ئۇيغۇر پوچتىسى، 1- دېكابىر
بۇ نۇتۇق كانادا پارلامېىنت ئەزاسى سەمېر زۇبەيرنىڭ 20- نويابىر پارلامېنتتا كاناداغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسمىدىن بۇرۇن قىلغان سۆزى بولۇپ، سەمېر زۇبەير 10مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنى كاناداغا يەرلەشتۈرۈش قانۇن لايىھەسنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سياستىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە ئۇيغۇرلارنى قەيسەر بولۇشقا، داۋاملىق ھەقىقەتنى سۆزلەشكە چاقىرغان.
«2023- يىلى فېۋرالدا كانادا پارلامېنتى خەتەر ئىچىدىكى 10 مىڭ ئۇيغۇرنى قارشى ئېلىش ۋە قايتا يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىردەك بېلەت تاشلىغان ئىدى. شۇ بىلەت بۇ پارلامېنت ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن تارىخىي بىر پەيت بولغانىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر خەلقى يەنىلا ئېغىر ۋە جىددىي بولغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز بۇنى ديېىشمىز، ئېتىراپ قىلىشىمىز ۋە تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. ھەر ھالدا جىددى خەتەر ئىچىدىكى بىر قسم ئۇيغۇرلار كاناداغا يېتىپ كەلدى. مەن ئۇچراتقان مۇساپىرلار كانادا ۋە كانادالىقلارغا چىن دىلىدىن مىننەتدار. ئۇلار ماڭا ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىخەتەرلىك ۋە ئامانلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھس قىلغانلىقلىرىنى ئېيتىشتى. بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ بەزىلىرى بۈگۈن پارلامېنت بىناسىدا بار. بىز بىر قارشى ئېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىمىز، مەن بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا چاقىرىمەن.
مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە شۇنى دەيمەنكى: سىلەرنىڭ مۇستەھكەم تۇرۇشىڭلارنى ۋە قەيسەر بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. داۋاملىق سۆزلەپ تۇرۇڭلار ۋە خەلقىڭلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىشلارنى دۇنيا بىلەن ئورتاقلىشىڭلار!
بۇ ھەققانىي ئىشنى قوللىغان پارلامېنت ئەزالىرى، سىلەرگە رەھمەت!»
ئۆزگۈر ئۇيغۇر تەرجىمىسى
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
