ئۇيغۇر پوچتىسى، 27-فېۋرال
ۋاشىنگتون
ئەسكەرتىش: مەزكۇر خەۋەر گەرچە ئىككى ھەپتە ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، مۇھىملىقى سەۋەبلىك، «ئامېرىكا ئاۋازى»نىڭ ئوخشاش تېمىدىكى ماقالىسدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ماركو روبىيو (Marco Rubio) دۈشەنبە كۈنى (16-فېۋرال)ھونگرىيەگە قىلغان زىيارىتى جەريانىدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق دېپلوماتىك ئالاقە ۋە ئۆزئارا سۆزلىشىشنىڭ بولماسلىقىنى قىياس قىلىش ئەقىلگە سىغمايدۇ.»
روبىيو بۇنىڭدىن ئىلگىرى مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاي بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلىشنىڭ گېئوپولىتىكىلىق (جۇغراپىيەۋى-سىياسىي) مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىرىشىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
روبىيو دۈشەنبە كۈنى ھونگىرىيە باش ۋەزىرى ۋىكتور ئوربان (Viktor Orbán) بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «خىتاي مىلياردتىن ئارتۇق ئاھالىگە ۋە يادرو قورالىغا ئىگە چوڭ دۆلەت بولۇپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە. ئەگەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت ۋە دىپلوماتىك ئالاقە بولمىسا، بۇ ھەقىقەتەن بىمەنە ۋە مەنتىقىسىز بىر ئەھۋال بولىدۇ.»
يىغىن جەريانىدا مۇخبىرلار روبىيودىن: «ئامېرىكا بۇداپېشت بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، نېمە ئۈچۈن ھونگىرىيەدىن ئامېرىكىنىڭ ستراتېگىيەلىك رەقىبى بولغان خىتاي بىلەن بولغان كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىقىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلمايسىز؟» دەپ سورىدى. روبىيو پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ (Donald Trump) بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا خىتايغا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۆز مەنپەئەتىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۇنيادىكى ھېچقانداق دۆلەتتىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلمايدۇ، چۈنكى ئامېرىكا ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆز جۇغراپىيەسى، ئىقتىسادى، تارىخى ۋە كەلگۈسىدىكى خىرىسلارنىڭ رېئاللىقىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىدۇ. گەرچە ئامېرىكا ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن بەزى مەسىلىلەردىكى، مەسىلەن خىتاينىڭ ئاچقۇچلۇق مىنېرال بايلىق تەمىناتىدىكى يېتەكچى ئورنىغا ئوخشاش، ئەندىشە قىلىۋاتقان نۇقتىئىنەزەرلىرىنى ئورتاقلاشسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا ئۆز ئىرادىسىنى تاڭمايدۇ.»
بۇنىڭدىن بۇرۇن، روبىيو جۈمە كۈنى مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى جەريانىدا، خىتاي كومپارتىيىسى مەركەزىي كومىتېتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ سۆھبەتنىڭ «ئىجابىي ۋە نەتىجىلىك» بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىلار ئىشخانىسىنىڭ 14-فېۋرال ئېلان قىلغان ئۇچرىشىش باياننامىسىگە ئاساسلانغاندا، سۆھبەت «ئىجابىي ۋە نەتىجىلىك» بولغان. دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى روبىيو ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى تەرەپلىك، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەردە، «ئەمەلىي نەتىجىنى نىشان قىلغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتىنى» تەكىتلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى تەرەپ يەنە پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئاپرېل ئېيىدىكى خىتاي زىيارەت پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى.
بېيجىڭ تەرەپمۇ ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.خىتاينىڭ باياننامىسىدىمۇ ئۇچرىشىشنىڭ «ئىجابىي ۋە نەتىجىلىك» بولغانلىقى قەيت قىلىندى. خىتاي تەرەپنىڭ باياننامىسى ئامېرىكىنىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا ئۇزۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە «سۆزلىشىشنىڭ توقۇنۇشتىن، ھەمكارلىقنىڭ زىددىيەتتىن، ئورتاق ئۇتۇشنىڭ نۆل نەتىجىلىك ئويۇندىن ئەۋزەللىكى» تەكىتلەندى.
روبىيو بىلەن ۋاڭ يى يېقىندا ئاياغلاشقان مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىپ، جۈمە كۈنى بىرىدىن كېيىن يەنە بىرى نۇتۇق سۆزلىدى. روبىيو نۇتۇقتىن كېيىنكى سوئال-جاۋاب جەريانىدا سورالغان ترامپ بىلەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل ئاپرېلدىكى ئۇچرىشىشىدىن نېمىلەرنى كۈتۈشكە بولىدىغانلىقىغا ئائىت سۇئالغا بەرگەن جاۋابىدا ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا سۆزلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. ئۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئالدىنقى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، ئەگەر سۆزلىشىشتىن ۋاز كېچىلسە، بۇنىڭ گېئوپولىتىكىلىق مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىلەن خىتاي دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ۋە مەنپەئەتكە ئىگە ئىككى چوڭ دۆلەت. گەرچە بىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىمىز كۆپىنچە ھاللاردا بىر-بىرىگە قارىمۇقارشى كەلسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ دۇنيا ئالدىدا مەسئۇلىيىتىمىز بار. بىز مۇشۇ ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، مەيلى ئىقتىسادىي توقۇنۇش بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئەھۋاللار بولسۇن، بارلىق توقۇنۇشلاردىن ساقلىنىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.»
روبىيو يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «گەرچە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى زۆرۈر بولسىمۇ، لېكىن بىز تۈزگەن ھەرقانداق كېلىشىم مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قۇربان قىلماسلىق ئاساسىدا بولۇشى كېرەك. دىپلوماتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتى — مىللىي مەنپەئەتلەر توقۇنۇشقان نازۇك ۋەزىيەتلەردە توغرا يۆنىلىش تېپىپ، مەسىلىلەرنى ئىمكانقەدەر تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىشتىن ئىبارەتتۇر.»
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بار، چۈنكى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئۆزگىرىش دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بولىدۇ.» ئۇ يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئۇزاق مۇددەتلىك خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە سۈركىلىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بۇ مەسىلىلەرنىڭ پەقەت ئامېرىكىغىلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كەڭ بولغان غەرب ئەللىرىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دىدى: «بىز بۇ مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا ۋە زۆرۈر بولمىغان سۈركىلىشلەردىن ساقلىنىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.»
روبىيو يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا، ھەتتا پۈتكۈل غەرب ئەللىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك خىرىسلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇ خىرىسلار كۆرگىلى بولىدىغان كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىشىدۇ. بۇ مەسىلە يەنە ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىغا ئېھتىياجلىق بولغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.»
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
