ھەبىبۇللا ئىزچى
ھەر يىلى 12-نويابىر ۋە بۇنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كۈنلەردە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەمدە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا 1933- ۋە 1944-يىللىرى 12-نويابىر قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى ھەر خىل شەكىلدە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
مۇھاجىرەت خەلقىمىزنىڭ تارىخمىزدىكى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلىشى تارىخىمىزغا بولغان ھۆرمەت ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا بولغان ئۈمىدىنىڭ، خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ۋە مۇستەملىكىچىلىكىگە مەڭگۈ تىز پۈكمەيدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى قازاقىستاندىمۇ ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورۇلۇش كۈنى خاتىرىلىنىپ، قەھرىمان ئەجداتلارنىڭ روھىغا دۇئا – تىلاۋەت قىلىنغان. بۇ پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ۋەتەن ئۈچۈن جان بېرىپ شەھىد بولغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روھلىرىغا ئاتاپ قۇرئان كەرىم ئوقۇلغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ يىگىت بېشى رەخىمجان مانسۇروۋ سۆز قىلىپ، بارلىق ۋەكىل ۋە مېھمانلارنى شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى بىلەن تەبرىكلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئازات بولۇش كۈنلىرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى ۋە بۇ كۈنلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگىمۇ نېسىپ بولىدىغانلىقىنى ئېيىتپ ئۆتكەن.
پېشقەدەم ئىنقىلاپچى، سىياسەتشۇناس ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى قەھرىمان غوجامبەردى تارىخمىزدا قۇرۇلغان شەرقىي تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخى ھەمدە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بۈگۈنكى خەلقارا سىياسەت مەيدانىدىكى ئورنى توغرىسىدە تەپسىلىي توختىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر داۋاسىدا يەنە قانداق ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە سۆز قىلغان.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
