«ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى»دىن چېنىپ قالغان يالغانلار
ئاسىيە ئۇيغۇر
يېقىندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پۇتبولچىلىقىغا ناھايىتى زور مەبلەغ سېلىشقا باشلىغانلىقى، مىڭلىغان پۇتبول كەسپىي مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ، «پۇتبول بازىسى» تۈرلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلار كىشىلەرگە خۇددى پەقەت ئۇيغۇرلارلا خىتاي پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ، دېگەن تۇيغۇنى بېرەتتى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ «بۈگۈنى» بىلەن «ئۆتمۈشى»نى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ئاتالمىش «كەلگۈسى»نىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىنچىكىلىك بىلەن ھازىرلانغان تەشۋىقات ئويۇنى ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىشىمىز تەس ئەمەس. ئۇنداقتا بىز مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە نەزەر سېلىپ باقايلى.
2018 – يىلى خىتاينىڭ دۆلەتلىك ياشلار پۇتبول كوماندىسى ئەزاسى بولغان ئېرفان ھېزىم ئىسىملىك 19 ياشلىق ئۇيغۇر پۇتبولچى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازا لاگىرىغا قامالغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. مەلۇماتلاردا ئېرفاننىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى «چەتئەلگە چىقىش» ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغىنى شۇكى، 2019 – يىلى «ئاسىيا خەۋەرلىرى» تورىدا ئىرفان ھېزىمنىڭ 11 ئايلىق جازا لاگىرى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تور سۇپىسىدا قايتا پەيدا بولغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە «رەھمىتىنى بىلدۈرگەنلىكى» خەۋەر قىلىنغان. ئەمما شۇ يىلى نويابىردا، خىتاينىڭ بەيدۇ تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدىن ئىرفاننىڭ پۇتبول ھاياتىنىڭ ئاشۇ 11 ئايلىق سىياسىي مەھبۇسلۇق سەۋەبىدىن ئاساسەن ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.


يەنە بىرى بولسا، ئەرەپات ئابلىكېرەم ( Erpat Ablekrem) ئىسىملىك ئۇيغۇر پۇتبولچىدۇر. مەزكۈر ئۇيغۇر پۇتبولچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى ئۇنىڭ بىر نەۋرە تۇغقىنى بولغان مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد ئىسىملىك خانىم تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان. خەۋەردە مەزكۈر ئۇيغۇر پۇتبولچىنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى سەۋەبلىك غايىپ بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. لېكىن خىتاي ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن بۇ ئۇيغۇر پۇتبولچى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس، يەنى، ئۇنىڭ غايىپ قىلىۋېتىلگەنلەر قاتارىدا ئىكەنلىكى شەكسىز.
يۇقۇرىقى ئىككى پۇتبولچىدىن باشقا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئېنگلىزچە قانىلىدا 2016 – يىلى ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىغا ئالاقىدار مۇنداق بىر خەۋەرمۇ ئېلان قىلىنغان. بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ خېبېي ئۆلكىسىدىكى مەلۇم بىر پۇتبول كۇلۇبىدا تەربىيىلىنىۋاتقان توققۇز نەپەر ئۇيغۇر پۇتبولچىنىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك» سەۋەبىدىن كۇلۇبتىن قوغلاپ چىقىرىلىشى ھەققىدە يۇقىرىدىن بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن.
دەرۋەقە، يۇقۇرىقى مىساللاردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، خىتاي بىر تەرەپتىن پۇتبولدا تالانتى بار ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلىمەكچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەش، جازا لاگىرلىرىغا قاماش، چەتكە قېقىش، ھەتتا غايىپ قىلىۋېتىشقا ئوخشاش قىلمىشلارنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ يەردىكى رېئاللىق شۇكى، ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرى خىتاي بۇتبولچىلىقىنىڭ «كەلگۈسى ئۈمىدى»گە ئايلىنىشتىن بۇرۇنلا، ئۇلارنىڭ تەقدىرى خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ بولغان.
خىتاينىڭ ئاكادېمىك ماقالىلىرىدىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پۇتبولچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ئاددىي مەنىدىكى يەرلىك پۇتبولچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەسلىكى، ئەكسىچە دۆلەتنىڭ مىللەتلەرنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتۇش قاتارلىق ئۇيغۇر نوپۇسى كۆپ بولغان رايونلىرىدا خىتاي چوڭ تىپتىكى پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ مۇسابىقلەرنى داغدۇغىلىق تەشۋىق قىلماقتا. ئەجەبا خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ سورۇنلىرىغا جەملىشىشىنى، ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا توپلىشىپ ساما سېلىشىنى، مەسچىتلەردە توپلىشىپ ناماز ئوقۇشىنى، ھەتتا ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكى، سۆھبەت پروگراممىلىرىنى ئىشلەشنى چەكلىگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ؟ مىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، سەنئەتكارلىرى، ئالىملىرى، موللاملىرى، چولپانلىرى، ھەتتا ئاددىي دېھقانلىرىمۇ «ئۇيغۇر» بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي دۆلىتىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇلغان ئەمەسمىدى؟ ھەتتا پۇتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىگە قارشى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىشقا تەشكىللەپ، ھەر بىر ئۇيغۇرنى «يا خىتاي بولۇپ ئامان قېلىش ياكى ئۇيغۇر بولۇپ يوقىلىش» ئارىسىدا بىر يولنى تاللاشقا زورلىمىغانمىدى؟ ئاتالمىش «ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى»نىڭ داغدۇغىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ساختا مەنزىرە پەيدا قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش خىتاينىڭ بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى ئەسلى مەقسىتى ئىكەنلىكى ئېنىق. دېمەك، تۇتقۇن قىلىنغان، غايىب قىلىنغان ۋە چەتكە قېقىلىپ، كوماندىلاردىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىنىڭ قىسمەتلىرىدىن بۈگۈنكى ئاتۇش ۋە قەشقەرلەردە «جانلىنىۋاتقان ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى»نىڭ بىر سىياسىي ئويۇن ئىكەلىكىنى چۈشىنىش قىيىن ئەمەس.
خۇلاسە قىلغاندا، خىتاينىڭ تەشۋىقاتى كىشىلەرگە خۇددىي ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىيات دەۋرى يېتىپ كەلگەندەك تۇيغۇ پەيدا قىلسىمۇ، لېكىن بىز بۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان مۇددىئالانى ئۇنۇتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بۇ خىلدىكى كۈچلۈك تەشۋىقاتلارنىڭ زادى كىملەر تەرىپىدىن لايىھىلەنگەنلىكى ۋە كىمگە پايدا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئويلىشىمىز، بۇ سەھنە ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىڭ تالانتىنى ھەقىقىي نامايەن قىلىدىغان سەھنىمۇ ياكى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان ساختا سەھنىمۇ، بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزىشىمىز لازىم. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى خىتاي تەرىپىدىن «خىتاي پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى» سۈپىتىدە كەڭ – كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنىۋاتقاندا، بىز چوقۇم ئۆزىمىزگە مۇنداق بىر سوئالنى قويۇشىمىز كېرەك: «ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنى كەلگۈسىگە تۇتاشتۇرىدىغان بۇ يولنىڭ لايىھىلىگۈچىلىرى زادى كىملەر؟»
ئاسىيە ئۇيغۇر (Asiye Uyghur) ئۇيغۇر پوچتىسى (Uyghur Post) نىڭ سىياسىي تېمىلار ئوبزورچىسى ۋە ئانالىزچىسى، شۇنداقلا يازغۇچى ۋە مۇساپىرلارنى قوللاش خىزمەتچىسىدۇر. ئۇ گوللاندىيەدە تۇرىدۇ. ئاسىيە ئۇيغۇر ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە ئائىت تېمىلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە كەسپىيچانلىق روھى بىلەن كۈچلۈك پاكىتلار ئاساسىدا يازغان ئوبزورلىرى بىلەن تونۇلغان. 2019-يىلى، ئۇجازا لاگىرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك خىتاي مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلىغان «خىتاي مەخپىي ھۆججەتلىرى(China Cables)ناملىق ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلاشقا قاتناشقان.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
