نويابىر 21, 2025
شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئەركىن ئاۋاز مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

بۈگۈن ئىسپانىيەنىڭ بارسىلونا شەھىرىدىكى كاتالان قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىلگە بۇ يىللىق ئەركىن ئاۋاز Premi Veu Lliureمۇكاپاتىنى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 

2010-يىلى كاتالونىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بۇ مۇكاپات ئۆز يېزىقچىلىقى تۈپەيلىدىن تۈرمىگە قامالغان ياكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان يازغۇچىلارغا بېرىلىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى 15-نويابىر دۇنيا مەھبۇس يازغۇچىلار كۈنىگە توغرىلاپ تارقىتىلىدىكەن. 

بۇ يىللىق مۇكاپاتنىڭ تاھىر ئىزگىلگە بېرىلىش سەۋەبى ھەققىدە، كاتالان قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئۆزىنىڭ ئىپادىلەش ئەركىنلىكىگە بولغان مۇستەھكەم مەيدانى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى  قوغداشتىكى تىرىشچانلىقى ھەمدە يۇقۇرى سۈپەتلىك ئەسەرلىرىدە ئەس ۋە مۇساپىرلىق ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.»

شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىل تور ئارقىلىق مۇكاپات قوبۇل قىلىش سۆزى قىلماقتا؛ سۈرەت مەنبەسى: كاتالان قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى

تاھىر ئ‍ىزگىل سەپەر رەسمىيىتى ۋاقتىدا پۈتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىسپانىيەگە بارالماي، مۇكاپاتنى بۈگۈن توردا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇ تەشەككۈر سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «كاتالان قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇشۇنداق ئالاھىدە بىر كۈندە بۇ ئالاھىدە مۇكاپاتنى ماڭا بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ شەرەپ يالغۇز ماڭىلا تەۋە بولۇپ قالماستىن، يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدا ۋە تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان، ئاۋازى بوغۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرىغىمۇ مەنسۇپ. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېسى چەكلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، يېزىقچىلىق ئاشۇ ئەسنىڭ ئۆزىگە ئايلانماقتا؛ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تىلى چەكلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، ئانا تىلدا سۆزلەشنىڭ ئۆزى قارشىلىققا ئايلانماقتا. شۇڭا مەن ئۆز ئەسەرلىرىم ئارقىلىق ئېيتىلىش چەكلەنگەن ھېكايىلەرنى داۋاملىق سۆزلەيمەن. مەن بۈگۈن ئېرىشكەن بۇ ئەركىن ئاۋاز مۇكاپاتى ماڭا بىزنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇردى.» 

تاھىر ئىزگىلنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق ئەسلىمىسى 2023-يىلى ئاۋغۇستتا ئىنگلىزچە نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا يىگىرمىگە يېقىن تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، كاتالان تىلىدىكى نۇسخسىمۇ بۇلتۇر نەشىردىن چىقىپ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. 

«كېچىدە تۇتقۇن قىلىنشنى كۈتۈش» ناملىق كىتاب 2023-يىللىق ئامېرىكا دۆلەتلىك كىتاب ئوبزورچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ جون لئېونارد مۇكاپاتىغا ۋە 2024-يىللىق مور كىشىلىك ھوقۇق يېزىقچىلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. تاھىر ئىزگىل يەنە 2024-يىللىق ۋاسلاۋ خاۋېل ئىجادىي ئۆكتە مۇكاپاتىغا ۋە 2024-يىللىق شىۋىتسىيە تومۇزغا شېئىرىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 


Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe to get the latest posts sent to your email.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading