ئۇيغۇر پوچتىسى، 8-دېكابىر
ئامىنە سەدەف
9- نويابىر «قاماقتىكى روھلار: خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ شېئىرلىرى» ناملىق كىتاب ئەنگىليەدىكى Hertforshire نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. بۇ شېئىرلار توپلىمى 2017- يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، تۈرمىگە قامىلىپ جازا ئۆتەۋاتقان ياكى ئىز-دېرىكى بولمىغان 25 نەپەر ئۇيغۇر شائىرنىڭ شېئىرلىرى ۋە تەرجىمىھالىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 21 نەپىرى ئەر شائىرلار، تۆت نەپىرى ئايال شائىرلاردۇر.
بۇ توپلامنىڭ تۈزگۈچىسى ۋە تەرجىمانى، ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق شائىر ئەزىز ئىيسا ئەلكۈن ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىجتىمائي تاراتقۇ ھېسابىدا مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق بىر مەدەنىي جەمئىيەت ئۆز دۆلىتىدە شائىرلارنى شېئر يازغىنى ئۈچۈن جازالىمايدۇ، ئەمما خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان)نى ئۆزىنىڭ ئەبەدىي مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە، ئۆزىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ بارلىق قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە بارلىق مىللىي مەۋجۇتلىقلىرىنى يوق قىلىپ، تۈرلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزىۋاتقان بۇ جىنايەتلەرنىڭ قۇربانى بولىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىي ۋە مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي تۈرمىللىرىدە ئازاپ چېكىۋاتىدۇ. ئاتالمىش ختاي پۇقراسى بولغان بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ سوغوق زىندانلىرىدىن دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. بۇ كىتاپ ئاشۇ ئاۋازى بوغۇلغان، ئەركىنلىكى قولىدىن ئېلىنغان شائىرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلاتقۇسى.»
بۇ توپلامغا ئابلەت ئابدۇرەشىت بەرقي، گۈلنىسا ئىمىن گۈلخان، نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۆركىشى، پەرھات تۇرسۇن، قۇربان مامۇت، ئابدۇرەھىم ئابدۇللا، ئادىل تۇنياز، ئابدۇقادىر جالالىدىن، زۆھرە نىياز سايرامى ، قاسىم سىدىق، ۋاھىتجان ئوسمان، رەھىم ياسىن قاينامى، ئابلىز ئوسمان، سىراجىدىن رەھمان، رۇقىيە ئابدۇللا، ئەزىز راھمان، مۇختەر سۈپۈرگى، شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ، ئەخمەت كىبىر، مەتسەيدى مەتقاسىم، قاسىمجان ئوسمان غازى، ئەيساجان تۇردى ئاچچىق، ئابدۇرەشىت ئەلى، تۇرسۇناي سۇلتان قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى مەخمۇتجان ياسىن مەزكۇر كىتاپنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى تەبرىكلىدى ۋە بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئىنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلىنىشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن تولىمۇ خۇشاللىنارلىق بىر خىزمەت. ئۇيغۇرلار قىزىل خىتاي ھاكىميىتىنىڭ تاپىنى ئاستىدىكى بۇ 75 يىلدا، ئۇيغۇر يازغۇچى- شائىرلىرى ئىزچىل ھالدا ئىجادىيەت ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىندى. نۇرغۇنلىغان يازغۇچى شائىرلىرىمىز شېھىت قىلىندى ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان يازغۇچى- شائىرلىرىمىز تۈرمىلەرگە قامالدى ھەمدە ھاياتىنى ئەمگەك بىلەن تەربىيلەش مەركەزلىرىدە ئۆتكۈزدى. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەن ئازغىنە ئەسەرلىرى ئىنتايىن قاتتىق بولغان ئىلغايدىغان، شاللايدىغان نازارەت سىستېمىسى ۋە قاتمۇقات سۈزگۈچلەردىن ئۆتۈپ نەشىر قىلىنىش پۈرسىتىگە ئىگە بولدى. مۇشۇنداق قىيىن شارائىتلاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ساقلاپ قېلىۋاتقان يازغۇچى-شائىرلارنىڭ خېلى كۆپى بۈگۈنكى كۈندە كوللېكتىپ ھالدا تۈرمە ۋە جازا لاگىرلىرىدا ئازاپ چەكمەكتە. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تۇرغۇنلۇق ھالىتىگە كىرگەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا مەھبۇس شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئىنگىلىز تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ دۇنياغا سۇنۇلىشى، بىرىنجىدىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا ۋاستىلىق رول ئوينايدۇ؛ ئىككىنجىدىن، ئىنگىلىز تىللىق دۇنياغا ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە سۇئال قويىدۇ؛ ئۈچىنجىدىن، بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر نەشىر قىلىنمايۋاتقان ۋە نەشىرياتچىلىق پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان بىر ۋاقىتتا، چەتئەلدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقان ۋە خىزمەت قىلۋاتقانلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۇقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.»
بۇ كىتابقا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ 2018- يىلىدىكى چوڭ تۇتقاندا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھازىر ياپۇنىيەدە تۇرىۋاتقان پەرزەنتلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى. ئۇنىڭ تۈرمىدە يازغان «يانارىم يوق» دېگەن شېئىرى چەتئەلدە تارقالغاندىن كېيىن كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرچە ناخشا قىلىپ ئوقۇلغان.
بۇ ئاپتورلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان شائىرە گۈلنىسا ئىمىن گۈلخان ئۆزىنىڭ «مىڭ بىركېچە» ناملىق يۈرۈشلۈك شېئىرلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سەھىپىسىدە قەرەللىك ئېلان قىلۋاتقان بولۇپ، 2018- يىلى بۇ شېرنىڭ 345- كېچىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.
Discover more from ئۇيغۇر پوچتىسى
Subscribe to get the latest posts sent to your email.
