ئۇيغۇر پوچتىسى، 27-دېكابىر
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
ئۇيغۇر تىلى تەشەببۇسچىسى قۇددۇس ھاپىز 2025-يىلى 27-دېكابىر ئىستانبۇلدا 74 يېشىدا ۋاپات بولدى.
قۇددۇس ھاپىز 1951-يىلى كەلپىندە مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئېلىپ كەلگەن بۇزغۇنچىلىق تەسىرىدە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان. قىسقا بىر مەزگىل ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدە مۇزىكانت ۋە ئىجادىيەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1973-يىلدىن 1978-يىلغىچە ناھىيەلىك سۇ-ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا توكچى، 1978-يىلىدىن 1981-يىلغىچە ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا رەسسام ۋە خەتتات بولۇپ ئىشلىگەن. 1981-يىلدىن 1996-يىلىغىچە ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدە تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن.
ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى تەرىپىدىن 2013-يىلى ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتتە، قۇددۇس ھاپىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالەمشۇمۇل تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش، دۇنيا تىلى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان 1800 بەتلىك «قايسى تىل دۇنيا تىلى بولالايدۇ؟» ناملىق كىتابنى تەييارلاۋاتقانلىقى تونۇشتۇرۇلغان.
قۇددۇس ھاپىز ۋەتەندىكى چاغدا، ئۇيغۇر تىلىنى كۈچلەندۈرۈش ھەققىدە ماقالىلەر يازغان ۋە ئۇيغۇر تىلىغا بولغان مۇھەببىتى ۋە ھېسسىياتىنى كۈچلۈك ئىپادە قىلغان. ئۇ: «ئۇيغۇر تىلى ئىنگلىز تىلىدىنمۇ پاساھەتلىك ۋە قوللىنىشچان تىل. شۇڭا ئۇيغۇر تىلى خەلقئارا تىل بولۇشى كېرەك. مەن چەتئەلگە چىقىپ مۇشۇ مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويىمەن» دېگەندەك پىكىرلىرى بىلەن خەلقئارادا تونۇلۇش ۋە ئېتىراپ قىلىنىش ئارزۇسىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئالقىشلانغان ئىدى.
گەرچە قۇددۇس ھاپىز كەسپىي تىلشۇناسلىق بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلمىغان ياكى ئاكادېمىك سەۋىيەدىكى ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئانا تىل سەپەرۋەرلىكى تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش ھەققىدە ھەرىكەت قىلىشىغا تۈرتكە بولغان.
مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرى رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان ھېسسىياتى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۆز ئانا تىلىنى قەدىرلەش روھىنى سىڭدۈرۈشتە تەشۋىقات رولىنى ئوينىغان.
قۇددۇس ھاپىز ئۇزۇندىن بېرى تۈركىيەدە ياشاپ، ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ياخشى ئالاقە ساقلىغان، مۇراسىملار ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلگەن. كېيىنكى كۈنلەردە باشقا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئىقتىسادىي جەھەتتە جاپا تارتقان.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
