يانۋار 9, 2026

شۆھرەت ھوشۇر

ئىدلىبتا مەلۇم قەۋىتى ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ كەتكەن ياكى بىر بۇرجىكى پۇچۇلۇپ كەتكەن بىنالار بەك كۆپ ئىكەن. بۇ بىنالارنىڭ بىر قىسمى ئاز-تولا رېمونت قىلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپتۇ؛ كۆپ قىسمى ئۆز ھالىدا. مايور گېنىرال ئابدۇلئەزىز داۋۇتنىڭ ئىشتابى ئۇرۇشتا زەخمىلەنمىگەن ياكى بەلكىم تولۇق رېمونت قىلىنغان ساراي سىياقىدىكى كۆركەم ۋە كاتتا بىر بىنا ئىكەن.

قورۇ دەرۋازىسىنىڭ قوڭغۇرىقىنى باسقىنىمىزدىن بەش مىنۇتچە كېيىن، دەرۋازا ئېچىلدى ۋە ئىككى قاراۋۇل بىزنى قورۇغا باشلىدى. بىز قورۇ ئىچىدە 100 مېتىرچە ماڭغاندىن كېيىن بىنا ئىشىكىگە كەلدۇق، بۇ يەردە يەنە ئىككى قاراۋۇل بىزنى بىنا ئىچىگە باشلىدى ۋە لېفىت ئارقىلىق بىنانىڭ ئۈست بىر قەۋىتىگە ئېلىپ چىقتى. لېفىتتىن چىقىشىمىزغا گېنىرالنى كۆردۇق. ئۇ بىزنى ھەشەمەتلىك  بېزەلگەن ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىز ئېسىلغان چوڭ ئىشخانىسىغا باشلاپ كىردى. بۇ كۈنگە قەدەر مەن ئابدۇلئەزىزنى ھەربىيچە فورما ياكى ئافغانلارنىڭ يەرلىك كىيىمى بىلەنلا كۆرگەن ئىدىم؛ بۈگۈن ئۇنى تۇنجى قېتىم قارا كاستۇم-بۇرۇلكا بىلەن بىر دىپلومات سىياقىدا كۆرۈشۈم ئىدى. بۇ، بۈگۈن خەلقئارا سەھنىدە سىياسىي چولپانغا ئايلانغان ئەخمەت شارا ۋە ئۇنىڭ مىنىستېرلىرىدىن ھېچ پەرقسىز بىر كۆرۈنۈش، پەرقسىز بىر تۇرق ئىدى.

سالام-سەئەتتىن كېيىن، گېنىرال ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ھال-ئەھۋالىنى سورىدى. غوللۇق پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئىسىملىرىنى ئاتاپ خىزمەتلىرىگە يۇقۇرى باھا بەردى ۋە گەپ ئارىسىدا: «بىز تېخى خەلقىمىز ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىدۇق» دەپ ئۇھسىندى. بۇ ئۇھسىنىش ھارەمدىكى زىيارىتىمدە «ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدۇق، ئەمما غەلىبىمىزدىن پەخىرلىنەلمىدۇق، چۈنكى ئالدىمىزغا قارشى ئېلىپ چىققان خەلق ئارىسىدا ئۇيغۇر يوق!» دېگەن كوماندىر ئابدۇراخمەن قارىنىڭ ئۇھسىنىشى بىلەن ئوخشاش ئىدى.

مەنچە بۇلارنىڭ ئەسلىدە ئىپتىخارلىنىشقا  تېگىشلىك نەتىجىلىرى خېلى بار ئىدى. ئېغىزىمدا: «قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىۋاتسىلەر» دېدىم، ئەمما ئىچىمدە شۇلارنى پىچىرلىدىم: شۇنداق، دۈشمەننىڭ — خىتاينىڭ تېخى بۇرنىنى قاناتمىدىڭلار، ئەمما دۈشمەننىڭ يۈرىكىنى ئۇزاقتا تۇرۇپ پوكۇلدىتىۋاتىسىلەر. مەۋجۇدىيىتىڭلار بىلەن، جۈملىدىن سانىڭلار بىلەن خىتاينىڭ «بۆلگۈنچىلەر بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك ئاز ساندا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار بىز بىلەن بەختىيار ياشاۋاتىدۇ» دېگەن سەپسەتىسىنى ئىنكار قىلدىڭلار؛ سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنى دەمەشىقتە تۈرمىدىن قۇتقۇزغاندەك، لاگېردىكى بىر ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش ئىمكانىڭلار بولمىدى، ئەمما شۇ قاراڭغۇ كامېردىكىلەرگە، زەپىرىڭلار ئارقىلىق يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك بولسىمۇ ئازادلىقتىن، قىساس ئېلىنىشتىن ئۈمىد نۇرى بېرىۋاتىسىلەر؛ تېخىمۇ مۇھىمى  شامنى ئازاد قىغاندا خىتايغا قارشى بەرگەن تارىخي  باياناتىڭلار بىلەن  مىللىي-سىياسىي غايەڭلارنى دۇنياغا جاكارلىدىڭلار؛ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بىر مەزلۇملار يىغىسى، دەرت-شىكايەت دۆۋىسى، ئەرزخورلۇق ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى بىر قان دەۋاسى، زېمىن دەۋاسى، مىللىي ئازادلىق كۈرىشى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىڭلار؛ تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋىتى كەلگەندە، پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرەلەيدىغان ئەزىمەتلىرى- قوراللىق قوشۇنى بارلىقىنى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئېسىگە سېلىۋاتىسىلەر…

بىرەر سائەتچە ئىختىيارىي سۆھبەتتىن كېيىن، بىنانىڭ ئاشخانا قەۋىتىگە چىقتۇق. مەخسۇس ئاشپەزلەر تەييارلىغان قەشقەرنىڭ چىنە لەغمىنى بىلەن غىزالاندۇق.

غىزا ئارىسى سۆھبەتتىمۇ ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئاكتىپ تېمىلار ھەققىدە پاراڭ سوقتۇق. گېنىرال ئەخمەت شارانىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى، مەنمۇ سۈرىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن يېقىنلىشىشىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن پايدىسى ھەققىدە پەرەزلىرىمنى  قىستۇردۇم. قاراشلىرىمىزدىكى، پەرەزلىرىمىزدىكى ئوخشاشلىق سۆھبەت كەيپىياتىنىڭ قىزغىنلىقىنى يەنە بىر بالداق كۆتۈردى، يېنىك چاقچاق ۋە يۇمۇرغىمۇ پاس چىقتى.

گېنىرال پاراڭ ئارىسىدا  ئىككى رەت شىرەدىكى ئالمىنى ئاقلاپ ماڭا قوش قوللاپ سۇندى. مەن كۆرسىتىلىۋاتقان بۇ نازاكەت ۋە ئېھتىرامغا بىراز چاخچاق ھاۋاسى سىڭدۈردۈم: 

— بومبا ئاتقان قولدا ئالمنىڭ بۇنداق چىرايلىق ئاقلىنىشىنى تەخمىن قىلمىغانىدىم…   

— شۇنداق، ھايات بىر قولدا بومبا، بىر قولدا ئالما بولغان چاغدا گۈزەل بولىدىكەن ئەمەسمۇ،— دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ.

مەن گەپ بىلەن بولۇپ قاچىنى بىكارلاشتا كېچىكىپتىمەن.

— ئەپەندىم، لەغمەن بىلەن بەك ئېلىشىپ كېتىۋاتىسىز، ھامبۇرگېرگە كۆنۈپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ — دېدى گېنىرال لەغمەننى تۈگىتىپ بولالماي، تېخىچە مالتىلاپ ئولتۇرغىنىمنى ئىشارەتلەپ.

— ئولجىنىڭ تەمىنى تولۇق بىر تېتىپ باققىم بار، — دېدىم مەن بۇ غىزا ۋە بۇ سارايىنىڭ ئۇرۇش ئولجىسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى ئەسكەرتىپ.

بۇ چاغدا كوماندىر يەھيا گەپ قاتتى:

— شۆھرەتكە، راھەت بولۇڭ، ھامبۇرگېرگە كۆنۈپ قالساق مەيلى، ئۇ جىڭموما بولمىغاندىكىن!…

گېنىرالمۇ يەھيانىڭ گېپىنى تەستىقلاپ «توغرا» دەپ كۈلدى.

بەك ئىلگىرىلەپ چۈشىنىۋالغان بولۇشۇممۇ مۇمكىن: بۇ يەردە بىر سىياسىي چاقچاق بولۇۋاتاتتى؛ ھامبۇرگېر ۋە جىڭموما  سېلىشتۇرمىسى ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن خىتاي سېلىشتۇرمىسى، يەنى سىياسىي مەيداندا ئامېرىكىغا يېقىنلىشىش، خىتايغا يولىماسلىق پىرىنسىپى ئىشارەتلىنىۋاتاتتى.

يەھيا بىلەن مېھمانخانىغا قايتىۋېتىپ، گېنىرالنىڭ بۇ سارايغا يۈكسەلگىچە بولغان ئارىلىقتىكى سىياسىي مۇساپىسى ھەققىدىمۇ پاراڭلاشتىق. يەھيا كىشىلىك مۇناسىۋەتتە مۇلايىم ۋە مېھرىبان بۇ قومانداننىڭ جەڭ مەيدانىدا باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىدىغانلىقى، بىر نەچچە قېتىملىق قىيىن ئۆتكەلدە سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، جەڭنى غەلىبىگە يېتەكلىگەنلىكىگە ئوخشاش داستانلارغا تېما بولغۇدەك جەڭ كەچمىشى بارلىقىنى تىلغا ئالدى؛ ئۇنىڭ يەنە پرىنسىپال مەسىلىلەردە قارارىنىڭ تېز ۋە كەسكىنلىكىنى ئېيتىپ، مۇنداق بىر مىسالنى دېدى:

— فەتىختىن (ئازادلىقتىن) كېيىن، دۇرژىلار رايونىدا قالايمىقانچىلىق بولغاندا، دۆلەت تەرەپتىن بىزنى باستۇرۇشقا بۇيرۇمىغان ئىدى. ئارىمىزدىكى قېنى قىزىقراق قېرىنداشلىرىمىزدىن بىرقانچىسى بارماقچى بولۇپ تەييارلانغان ئىكەن. زاھىدكام (گېنىرالنىڭ جامائەت ئىچىدىكى نامى زاھىد ئىكەن): «ھەددىڭلارنى بىلىڭلار، ئۇ يەردە بىزنىڭ ئىشىمىز يوق» دېۋىدى، ئۇلار جىمىقتى، بىزدىن ھېچكىم بارمىدى.

— دېمەك، بۇندىن كېيىن ھەممە ئۇرۇشقا كىرمەيدىكەنسىلەر-دە؟

— دۆلەت بىزنى «تىنچ-خاتىرجەم ياشاڭلار، ئۆزۈڭلارنى ياخشى تەربىيىلەڭلار» دېيىكلىك. سۈرىيەنىڭ  ئىچكى ۋە تاشقى توقۇنۇشلىرىغا بىزنى ئارلاشتۇرۇش نىيىتى يوق، بۇ ئۇلار ئۈچۈنمۇ بىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بىر ئىش.

مەن يەنە گەپ كوچىلاپ سورۇدۇم:

— سۈرىيەدە كۇرد مەسىلىسى تېخى ھەل بولمىدى، ئۇلارنى ئامېرىكا قوللايدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سۈرىيە بىلەن كۇردلار ئارىسىدا زىددىيەت چىقسا، سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى توقۇنۇشۇپ قالسا، سىلەرنىڭ جەڭ مەيدانىدا ئورۇن ئېلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىڭلار بارمۇ؟

— بىز ئۇنداق پوقنى يېمەيمىز،— دېدى يەھيا كېسىپلا.

يەھيانىڭ بۇ گېپىنىڭ ئەسكىرىي تۈزۈم ۋە رېئاللىقلار نۇقتىسىدىن قانچىلىك توغرىلىقى ماڭا ئېنىق ئەمەس، ئۇنى بىلىشىممۇ مۇھىم ئەمەس؛ مۇھىمى، ئۇنىڭ ئەنە شۇ «ئۇ پوقنى يېمەيمىز» دېگەن گەپنى قىلغاندىكى كەسكىنلىكى.

مىللىي مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلىكنى ئىپادىلەيدىغان بۇنداق بىر باياننى تۈركىيەدىكى چېغىمدا جامائەتنىڭ شۇ يەردىكى ۋەكىلىنىڭ ئېغىزىدىن مۇنداق شەكىلدە ئاڭلىغان ئىدىم: «رۇس ئارمىيىسى بەشار ئەسەدكە ھاۋادىن ياردەملىرى يېتىشمىگەن چاغدا قۇرۇقلۇقتىنمۇ ياردەم بەردى. شۇ چاغدا رۇس ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇش بازىلىرىدا ئۇدۇل كەلگەن ۋاقىتلىرىمىز بولدى، لېكىن بىز رۇس تەرەپكە ئاكتىپ ھۇجۇمدا بولمىدۇق، پەقەت مۇداپىئە شەكلىدە ئۇرۇشتۇق. چۈنكى، رۇسلار بىزنىڭ قوشنىمىز، كەلگۈسىدە مەنپەئەتلىرىمىزنىڭ بىر يەرگە كېلىپ قېلىش ئېھتىمالى بار، شۇڭا ئۇلار بىلەن كۆۋرۈكنى بۇزىۋەتمەسلىككە تىرىشتۇق…»

بۇ مەن سۈرىيەدىكى بىر ئۇيغۇر كوماندىردىن كۈتكەن ئىستراتېگىيىلىك نەزەر ئەمەس ئىدى. دېمەك، جەڭدىكى غەلىبە ئىنساننىڭ روھىنى تىكلەپلا قالماي، ئىنساننىڭ ئەقلىنىمۇ يۈكسەلتسە، نەزىرىنىمۇ كېڭەيتسە  كېرەك.

پارىڭىمىز گېنىرالنىڭ سىياسىي مۇساپىسىغا قايتقاندا، يەھيا يەنە شۇلارنى تەكىتلىدى:

— بىزنىڭ شارئىتىمىزدا، قوماندان ئۈچۈن جەڭنىڭ ئالدىغا ئۆتۈش، جەڭگە يېتەكچىلىك قىلىشلا كۇپايە  قىلمايدۇ؛ ئۇ يەنە جەڭچىلەرنىڭ ئائىلە-تەۋەبىئاتلىرىنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر نەچچە يۈز ئەمەس، بىرنەچچە مىڭ جاننىڭ تۇرمۇشى. ئۇلارنىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىشى كېرەك. خوتۇن-بالىلىرى خاتىرجەم قىلىنمىغان جەڭچى بەزىدە جەڭگە قاتنىشىشنى رەت قىلىپلا قالماي، تېخى ئىسيانمۇ كۆتۈرىدۇ.

ئۇنىڭ دېيىشىچە بىر قېتىملىق «ئىسيان»غا جەڭچىلەرنىڭ ئائىلە-تەۋەبىئاتلىرىغا بېرىلىدىغان 50 دوللار تەمىناتنىڭ ۋاقتىدا بېرىلمەسلىكى سەۋەب بوپتۇ. ئائىلە تەمىناتىنى ئالالمىغان كوماندىرلار ھەتتا زاھىد قوماندانغا ۋاستىلىق «ئۇلتېماتۇم» يوللاپتۇ: «تەمىناتنى بىر ھەپتە ئىچىدە بېرەلمىسىە ، قوماندان ۋە ياردەمچىلىرى ئىشلىتىۋاتقان ماشىنىلىرىنى ساتسۇن.»

مەن بۇ «ئىسيان»دىنمۇ سۆيۈندۈم. بۇ جامائەت ئىچىدىكى قوماندانغا ئەگىشىش يالغۇز ئېغىزىدىكى نۇتۇققا، جەڭدىكى جاسارەتكە بولغان قايىللىقتىن ئەمەس، بەلكى بىر جامائەتنىڭ ئومۇمىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايدىغان ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي ئىقتىدارغا تايانغان ئىكەن.

يەھيا يەنە شۇنىمۇ قوشۇمچە قىلدى:

«ئادەم بار يەردە ئوخشىمىغان پىكىر بولىدۇ، ئۆكتىچىلىك بولىدۇ، بەزىدە زاھىدكامدىنمۇ نارازى كىشىلەر چىقىپ قالىدۇ. ئۇلار بىلەن سۆزلەشكەندە دېگىنىم شۇ: «ئەگەر سەن جەڭدە ئالدىدا ماڭالىساڭ، بىر تۈركۈم كوماندىرلارنى ئەتراپىڭغا توپلىيالىساڭ، تېخىمۇ مۇھىمى جامائەتنىڭ %70 نىڭ قورسقىنى باقالىساڭ، مەن سېنىڭ كەينىڭدىن ئەگىشىمەن.»

مۇشۇ كەمگىچە ئەسكىرىي قومانداننىڭ خەلقنى بېقىش ۋەزىپىسى بولىدىغانلىقىنى ئەقلىمگە كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن. بۇ نۇقتىنى پولكوۋنىك جالالىدىن بىلەن ئىستانبۇلدا ناشتىدا بىللە بولغان ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭ ئېغىزىدىن مۇنداق ئاڭلىغان ئىدىم: «ئەتراپىمىزدىكى ئەنسار (ئەرەپ) ۋە مۇھاجىر گۇرۇپپىلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقاندەك يېقىن ئۆتىمىز، بىر-بىرىمىزنى بەك ھۆرمەتلەيمىز، شۇنداق بولسىمۇ يەنە بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن ئارىدىكى يۈز-خاتىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشقا توغرا كېلىدىكەن. بىر قېتىم خەلقئارادىن (مەلۇم بىر ئەرەپ دۆلىتىدىن) كەلگەن ياردەم پۇلىنى گۇرۇپپىلار ئارا تەقسىملەش بولدى. قارىساق بىزگە تەقسىملەنگىنى خېلىلا ئاز. پۇل تەقسىملىنىپ، يىغىن تارقىلىش باسقۇچىغا كەلدى. بۇ تەڭسىزلىككە ھېچكىم دىققەت قىلمىدى. ئاخىر زاھىدكام ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، قايتىشقا تەمشەلگەنلەرنىڭ يولىنى توستى: <توختاڭلار. بىزمۇ بار بۇ جەڭنىڭ ئىچىدە، ئارقا ياكى ئوتتۇرا سەپتە ئەمەس، ئالدىنقى سەپتە…> زاھىدكامنىڭ ئاۋازىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن چۆچۈدىمۇ ياكى تەقسىماتتىكى خاتالىقنى دەرھال تونىدىمۇ، سالاغىمۇ ئېھتىياج قالمىدى: زاھىدكامنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى چۈشمەي تۇرۇپ، ھەممىسى سومكىسىدىكى پۇلدىن بىزگە ئايرىدى؛ ئاندىن قارىساق، بىزنىڭ ئالغانىمىز بەكلا ئوشۇق؛ ئالغانىمىزنىڭ بىر قىسمىنى دەرھال يەنە: <بۇ بىزگە ئارتۇق> دەپ قايتۇردۇق؛ بىر نەچچە قوماندان كۆزىگە ياش ئالدى ۋە بىزنى قۇچاقلىدى…»

دېمەك، قوماندان ئۈچۈن جەڭدە  ئۇتۇشلا ئەمەس، يەنە دىپلوماتىيەدىمۇ بوش كەلمەسلىك، بەزىدە مەرتلىك، بەزىدە مەردانىلىق بىلەن سەبدەشلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش، جامائەتنىڭ ھەققىنى قوغداش كېرەك ئىكەن.

بۇ كۈنكى زىيارەتتىن كاللامدىكى «سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار قانداق بولۇپ بىر تەشكىلات، بىر قوماندان ئاستىدا  بىرلىشەلىدى؟» دېگەن سۇئالغا قىسمەن بولسىمۇ جاۋاپ تاپتىم: قوماندانلارنىڭ بىر قولىدا بومبا، بىر قولىدا ئالما بولغاچقا؛ مۇھەببەت ۋە نەپرىتىنى جايىدا ئىشلىتەلىگەن، مېھرىبانلىقنى بىر-بىرىدىن  ئايىمىغان، دۈشمەنگە قەھرىنى مەركەزلەشتۈرگەن بولغاچقا؛ كېلىشەلمىگەندە پىكىرلىشىپ، ئۆزئارا يول قويۇشقان، بىر-بىرىنى ئەپۇ قىلغان بولغاچقا؛ تېخىمۇ توغرىسى، ئەقىدىلىرىگە ماس ھالدا  پەيغەمبەر ئەخلاقىنى ئۈلگە ئالغان، ساھابىلەرنىڭ يولىنى تۇتقاچقا.

(داۋامى بار)

ئەسكەرتىش: ئاپتور يېقىندا سۈرىيەنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرغان ۋە بىر يۈرۈش يازمىلارنى يازغانىدى. «ئۇيغۇر پوچتىسى» ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە سەھنە بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، بۇ يازمىلارغىمۇ ئورۇن بەردى. بۇ يازمىلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە كۆزقاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە خاس بولۇپ، «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىشى ناتايىن.


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading