كۆتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار
شۆھرەت ھوشۇر
سەپەردە غايە ھەرقانچە ئۇلۇغ بولسىمۇ، پاچاقتا ماغدۇر بولمىسا، ئىرادىگە دەز كېتىدىغان گەپ؛ شان-شەرەپ ھەرقانچە ئۇلۇغ بولۇپ، يانچۇق پۈتۈنلەي قۇرۇق بولسا، بۇ شان-شەرەپ مەسخىرىگە دەسمىي بولىدىغان گەپ. شۇڭا «سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار جېنىنى قانداق بېقىۋاتىدۇ؟» دېگەن مەسىلىگىمۇ ئىنچىكە دىققەت قىلدىم .
«فەتىھتىن (ئازاتلىقتىن) كېيىن ئون مىڭ ئۇيغۇر ھەربىي مۇئاش ئېلىۋاتىمىز، تۆۋىنى 250 دوللاردىن يۇقۇرىسى 1000 دوللارغىچە.»
بۇ بىر داستىخان ئۈستىدە ئادەتتىكى بىر جەڭچىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان كاتتا بىر گەپ؛ ئەگەر بۇ ئۇچۇر راست بولسا، بۇ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى چوڭ تەرەققىياتلا بولماستىن، ئۇيغۇر تارىخىدىكىمۇ چوڭ بىر ئىشتۇر. چۈنكى ئۇيغۇرلاردا ھەربىي مۇئاشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش 1950-يىللاردىن كېيىن ئاخىرلاشقان. ئەلۋەتتە شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن مۇئاش ھەربىي مۇئاش ئەمەس، قۇللۇق ياكى ئەسىر نەپىقىسىدۇر.
بۇ خەۋەرنىڭ توغرا- خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشتۈم.
بىر كۈنى كوماندىر يەھيا ئۆزىنىڭ ئۆستۈرۈلگەن مۇئاش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئىدلىبتىكى بىر ھۆكۈمەت بىناسىغا ماڭدى، مەنمۇ يانداشتىم. بىر ئىشخانىنى چېكىپ كىرگىنىمىزدە بىر ئۇيغۇر ئەمەملدار ئۈستىلىگە كۆك بايراقنى قاداپ قويۇپ، لەپتاپنى كوچىلاپ ئولتۇرۇپتۇ. يەھيا ئىككىسىنىڭ گېپى تۈگىشىگىلا سورۇدۇم:
«نىمە ئىش قىلىدىغان ئىشخانا بۇ؟»
«غەزىنە ئىشلىرى باشقارمىسى دەيمىزمۇ؟» دېدى ئەمەلدار، ئىشخانىنىڭ ئىسمىنىڭ ئەرەپچە ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىپ.
«كونكىرت نېمە ئىشلارنى قىلىسىلەر؟»
«شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئائىت بولغان بارلىق مال-مۈلۈكلەرنى خاتىرىلەيمىز، تەقسىملەيمىز.
«ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان بۇ دۆلەتتە بۇلارنىڭ مەخسۇس ئادەم خاتىرلىگۈدەك نېمىسى باردۇ؟» دەپ ئويلاپ تۇرغىنىمدا، ئىشخانىغا ئىشىكنى چېكىپ، ئەمەلدارسىمان يەنە بىر ئۇيغۇر كىرىپ كەلدى. ئۇ «ئادەم بايلىقى» ئىشخانىسىنىڭ مەسىۇلى ئىكەن.
ئۇ كىرىپلا، كوماندىر يەھياغا مۇداپىيە مىنىستىرلىكىدىن كەلگەن بىر ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىنى يەتكۈزدى:
«بارلىق ماشىنىلىرىمىزغا بېنزىن ھەقسىز قاچىلىنىدىغان بولدى، ھەقسىز رېمونتخانىلارمۇ مۇقىملاشتى.»
تۈركىيەدىكى چېغىمدا سۈرىيەدىن كەلگەن بىر قېرىندىشىمىز: «بىزنىڭ جامائىتىمىزگە ئائىت ئۈچ مىڭچە ماشىنا بار» دېگەن ئىدى، مۇشۇ ماشىنىلارنىڭ گېپى بولىۋاتامدۇ ياكى ئىدلىبتا ئۈچ يۈزدەك ھەربىي، مەمۇرى ئۇيغۇر ئەمەلدار بار دەپ ئاڭلىغانىدم، ئاشۇ ئەمەلدارلارنىڭ ماشىنىسىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقانمىدۇ، تازا ئېنىق بىلەلمىدىم. تۈزۈم سەۋەپلىك بۇلارنىڭ كۆپىنچە سان-سېفىرلارنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى بىلىمەن، شۇڭا ئۈچىنجى بىر ئىشخانىغا كىرگىنىمىزدە، ئالاقىدار ئەمەلداردىن سورۇدۇم:
«ئون مىڭ ئۇيغۇر ھەربىي مۇئاش ئالىدۇ، دېگەن گەپ توغرىمۇ؟»
«ساننى دېسەك بولمايدۇ، ئەمما 18 ياشتىن يۇقۇرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىمىز دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكىدىن مۇئاش ئالىمىز.»
«ئاپىرىن، ھېچ بولمىدى دېگەندە ئۆزۈڭلارنى قۇتۇلدۇرۇپسىلەر!» دېدىم ئىچىمدە. بۇ قۇتۇلۇش، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قېيىنچلىقتىنلا قۇتۇلۇش ئەمەس، روھىي جەھەتتىكى ئۇپراش ۋە ئېزىلىشتىنمۇ قۇتۇلۇش ئىدى.
سۆھبەت ئارىسىدا يەنە بىلدىمكى، بۇ ھەربىي مۇئاش يەرلىكلەر ۋە باشقا مۇھاجىرلار ئىچىدىكى پەقەت ئۇرۇشقا قاتناشقانلارغىلا بېرىلىدىكەن؛ ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى كەلگەن، ئۇرۇشقا قاتناشمىغانلىرىغىمۇ بېرىلىدىكەن؛ بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئۇيغۇر گېنىرالنىڭ تەستىقى بولسىلا كۇپايە ئىكەن.
بۇ ئىمتىياز ئۇيغۇرلارغا ئۇرۇشتا شېھىت بولغانلارنىڭ ھۆرمىتىدىن بولدىمۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن مىللەت بولغىنى ئۈچۈن ھېسداشلىقتىن بولدىمۇ ياكى گېنىرال ئابدۇلئەزىز داۋۇتنىڭ پىچىقى بەكرەك كەسكىنى ئۇچۇن بولدىمۇ، بۇنى بىلەلمىدىم. ئەمما سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئەرەب ئۈچۈن ئۆلۈپ بەرمىگەنلىكى، ئەرزان ئەسكەرمۇ بولمىغانلىقى»، مېھنىتىگە مۇناسىپ ئەجىرگە ئېرىشكەنلىكى، بۇ ئۇرۇشتا زىيان تارتمىغانلىقىنى بىلدىم.
سۈرىيە زىيارىتىمدىكى ھەمراھلىرىمدىن يەنە بىرى تاھىر ۋالىي ئىدى. بۇ كىشى ئۇيغۇرلار ئازات قىلغان جىسرۇل شۇغۇر ناھيەسىنىڭ تۆت يىل ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپتۇ. ۋەتەندە ھاكىم دېيىلىدىغان بۇ مەنسەپ بۇ يەردە ۋالىي دېيىلىدىكەن.
«قانداقلارچە ۋالىي بوپ قالدىڭىز؟» سورۇدۇم مەن.
«جىسرۇل شۇغۇرنى ئازات قىلغان ۋاقتىمىزدا ئەسەت تىكلىگەن ۋالىي قاچتى، خەلق سايلىغان ۋالىي ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدىكى خەلقنى باشقۇرۇشتا ئاجىز كېلىپ قالدى ۋە بىز ھەربىيلەر تەرەپتىن بىر ۋالىي تەلەپ قىلدى. ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن ۋالىي بولۇپ قالدىم.
دېمەك نوپۇسىنىڭ %99 ى ئەرەب بولغان بىر ناھىيەنىڭ تۆت يىللىق مەدەنىي-مائارىپ، قۇرۇلۇش، مالىيە ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى بىر ئۇيغۇر ۋالي تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىپتۇ. تاھىر ۋالىي ۋەتەندە ئەسلىدە بىر شوپۇر ئىكەنتۇق.
«ماشىنا ھەيدەش بىلەن بىر ناھىيەدىكى 150 مىڭ نوپۇسنى باشقۇرۇش بىر-بىرىگە يېقىن ئىشلار ئەمەس، قىينالدىڭىزمۇ ئەمىلىڭىزنى ئىشلىتىش جەريانىدا؟»
«قىلچە قىينالمىدىم. ئىشنى ئادىل ئېلىپ بارساقلا، ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدىكەن.»
تاھىر ۋالىي دەسلەپتە كۆرۈشكىنىمىزدە «يۇرت نەدىن؟» دەپ سورىسام، «خان جەمەتىنىڭ يۇرتىدىن» دەپ چاقچاق ئارىلاش جاۋاپ بەرگەن ۋە بۇ يۇرتىنىڭ يەكەن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. شۇڭا سورۇدۇم:
«ۋالىيلىقنى قاملاشتۇرۇشتا قېنىڭىزدا بىر ئەمەلدارلىق بار دەپ قارامسىز ياكى باشقا ئامىللار بارمۇ؟»
«ئادەم ئۇرۇشقا بىر كىرىپ چىققاندىن كېيىن يۈرەك توختايدىكەن؛ يۈرەك توق بولغاندىن كېيىن، ئالدىراڭغۇلۇق، جىددىيچىلىك بولمايدىكەن؛ ئادەم سالماق بولغاندا ئەقىل نورمال ئىشلەيدىكەن؛ ئەقىل نورمال ئىشلىگەندە، ھۆكۈم توغرا چىقىدىكەن؛ ھۆكۈم توغرا بولغاندا ئادالەت شەكىللىنىدىكەن. مېنىڭ ئەمەلدارلىق ھەققىدىكى غالىبىيەت فورمۇلام مۇشۇ. مەمۇرى باشقۇرۇش ھەققىدە كېچىكىپرەك ۋە يېتەرسىز تەلىم ئالدۇق، يەنە ئوقۇۋاتىمىز، يۇقۇرىقى خۇلاسەم تەجرىبىدىن كەلدى.»
ئىدلىبتىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ دىيىشىچە، ئۇرۇش مەزگىلىدە ئولجا ئالغان مال-مۈلۈكلىرىگە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئىگىدارچىلىق قىلىدىكەن. جامائەتنىڭ قولىدىكى ئولجىلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك كۆلەمدە تېرىلغۇ يەر، زەيتۇنلۇق باغ، بىنزىن پونكىتى ۋە تاللا بازىرى قاتارلىلار بار ئىكەن. بۇ ئولجىنىڭ كىرىمى جامائەتنىڭ مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە باشقا پاراۋانلىق ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىدىكەن. بۇ تېرىلغۇ يەر، باغ ۋە سودا كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە خوجايىنلىرى ئۇيغۇرلار ئىكەن؛ دېھقانلىرى، ئىشچىلىرى ۋە سودا سېتىقچىلىرى يەرلىكلەر ئىكەن. «بۇ ھۆكۈمدارلىق» ھەققىدىكى تەسىراتىمنى بايان قىلىشتىن ئاۋۋال، مەن ئاڭلىغان يەنە بىر «زوراۋانلىق» ھادىسىسىنى قىستۇرۇپ ئۆتەي:
ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن سۈرىيە زىيارىتى ھەققىدە تېلېفوندا پاراڭلاشقان ۋاقتىمىزدا، ئۇ: «پەقەت بىرلا ئىشىنى توغرا كۆرمۈدۈم: بىر كۈنى ئىككى جەڭچى مېنى بازارلارنى ئايلاندۇردى، دۇكانلارنى كەزدۇردى، چايخانىلارغا باشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ يەرلىكلەرگە تۇتقان مۇئامىلىلىرىدە بىراز پوچىلىق ۋە نوچىلىقنى سېزىپ قالدىم. ماڭا ئۇلار خۇددى يەرلىكلەرنى بوزەك قىلىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى.» دېدى. ئابدۇۋەلىگە ياقمىغان بۇ ئىش ماڭا ياغدەك يېقىپ كەتتى ۋە دەرھال دېدىم: «دېگەنلىرىڭىزدىن ئەڭ زوقلانغىنىم دەل ئۇلارنىڭ شۇ نوچىلىق ۋە پوچىلىقى بولدى. دېمەك، بىزمۇ ئادەم بوزەك قىلالايدىكەنمىز، بوزەك بولۇش بىزنىڭ ئۆزگەرمەس تەقدىرىمىز ۋە تەبىئىتىمىز ئەمەس ئىكەن!»
مۇشۇ زوقلىنىش پىسخىكام بويىچە، يۇقۇرىقى «ئۇيغۇرلار باشلىق، يەرلىكلەر ئىشچى» ۋەزىيىتىدىكى «ھۆكۈمدارلىقىمىز»دىنمۇ زوقلاندىم. چۈنكى خىتاينىڭ ئىدارە- جەمىئيەتلەردە بىر مۇئاۋىن باشلىقنى ئۇيغۇر قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئۇنى قورچاق قىلىپ ئوينىشى؛ مۇھىم ۋە ھالقىلىق ئىشلارنى خىتايلىرىغا تۇتقۇزۇپ ئۇيغۇرلارنى قارا ياكى يۈگۈر-يېتىم ئىشلارغا سېلىشى؛ تېخى بۇ قارا ئىشلارنىڭمۇ تەلەيلىك ئۇيغۇرلارغا نېسىپ بولۇشى، ۋەتەندىكى ۋاقىتلىرىمدا غورۇرۇمنى ئەڭ زېدىلگەن ئىشلاردىن ئىدى. بىلىمەن، ئۇيغۇرلار ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئىش ساھەسى يەرلىكتىكىگە نىسبەتەن يوق ھېساپتا؛ شۇنىمۇ بىلىمەن، زېمىن ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىسى بولغان يەرلىكلەرنىڭ نوچىلىقى- ھۆكۇمرانلىقى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە. شۇنداق بولسىمۇ سۈرىيە سەپىرىمدە، شۇ ئۈستۈنلىكلىرىمىزدىن قەلبىمدە ئۆتمۈشىمىزدىن قېپقالغان جاراھەت ئىزلىرىغا ئازراق مەلھەم تاپقاندەك بولدۇم.
پولكوۋنىك جالالىدىن ئۈچ يىل ئاۋۋال ئىستانبۇلدا بىر ناشتىلىقتا بىللە بولغان ۋاقتىمىزدا مۇنداق دېگەن ئىدى:
«بىر شەھەرنى ئازات قىلغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۇ شەھەر خەلقىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشىمىز كېرەك ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن تەڭ تاشقى دۇشمەننىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىشىمىز كېرەك ئىكەن، ئاندىن شەھەردە ئىچكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك ئىكەن… دەسلەپكى يىللاردە غەنىمەت ئالغان بىر ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى پارچىلاپ سېتىپ خەجلىۋېتىپ قاپتۇق، ئەسلىدە ھەرقانچە قېيىنچىلىققا ئۇچرىساچمۇ ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك ئىكەن…»
شۇ كۈنى پولكوۋنىك پۇشايمان قىلغان ئاشۇ «بۇلاڭ-تالاڭ»دىنمۇ مەن زوقلانغان ئىدىم. چۈنكى ئولجا كۈچ ۋە جاساراتنىڭ ھوسۇلىدۇر؛ شۇڭا ئولجىدىن رىسقلانغان كىشىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ، جاسارىتى قاتلىنىدۇ. ئولجا دېمەك ئىپتىدائىي ھەربىي مۇئاش دېمەكتۇر؛ ھەربىي مۇئاش رەسمىيلەشكەن ئولجا دېمەكتۇر.
شۇنداق، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار باشقا دۆلەتلەردىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يەنە نامرات. مەھەلىلىىرى قاقاس، بەزىلىرىنىڭ ئۆيلىرى ئۆتمە-تۆىشۈك. ئۆيىدە ھېلى توك كەتسە، ھېلى ئىنتېرنېت تورى كېسلىدىغان ئىش نورمال. كۆپىنچىسىنىڭ ئۈستى- بېشى بىزدەك پارقىراق ئەمەس؛ ئەمما ئۇلارنىڭ ۋىجدانى راھەت، يەرلىكلەر ئالدىدا ھېچنەدە تىلى تۇتۇق ئەمەس، يەرلىكلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئالدىدا پەرزەنتلىرىنىڭ بوينى پۈكۈك ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتتە ياشاش ھوقۇقىنى سوراپ- ئىلتىجا قىلىپ ئەمەس، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە خەلقنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ھەسسە قېتىپ ئالغان. ئۇلار يەر شارىدا ھەربىي مۇئاش ۋە ئولجىغا تايىنىپ ياشاۋاتقان بىردىنبىر ئۇيغۇر كوللېكتىپى… شۇڭا ئۇلار قەددى كۆتۈرۈلگەن، رۇسلانغان ئۇيغۇرلاردۇر. ئاللاھ بۇ رۇسلىنىشنى، ھەممىمىزگە – مىللىتىمىزگە ئومۇميۈزلىك نېسىپ قىلغاي!
(داۋامى بار)
ئەسكەرتىش: ئاپتور يېقىندا سۈرىيەنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرغان ۋە بىر يۈرۈش يازمىلارنى ئېلان قىلغانىدى. «ئۇيغۇر پوچتىسى» ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە سەھنە بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ مۇستەقىل ئاۋازغا ئورۇن بەردى. ئوبزورلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە كۆز-قاراشلار ئاپتورنىڭ مۇستەقىل پىكرى بولۇپ، «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىشى ناتايىن.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇبارەك بولسۇن.
يۇقىرىقى يازمىنى ئوقۇپ چىقتىم، ئابدۇۋەلىي ئايۇپنىڭ ”«پەقەت بىرلا ئىشىنى توغرا كۆرمۈدۈم: بىر كۈنى ئىككى جەڭچى مېنى بازارلارنى ئايلاندۇردى، دۇكانلارنى كەزدۇردى، چايخانىلارغا باشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ يەرلىكلەرگە تۇتقان مۇئامىلىلىرىدە بىراز پوچىلىق ۋە نوچىلىقنى سېزىپ قالدىم. ماڭا ئۇلار خۇددى يەرلىكلەرنى بوزەك قىلىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى.» دېگەن بۇ جۈملىسىنى ئالاھىدە ئېتىبارغا ئالغۇدەك گەپ ئەمەس.
1- ئابدۇۋەلىي ئايۇپنى مەن تونۇغان 15 يىللاردىن بىرى ئۇنىڭ قاقشىمىغان، تۈزىتىش بەرگۈسى كېلىپ كەتمىگەن ھېچقانداق بىر تېمىسىنى بىلمەيمەن. ئەلۋەتتە غالىپ ئادەملەردە بىر خىل پوچىراق روھ بولىدۇ. ناۋادا بۇ كۆتۈرەڭگۈلۈك باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشقا، ئېزىشكە ئېلىپ بارمىسا بۇ ناھايىتى ئالقىشلىنىدىغان بىر خىل كەيپىيات.
2- ئابدۇۋەلىي ئايۇپ سېپى ئۆزىدىن بىر روھىي مەغلۇبىيەتچى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان بىر كۈن قەد كۆتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمىگۈچى. ئەسلىدە بۇ خىتتاي كۈنلۈكى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ چىقىشىپ ياشىشىنى تەشەببۇس قىلغۇچى بولۇپ، بۇ تەشەببۇسى بازار تاپالمىغاندىن كېيىن، شۇنداقلا خىتتايلار بۇ تەشەببۇسىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەندىن كېيىن، قىيداش ھالىتىدە قارشىلىق قىلىۋاتقان بىر كىشى.
3- ئابدۇۋەلىي ئايۇپ بۇندىن ئون يىللار ئاۋۋال ھەرەمگە كېلىدۇ، پۈتۈن ئىنسانلار بۇ يەرگە روھىنى پاكلىغىلى كەلسە، بۇ كىشى بۇ يەرگە خالا تەكشۈرۈشكە ۋە ھەرەمنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى ساناشقا كېلىدۇ ۋە شۇ چاغدا ”دوللار قارىلار“ … قاتارلىق مەسخىرىگە لىق تولغان چاتما يازمىسىنى يازىدۇ. ئاللاھ بۇ كىشىنى ھىدايەت قىلغاي ۋە مۇسۇلمانلارنى كۆزىگە چىرايلىق كۆرسەتكەي!
ئەمدى مەزكۇر ماقالىگە كەلسەك: ماقالە ناھايىتى ياخشى يېزىلغان. ئەلۋەتتە ئالتۇنغا زەرگەرنىڭ كۆزى بىلەن، لەيلىگە مەجنۇننىڭ كۆزى بىلەن باققاندا ھەر نەرسە قىممىتىنى تاپىدۇ.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دىنىي تىمىدا يەڭگىللىك قىلىپ قويغان يەرلىرى بار، ئەمما گېپى خاتا كەتكەندە، خاتا قىلدىم دىيەلەدىغان سەمەمىمىي مىجەزىمۇ بار. دەل سۈرىيە مەسىلىسىدە شۇنداق بولدى. نوچىلىق ھەققىدىكى گەپلىرىمۇ سەمىمىي گەپ. بىر ئادەم ياكى بىر ەۇرۇپپىنىڭ ھەممە تەرىپىنى ياخشى كۆرۈشىمىز مۈمكىن ئەمەس، شەرتمۇ ئەمەس. ئابدۇۋەلى قىلغان ئىشنى خېلى-خېلىمىز تېخى قىلمىدۇق. ئۇ ۋەتەندە قوزغىغان ئانا تىل ھەركىتى بىلەن بىر تارىخ ياراتتى. ئۇ بۇ تارىىخنى جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ ياراتتى. شۇڭا ئابدۇۋەلىنى مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە ئۈمىدسىز دېسەك خاتا بولىدۇ، ئۈمىدسىز ئادەم تۈرمىگە كىرىسى ئېنىق بولغان بىر ئىشقا قول تىقمايدۇ.
پىكرىمىزنىڭ، مىجەزىمىزنىڭ ھەتتا تۇتقان يولىمىزنىڭ ئوخشىماي قېلىشى ئۇنىڭ ساداقىتىگە سوئال قويۇشقا ۋە ئۆچمەس خىزمەتلىرىگە كۆز يۇمۇشقا سەۋەپ بولماسلىقى كېرەك.