ئۇيغۇر پوچتىسى
11-فېۋرال
بۇ يىللىق «دۇنيا شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغداش كۈنى» (2026-يىلى 28-يانۋار) مۇناسىۋىتى بىلەن، «سېنزورنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» (Index on Censorship) ئالاھىدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، قۇلۇپلانغان (encrypted) ئەپلەرنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشتى. سابىق مىنىستىر، پارلامېنت ئەزاسى لۇيىس خەيگ (Louise Haigh) نىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشتى.
ئەنگلىيە ئالاقە باشقۇرۇش ئىدارىسى (Ofcom) «تور بىخەتەرلىك قانۇنى»نى ئىجرا قىلىش دائىرىسىدە، قوش تەرەپلىك قۇلۇپلاش (end-to-end encryption) تېخنىكىسىنى بىر خىل «خەتەرلىك ئامىل» دەپ بېكىتتى. بۇ دېگەنلىك، قۇلۇپلاش تېخنىكىسىنى ئاساسلىق ئالاھىدىلىك قىلغان ئەپلەر ئۈچۈن بىر «ئارقا ئىشەك» (backdoor) يارىتىش بېسىمىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يېغىندا ئۇيغۇر پائالىيەتچى، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى رەھىمە مەھمۇت خانىم مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان:
مەن بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «تور بىخەتەرلىكى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىغىنىمدا، قەلبىمدە خاتىرجەملىك ئەمەس، بەلكى بىر ۋەھىمە ۋە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ھېس قىلىمەن.
مەن شۇنداق بىر جەمئىيەتتىن كەلگەن، ئۇ يەردە «بىخەتەرلىك» دېگەن سۆز دۇنيا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك رەقەملىك نازارەت سىستېمىسىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنى «بىخەتەرلىك» بىلەن تەمىنلەۋاتىمىز دەپ دەۋا قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىر ئۇچۇرىنى، ھەر بىر ئالاقىسىنى ۋە ھەر بىر رەقەملىك ئىزىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلدى. كىشىلەر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى توردا نېمىلەرنى ئىزدىگەنلىكى، نېمىلەرنى ھەمبەھرىلىگەنلىكى ياكى نېمىلەرنى دېگەنلىكى ئۈچۈنلا غايىب قىلىندى.
مېنىڭ «تور بىخەتەرلىك قانۇنى»دىن ئەندىشە قىلىشىمدىكى سەۋەب دەل ئەنە شۇ.
مەن ئەنگىلىيەدىكى بۇ قانۇننىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىمەن. بالىلارنى قوغداش ۋە زىيانكەشلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەلۋەتتە مۇھىم. ئەمما، پەقەت ياخشى نىيەتنىڭ بولۇشىلا يېتەرلىك ئەمەس. بىر كۈچ (ھوقۇق) قانۇنغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قانداق يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىغا قارىشىمىز كېرەك.
ھۆكۈمەتلەر تور سۇپىلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئېنىق ئېنىقلىما بېرىلمىگەن «زىيانلىق» مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندا، بۇنىڭ نەتىجىسى بىخەتەرلىك ئەمەس، بەلكى ئالدىن توسۇش خاراكتېرلىك سېنزوردۇر. تور سۇپىلىرى ئادالەتنى ئەمەس، ھەمىشە ئۆزىنى قوغداشنى (ئېھتىياتچانلىقنى) تاللايدۇ. ئۇلار ئاۋۋال ئاۋازنى بوغۇپ، سوئالنى ئاندىن سورايدۇ.
سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن رەقەملىك سۇپىلار بىر ئىمتىياز ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ھاياتلىق تايانچىمىز .بۇ سۇپىلار بىزنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەھشىلىكلەرنى پاش قىلىش، مۇخبىرلار بىلەن ئالاقىلىشىش، دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش يولىدىكى بىردىنبىر ۋاستىمىزدۇر.
مەزمۇنلار ئۆچۈرۈلگەندە، ھېساباتلار چەكلەنگەندە ۋە ئاۋازلار ئالگورىزىملار تەرىپىدىن جىمىقتۇرۇلغاندا، بۇنىڭ بەدىلى ئاددىيلا بىر تېخنىكىلىق مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي بەدەل بولىدۇ.
مەن بۇ يولنىڭ نەگە بېرىپ چىقىدىغانلىقىنى كۆردۈم. خىتايدا تور كونتروللۇقى پەقەت مەزمۇن تەھرىرلەش بىلەنلا توختاپ قالغىنى يوق، بەلكى ئۇ كەڭ كۆلەملىك نازارەتكە، كوللېكتىپ جازالاشقا ۋە قىرغىنچىلىققا ئېلىپ باردى.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى — ھەتتا ئويلىمىغان تەقدىردىمۇ — «بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئەركىنلىك ۋە مەخپىيەتلىك ئازىيىشى، دۆلەت كونتروللۇقى كۈچىيىشى كېرەك» دېگەن بۇ لوگىكىنى نورماللاشتۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك.
ھەقىقىي تور بىخەتەرلىكى نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىشتىن كەلمەيدۇ؛ بەلكى ھوقۇقنى قوغداش، ئوچۇق-ئاشكارىلىقنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەڭ ئاجىز ئاۋازلارنى جىمىقتۇرماستىن، ئۇلارنى قوغداش ئارقىلىق كېلىدۇ.
رەقەملىك مۇستەبىتلىكنىڭ ئاچچىق ئاقىۋەتلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر كىشى سۈپىتىدە، سىزلەرگە شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن: كەلگۈسىدىكى ھۆكۈمەتلەر سۇيىئىستېمال قىلالايدىغان بىر سىستېمىنى بەرپا قىلماڭلار. ساختا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈچۈن ئەركىنلىكنى قۇربان قىلماڭلار. چۈنكى، بىر قېتىم يوقىتىلغان ئاۋازنى قايتۇرۇپ كېلىش تولىمۇ مۈشكۈل.»
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
