ئۇيغۇر پوچتىسى، 3-فېۋرال
تايىر ئىمىن
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەر-ئۆزبېكىستان تاشكەنت خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە يولۇچى توشۇش باشلانغان.
قەشقەر ئاۋىياتسىيە-سودا ئاۋىياتسىيە مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى فېيشياڭ (FLYONE ASIA) ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بېرىش-كېلىش نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇچۇش پىلانلانغان.
قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ، تارىختا تۈركىي خەلقلەرنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان، مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاھالىسى ئۇيغۇردۇر. قەشقەر تارىختا قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان ۋە داڭلىق تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىنىڭ يۇرتىدۇر.قەشقەر تارىختا يەنە ئوتتۇرا ئاسيانىڭ ئىلىم-مەرىپەت ساھەسدىكى مۇھىملىقى بىلەن سانى بۇخارا، يەنى ئىككىنچى بۇخارا دەپمۇ ئاتالغان.
2025-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنى «خىتاي-ئۆزبېكىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى» رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كۈچكە ئىگە ئادەتتىكى پاسپورتى بار پۇقرالىرىنىڭ بىر قېتىمدا توختاش ۋاقتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىك، ھەر 180 كۈندە جەمئىي توختاش ۋاقتى 90 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكتەك ۋىزىسىز چېگرادىن كىرىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان.
نۆۋەتتىكى جۇغراپىيەلىك مۇھىتتا، قەشقەر ئاتالمىش «جۇڭگو شىنجاڭ» بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ھاۋا بوشلۇق تۈگۈنى بولۇپ، قەشقەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تاشكەنتتىكى ئۆزبېكلەر ئورتاق تىلدا — تۈركىي تىللارنىڭ قارلۇق شىۋىسىدە سۆزلەيدۇ ۋە راۋان ئالاقە قىلالايدۇ.
ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئالالماسلىق مەسىلىسى كىمنىڭ بۇ لىنىيەدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ھەققىدە سوئال پەيدا قىلماقتا. «ئۇيغۇر تايمىز»نىڭ ئۆتكەن ئايدا ئىلان قىلغان «بىر ئۇيغۇر ئايال خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پاسپورت چەكلىمىسىنى پاش قىلدى»ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يەنىلا ئىنتايىن قاتتىق پاسپورت چەكلىمىسىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشى ئۈچۈن نۇرغۇن مۈشكۈل شەرتلەر قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «ئائىلىسىدىن ھېچقانداق كىشى سىياسىي سەۋەبتىن تۈرمىگە كىرمىگەن بولۇشى» دېگەن شەرت ئەڭ ئاساسلىق توسالغۇلارنىڭ بىرىدۇر.
بۇ خىل ۋەزىيەتتە، قەشقەردىن تاشكەنتكە ئۇچىدىغان بۇ لىنىيە ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاساسلىق جەھەتتىن ئۆزبېك سودىگەرلىرىنى جەلپ قىلىش ھەمدە ئۆزبېكىستان بىلەن سودا مۇناسىۋىتى بار خىتاي نەسلىدىن بولغان سودىگەرلەرگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئېچىلغانلىقى مەلۇم.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى قوللىماسلىقى ھەمدە چەكلىشى ئۈچۈن، بۇ دۆلەتلەرنى ئەزا قىلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»نى قۇرغان ۋە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش»نى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قانۇنىي رامكىسىغا كىرگۈزگەن.
يېقىنقى يىللاردا خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆز مەنپەئەتىگە باغلاش ئۈچۈن، «ئوتتۇرا ئاسىيا بەش دۆلىتى ۋە خىتاي» مۇناسىۋەت رامكىسىنى ئىمزالاپ؛ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتاي تاراتقۇ مۇنبىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتاي سودا مۇنبىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتاي قانۇن مۇنبىرى قاتارلىق ھەمكارلىق سەھنىلىرىنى قۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى تەسىر دائىرىسىگە ئېلىش پىلانى بويىچە ھەرىكەت قىلماقتا.
مۇھەرىرى: ئابدۇۋەلى ئايۇپ
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر پوچتىسغا مەنسۇپ، كۆچۈرۈپ ئىلان قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت سوراڭ، ماقالە مەنبەسنى ئەسكەرتىڭ.
ئۇيغۇر پوچتىسى دىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بايقاڭ
يېڭى يازمىلاردىن ئېلخەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن مۇشتەرى بولۇڭ
