ۋال سچېرىت: شى تەيۋەننى ئۆتۇنۇشنى تەلەپ قىلغان

خىتاي رەھبىرى پرېزىدېنتنىڭ سودا كېلىشىمىگە بولغان ئىشتىياقىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈش پۇرسىتى دەپ قارايدۇ.

ئەسلى ئاپتورى:لىڭلىڭ ۋى 

تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

28-سىنتەبىر

 ئەھۋالدىن يېقىندىن تونۇشلۇق كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە،  ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش يىلى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ھازىر ئۆزىنىڭ ئاخىرقى نىشانىنى قوغلاشماقتا: ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن سياسىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش-يەنى تەيۋەننى  تاشلىۋىتىش؛

 بۇ كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ كېلەر يىلى ختاي بىلەن ئىقتىسادىي كېلىشىم تۈزۈشكە قىزىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، ختاي  رەھبىرى شى ئامېرىكىلىق مەنسەپدىشى ترامپنى  ئامېرىكا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا ”قارشى تۇرىدىغانلىقىنى“ رەسمىي ئىلام قىلىشقا بېسىم ئىشلىتىشنى پىلانلىماقتا.

2012-يىلنىڭ ئاخىرىدا ھوقۇق تۇتقاندىن  بېرى، شى تەيۋەننى بېيجىڭنىڭ كونتروللۇقىغا كىرگۈزۈشنى ئۆزىنىڭ مىللىي گۈللىنىش ”ختاي ئارزۇسى ”(جۇڭگو چۈشى)نىڭ ئاساسلىق پرىنسىپى قىلدى. ھازىر، ئۇ ختايدا ھىچېكىمگە ئوخشمىغان ھالدا ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ھوقۇق مەزگىلىگە كىرگەندە، ئۇ قايتا-قايتا تەيۋەن بىلەن ”بىرلىشىش“ نىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ۋە سىرتقى كۈچلەر—ۋاشىنگتوننىڭ تەيبېيگە بەرگەن سىياسىي ۋە ھەربىي قوللىشىنى كۆرسىتىپ—توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شى ھازىر  پرېزىدېنت جو بايدېن ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلغان، ۋاشىنگتون تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ”قوللىمايدىغان“ پوزىتسىيەسىدىن رازى ئەمەس، دەپ ئېيتتى بۇ كىشىلەر. بۇ بايانات بېيجىڭنى خاتىرجەم قىلىدۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ستراتېگىيىلىك مۈجمەللىك يەنى  ”بىر ختاي“ سىياسىتىدىن چەتنىمىدى، بۇ سىياسەت بېيجىڭنىڭ تەيۋەنگە بولغان دەۋاسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن قوللىمايدۇ.

شى ئۈچۈن، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىق بىلەن ئوچۇق قارشى تۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى پەرق پەقەت سۆز مەنىسى ئەمەس. بۇ ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ نېيترال پوزىتسىيەدىن تەيۋەن ھاكىمىيىتىگە قارشى بېيجىڭ بىلەن ئاكتىپ سەپداش بولۇشقا ئۆزگىرىشىنى بىلدۈرىدۇ—بۇ ئۆزگىرىش شىنىڭ ئىچكى ھوقۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىيەلەيدۇ.

ترامپ ھۆكۈمىتى بايدېن دەۋرىدىكى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمىز دىگەن  ئىبارىغا ۋارسلىق قىلمىدى. ئەكسىچە، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى: «بىز ئۇزۇندىن بۇيان ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى ھالەتكە بىر تەرەپلىمە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ كەلدۇق» دېدى. «ختاي تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ئەڭ چوڭ تەھدىت سېلىپ تۇرۇپتۇ».

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شى جىنپىڭ بېيجىڭ ئىقتىسادىي كېلىشىم تۈزۈشكە ئىشتىياقلىق دەپ قارايدىغان ترامپنى تەيۋەن مەسىلىسىدە مەيدانىنى ئۆزگەرتىشكە قىزىقتۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ئامېرىكىلىق خىزمەتد اشلىرى بىلەن سۆھبەتتە، ختاينىڭ ھۆكۈمەت سىرتىدىكى  سىياسى مەسلىھەتچىلىرى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا رەسمىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئەمەلدارى، ھازىر جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېۋان مېدېيروس: «ۋاشىنگتون بىلەن تەيبېي ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش بېيجىڭ ئۈچۈن تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ مۇقەددەس نىشانى» دېدى. «بۇ تەيۋەننىڭ ئىشەنچىسىنى بۇزۇپ، بېيجىڭنىڭ تەيبېيگە بولغان تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىدۇ».

مېدېيروس يەنە: «شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن ئالدىمىزدىكى  ئۇچرىشش مەزگىلىنى ۋاشىنگتون بىلەن تەيبېينى بۆلۈشكە ئۇرۇنۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قارايدۇ» دېدى.

ختاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۈ باياناتىدا: «ختاي ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ھەر قانداق شەكىلدىكى رەسمىي ئالاقىگە ياكى ھەربىي مۇناسىۋەتكە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېدى.

ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدا يېقىندا تۈزۈلگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپى TikTok نى ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا سېتىش كېلىشىمى بىر يۈرۈش يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەرگە يول ئاچتى. ئىككى رەھبەر يېقىنقى ئاسىيا-تېنچ ئوكيان باشلىقلار يىغىنىدا كورېيەدە كۆرۈشۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، ترامپ 2026-يىلىنىڭ باشلىرىدا بېيجىڭغا، شى جىنپىڭ بولسا شۇ يىلى دېكابىردا ئامېرىكىغا قايتا زىيارەتكە بېرىشى مۇمكىن. ئاق سارايغا يېقىن كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ترامپنىڭ ختايغا قىلغان زىيارىتى بېيجىڭنىڭ سودا ۋە فېنتانىل ھاسىل قىلىدىغان ماددىلارنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى توسۇش تىرىشچانلىقىدىكى ھەمكارلىقىغا باغلىق بولغاچقا، بۇ ئالاقە يەنىلا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئېنىقسىزلىشىپ قالغاندەك كۆرىنىدۇ.

ترامپ، بايدېندىن پەرقلىق ھالدا، ختاي تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلغاندا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىششى ياكى ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئاساسەن ساقلانغان، ئۇ ئاشكارا بايان قىلىشنىڭ ئۆزىنىڭ سۆھبەت ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ترامپ ئاۋغۇست ئېيىدا Fox News بىلەن بولغان سۆھبەتتە، شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى پرېزىدېنت بولۇۋاتقان مەزگىلدە ختاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ترامپ بۇ ۋەدىنىڭ قاچان بېرىلگەنلىكىنى ئېنىق ئېيتمىغان، ئەمما شى جىنپىڭنىڭ: «لېكىن مەن بەك سەۋرچان، ختاي ناھايىتى سەۋرچان» دەپ قوشۇپ قويغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ترامپ ھۆكۈمىتى يېقىندا بىر قىسىم ھەربىي ياردەمنى كېچىكتۈرۈپ، تەيۋەن پرېزىدېنتى لاي چىڭتېنىڭ ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتۈشىنى رەت قىلدى – بۇ ھەرىكەت لاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسى زىيارىتىنى بىكار قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ھەرىكەتلەر ۋاشىنگتون ۋە تەيبېيدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە بولغان قوللىشىدىن كۆرە، خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشىمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋاتامدۇ، يوقمۇ؟ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى.

ئاق سارايغا يېقىن كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە تەيبېينى ئۆزىنى قوغداش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ئوق-دورا قاتارلىق ئىقتىدارلارغا سەرپ قىلىدىغان چىقىمىنى كۆپەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا توختاپ ئۆتۈشنى رەت قىلىش قارارى يەرلىك قانۇن چىقىرىش ئورگىنى سايلىمى جەريانىدا  چىڭتېنىڭنىڭ ئۆز   پارتىيەسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئامېرىكىنى تەيۋەننىڭ ئىچكى سىياسىتىگە سۆرەپ كىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەن.

بۇ كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بېيجىڭنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقى  ھەققىدىكى بايانلىرىنى رەت قىلىش-ئۇرۇشنى توسۇشنىڭ ئاچقۇچى، چۈنكى بۇنداق قىلىش خىتاينىڭ روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىغا ئوخشاش توقۇنۇش ئۈچۈن يوشۇرۇن باھانە تېپىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

ئالىي دەرىجىلىك بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى: «ئامېرىكىنىڭ بىر-خىتاي سىياسىتى ئوخشاش ھالەتتە تۇرىدۇ. بۇ سىياسەت تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپى بىلەن ئىجرائىيە ھوقۇقىنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىشىغا يول قويىدۇ، ئۇ ترامپنىڭ تۇنجى ھاكىمىيەت مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش ئۆزگەرمەيدۇ»، دېدى. ترامپنىڭ تۇنجى پرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە، ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قورال سېتىش سوممىسنى ئاشۇرغان ئىدى.

بۇ ئىشلارنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ماركو رۇبىيو يانۋاردا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىق كاپالىتىنى شەخسىي ئاۋازدا يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. ئاندىن بېيجىڭ ئامېرىكىنىڭ رۇخسىتىسىز بۇ سۆزنى تېلېفون سۆھبىتىنىڭ رەسمىي خاتىرىسىدە ئېلان قىلغان، بۇ رۇبىيونى خاپا قىلغان، دېدى بۇ كىشىلەر.

ئامېرىكىنىڭ يانۋاردىكى تېلېفون خاتىرىسىدە ئەكسىچە، رۇبىيونىڭ ۋاڭغا خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارشى «مەجبۇرىي ھەرىكەتلىرى» توغرىسىدىكى ئەندىشىسى ئاساس قىلىنغان. ھەتتا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى يېڭىلانغان پاكىت جەدۋىلىدە، فېۋرالدا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بايدىن دەۋرىدىكى سۆز ئېلىپ تاشلانغان.

ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا قارىتا سىياسىتىنى تۈزۈشكە ياردەم بېرىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ئىۋان كاناپاتىي، خىتاي ھەربىي كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرۇۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەننى زورلۇق بىلەن ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىقتىدارىنى ياخشىلاشنىڭ تەشەببۇسچىسى.

ئىۋان كاناپاتىي ئۆتكەن يىلى ئوتتۇرا مەيدانچى تەتقىقات مەركىزى بولغان برۇكىڭس تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئاشكارا تىلغا ئىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. چۈنكى بۇ جۈملە تەيۋەندە گۇمان پەيدا قىلىپ، ئىتتىپاقداشلارنى قايمۇقتۇرىدىكەن. ئۇ تېخىمۇ بىتەرەپ ئۇچۇرنى تەكلىپ قىلدى: پەقەت ھازىرقى ھالەتنى بىر تەرەپلىمە ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرۇش.

شۇنداقتىمۇ، شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن ئۇچراشقان ھەر بىر پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئامېرىكا رەھبىرىنى تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇشتا كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشقا بېسىم قىلىدۇ دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.

«ستىمسون مەركىزى»نىڭ خىتاي پروگراممىسىنىڭ دېرىكتورى يۈن سۈن: «تەيۋەن توغرىسىدا ئامېرىكا سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بىر كېچىدىلا يۈز بەرمەيدۇ» دېدى. «خىتاي بىر غېرىچ بولسمۇ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن ئۆز مەيدانىنى  قەتئىي ۋە قايتا-قايتا ئىلگىرى سۈرۈشكە تېرشىدۇ ۋە بۇ جەرياندا  تەيۋەننىڭ ئامېرىكىنىڭ ۋەدىسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىدۇ».

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز