Sherqiy türkistandiki lagérlarni süretke alghan xitay köchmenning amérikida tutqun qilinishi dunyawi tesir qozghidi
ئۇيغۇر پوچتىسى، 17-دېكابىر
ئۆزگۈر ئۇيغۇر
ئۆتكەن ھەپتە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ جازا لاگېرى بولغان داۋانچىڭ لاگېرىنى سۈرەتكە ئېلىپ دۇنياغا ئاشكارىلاپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشتا تۆھپە كۆرسەتكەن 38 ياشلىق خىتاي گۇەن خېڭ (Guan Heng)نىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ھەققىدىكى دېلوسى ھازىرغا قەدەر خەلقئارا جەمئىيەت ۋە تاراتقۇلارنىڭ جىددىي خەۋەر قىلىش نۇقتىسى بولماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىش ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كرىشنامورتى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنى گۇەن خېڭغا پاناھلىق بېرىشكە چاقىردى:
«ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستاندىكى) كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى، شۇنداقلا بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنى دۇنياغا پاش قىلىش ئۈچۈن زور شەخسىي خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلغان باتۇر ئىنسانلارنى قوللاشتا ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتى بار. بىزنىڭ يەنە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاش مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ، دۆلىتىمىزدىن پاناھلىق تىلىگەنلەرنى قوغداشتا قانۇنىي مەسئۇلىيىتىمىز بار.»
ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلار تاراتقۇسى بولغان «ۋول كوچىسى ژۇرنىلى» تەھرىرىيەت نامىدىن ئۇزۇن باش ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەركىن پۇقرالارنىڭ زېمىنى بولغان ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا يوللىماقچى بولغان ئۇچۇرى مۇشۇمۇ؟ سىز ئۆز جېنىڭىزنى خەتەرگە قويۇپ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى پاش قىلغان تۇرۇقلۇق، يەنە بىر قېتىم جېنىڭىزنى تىكىپ ئامېرىكىغا يېتىپ كەلسىڭىز، بۇ باتۇرلار ماكانى بولغان ئامېرىكا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ساقچى كۈچى بولۇپ خىزمەت قىلامدۇ؟»
ئۇنىڭدىن باشقا لىبېراللار تاراتقۇسى بولغان «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»، ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» قاتارلىقلارمۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي خەۋەر قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى گۇەن خېڭنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى:
«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكا دائىرىلىرىنى گۇەن خېڭنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئائىت بارلىق قانۇنىي تەرتىپلەرنى دەرھال توختىتىشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ ئامېرىكا مۇساپىرلار قانۇنى ۋە خەلقئارالىق «قايتۇرماسلىق» (non-refoulement) مەجبۇرىيەتلىرىگە تولۇق ئۇيغۇن ھالدا بىر تەرەپ قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىدۇ. گۇەن خېڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان جىنايەتلەرنى پاش قىلىش ئۈچۈن جېنىنى خەتەرگە قويدى. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىكەن، گۇەن خېڭنى ئۆزى پاش قىلىشقا ياردەم بەرگەن شۇ زىيانكەشلىكنىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى كېرەك.»
سوت جەريانىدا كۆپلىگەن تاراتقۇ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرى سوتقا سىرتتىن قاتنىشىپ ياكى سوت بىناسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى گۇەن خېڭغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشكە چاقىردى.
«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇەن خېڭ 2021-يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ، سىياسىي پاناھلىنىش ئىلتىماس قىلغان. 2025-يىلى 8-ئايدا كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن، نيۇيوركتا تۇرۇپ كىراكەشلىك قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن.
گۇەن خېڭنىڭ ھېكايىسى ئامېرىكىدىكى مۇھىم ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى» ناملىق تەشكىلات تەرىپىدىن تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇ 2019-يىلى ساياھەت بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا بارغاندا، كوچىلاردىكى زىيادە نازارەت ۋە بېخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ھەيران قالغان. كېيىن «باز فېد» (BuzzFeed) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىنى ئوقۇپ، لاگېرلار ۋە لاگېرلارنىڭ ئورنىدىن خەۋەر تاپقان.
«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇەن خېڭ 2020-يىلى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تەكشۈرۈشنى نىيەت قىلىپ، خېنەندىن يولغا چىقىپ، ئۈرۈمچىنىڭ داۋانچىڭ رايونىدىكى لاگېرىنى خەتەرگە قارىماي مەخپىي سۈرەتكە ئالغان. كېيىن بۇ ۋىدىيو توردا تارقاتقاندىن كېيىن كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، لاگېرلار ھەققىدىكى مۇھىم ئىسپاتلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنى لاگېرلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يېقىن كەلتۈرمىگەن بولۇپ، گۇەن خېڭ خىتاي بولغانلىقى ئۈچۈن يۈرۈش-تۇرۇشتا گۇماندىن ساقلانغانلىقى مەلۇم.
گۇەن خېڭ ۋىدىيونى سۈرەتكە ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى خىتايدا تۇرۇپ ئېلان قىلسا ئۆزىگە خەتەر يىتىدىغانلىقى ئۈچۈن، چەت ئەلگە قېچىشقا پۇرسەت كۈتكەن. 2021-يىلى خىتاي كوۋىد قامىلىنى بوشاتقاندىن كېيىن، گۇەن خېڭ ئاۋۋال خوڭكوڭغا بارغان، ئۇ يەردىن خىتاي پاسپورتىغا ۋىزا تەلەپ قىلمايدىغان ئېكۋادورغا بارغان، ئاندىن ئۇ يەردىن باھاماسقا بارغان، باھاماستا بىر كىچىك كېمە سېتىۋېلىپ، جاپالىق دېڭىز سەپىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شىتاتىدا قۇرۇقلۇققا چىققان.
گۇەن خېڭ ئېلان قىلغان 19 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىمدە مۇنداق سۆز بار: «ئۆزى قۇل بولۇشنى خالىمايدىغانلار — باشقىلارنىڭمۇ قۇل قىلىنىشىنى خالىمايدىغان كىشىلەردۇر.»
گۇەن خېڭ ترامپ ھۆكۈمىتى يولغا قويغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە تۇتۇلغان. بۇ قېتىمقى سوتتا گۇەن خېڭنىڭ ئادۋوكاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان لاگېر ۋە زور ساندىكى تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىنىڭ راست ۋە ئەمەلىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، گۇەن خېڭنىڭ ھاياتىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىغا قارىماي لاگېرلارنىڭ ئورنىغا مەخپىي بېرىپ سۈرەتكە ئالغانلىقىنى ۋە دۇنياغا تارقاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ دەل ئامېرىكا قانۇنى بويىچە سىياسىي پاناھلىق بېرىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكى، ناۋادا گۈەن خېڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈنمۇ مۇھىم زەربە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سوتتا ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئادۋوكاتى نېلسى گەررى: «گۈەن خېڭ ئامېرىكىغا رۇخسەتسىز كىرگەن، شۇڭا ئۇنى ئۇگانداغا قايتۇرۇش لازىم» دېگەن. بۇ يىل يازدا ئامېرىكا ئالىي سوتى ئەگەر قايتۇرۇلغۇچىلار ئۆز دۆلىتىدە تەھدىتكە ئۇچرىسا، ئۇلارنى ئۈچىنچى دۆلەتكە قايتۇرۇشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە قارار چىقارغان. ئەمما «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇگاندانىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئەگەر گۈەن خېڭ ئۇگانداغا قايتۇرۇۇلسا، ئۇنىڭ بېخەتەرلىكىگە كاپالەت يوق ئىكەن.
سوت كۈنى ھاۋا سوغۇق ھەمدە قار يېغىۋاتقان بولۇپ، سوت بىناسى ئالدىدا پىروفېسسور ماگنۇس قاتارلىقلار ۋە «خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى» (Human Rights in China) تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشىدە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشغا قاتناشقان يۈزلىگەن نامايىشچىلار سوتتىن گۇەن خېڭنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. سوتچى بۇ قەدەر زور تەلەپ ۋە قىزىقىش سەۋەبىدىن دېلوغا قايتا قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سوتنى 13-يانۋارغا كېچىكتۈرگەن.
گۇەن خېڭنىڭ ۋىدىيوسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەممە تۇغقانلىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن ۋە سوراق قىلىنغان. ئۇنىڭ ئانىسى لو يۈن 20 يىلدىن بېرى تەيۋەندە ياشاۋاتقان بولۇپ، لو يۈننىڭ دېيىشىچە، ھەتتا گۇەن خېڭ بىلەن ئانچە ئالاقىسى بولمىغان يىراق تۇغقانلىرىمۇ، مەسىلەن، لو يۈننىڭ سىڭىللىرىمۇ تەكشۈرۈلگەن.
ئۇيغۇرلاردىن بۇ ھەقتە رەيھان ئەسەت، رۇشەن ئابباس، مەمەت توختى قاتارلىقلار گۇەن خېڭنىڭ قايتۇرۇلماسلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پىكىر بايان قىلغان. «ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ دىرېكتورى تاھىر ئىمىن «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»گە بەرگەن سۆزىدە، گۇەن خېڭ ئېلان قىلغان ۋىدىيونىڭ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
