پەرھاتكامغا قانداق ئابىدە تىكلەيمىز

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئىنقىلاپچى ئاكا دوستىمىز، سەبدىشىمىز پەرھات مۇھەممەدىدىن ئايرىلىپ قالدۇق. پەرھاتكامنىڭ ۋەتەن دەپ كۆيگەن يۈرىكى، ئەقىدەسى يولىمىزنى، قەلبىمىزنى يورۇتقاي، ئاللاھ ئۇنىڭ روھىنى ئەمىن قىلغاي، ئايالى ۋە پەرزەنتىگە سەبىر، چىدام ئاتا قىلغاي.

پەرھات مۇھەممىدى ئەسلى يازغۇچى ئىدى. كىچىكىمدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئىدىم، شۇلار ئېسىمدە قالغاچقا، 2015-يىلى مۇھاجىرەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئىزدەپ كۆرۈشتۈم تېلىفوندا. كېيىنچە ئۇچراشتۇق يۈز تۇرانە، ئەمما قانچە رەت كۆرۈشسەم شۇنچە رەت ئەدەبىياتقا قايتىپ كېلىشكە، تېتىملىق ھېكايەلەرنى قايتا يېزىشقا كۆپ قېتىم ئۈندىگەن ئىدىم. ئۇنىڭ ۋاقتى چىقمىدى، ئىمكانى يار بەرمەي يازالمىدى بولغاي.

ئېسىمدە پەرھات مۇھەممىدى دېگەن ئىسىمنىڭ چىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا ئۇيغۇر ئۇنۋېرىستىتى ئوقۇغۇچىلىرى نەشىر قىلدۇرغان كوللىكتىپ توپلام «ئويغاق ئەۋلات» سەۋەپ بولغان. پەرھات مۇھەممەدىنى يازغۇچى دەپ تونىغان ۋاقتىم مەزكۇر كىتاپقا چىققان تەسىرلىك بىر ھېكايەسىدىن باشلىنىدۇ. بەلكىم ئۇ سەكسەنىنچى يىللارنىڭ ئاخىرى بولسا كېرەك. كېيىن «تەڭرىتاغ» قاتارلىق ئەدەبى ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ھېكايە ۋە پوۋستلىرىنى ئوقۇپ تۇردۇم.

1997-يىللاردا ئۇ باش بولۇپ چىقارغان «ئۇچقۇن» «شەرقى تۈركىستان ياشلىرى» دېگەن نەشىر ئەپكارلىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. يوشۇرۇنچە ساقلاپ، كۆچۈرۈپ ئوقۇپ يۈردۇق. (ئەلۋەتتە ئۇ چاغلاردا پەرھات يۇرۇڭقاشنىڭ بۇلارنى نەشىر قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتۇق).

1998-يىلدىن كېيىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى يوشۇرۇن ئاڭلايدىغان بولغاندا ئۇنىڭ ئوبزورلىرىنى ئاڭلىدۇق. پىكىرلەر، تەھلىللەر مېنى قايىل قىلدى. بولۇپمۇ بىر ئوبزۇرىدا ئۇنىڭ ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ھەققىدە ئېيتقانلىرى بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىدى.

پەرھات يۇرۇڭقاش ئاكىمىز ئارىمىزدىن كەتتى! بىزنى ۋەتەنسىز، يىلتىزسىز، شاكراپتەك مۇساپىرلىققا يالغۇز تاشلاپ كەتتى. ئۆزى سۆيگەن ۋەتەننى كۆرەلمەي، تۇپراقلارنى سۆيەلمەي كەتتى. مەرھۇم پەرھات يۇرۇڭقاشنى قانداق ئەسلەيمىز؟ ئۇنىڭ روھىنى قانداق ياشىتىمىز؟ قانداق خاتىرلەش ھەققىدە گەپ بولغاندا بىرەيلەن، «ۋەتەن ئازات بولغاندا ئابىدە تىكلەيمىز» دەپتۇ. بۇ بەك توغرا سۆز، ئىزگۈ نىيەت، ئۇلۇغ ئارمان.

مەنچە پەرھاتكامنى خاتىرلەشنىڭ قىلغىلى بولىدىغان، ھازىر ئىمكانىمىز بولغان بىرىنچى قەدىمى ئۇنىڭ ۋەتەندە ئېلان قىلىنغا ھېكايە، پوۋېستلارىنى توپلاپ بىر توپلام قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇش.

ئۇنىڭ مۇھاجىرەتكە چىققاندىن كېيىن تەشكىلاتچىلىق، ئاخباراتچىلىق قىلىش جەريانىدا يازغان ئوبزۇرلىرى، سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى ۋە بېغىشلىمالارنى توپلاپ يەنە بىر كىتاپ قىلىش. ئەگەر ھاياتى ھەققىدە بىر ئەسلىمە يازغان بولسا ، ياكى دوستلارنىڭ پەرھاتكام ھەققىدە يازغان ئەسلىمەلىرى بولسا ئۇنى ئۈچىنچى توپلام قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇش.

يىغلاپ قاقشاپ ھاياتىمىزنى داۋام قىلىمىز، بۇ قايغۇلۇق كۈنلەرمۇ ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ياشلارمۇ تۆكۈلۈپ قۇرۇپ كېتىدۇ، ئېچىنىشلارمۇ توزۇپ كېتىدۇ، پاراڭلارمۇ ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. بىز پەرھات يۇرۇڭقاشقا ۋەتەندە ئابىدە تىكلەيمىز دېگەن ئارزۇيىمىزدا سەمىمى بولساق ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەسەلىرىدىن ئۇنىڭ بىر مەنىۋىي ئابىدەسىنى تىكلەپ باقايلى. بۇنى ۋەتەننى ئالماي تۇرۇپمۇ قىلغىلى بولىدۇ.

ماتەملىك بولدۇق، ئەمما پەرھاتكامنىڭ ئۆلۈمى نەزىر، مۇراسىملاردا تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن كۇپايەلەنمەسلىكى كېرەك. قىلىنغان نەزىرىلەر يىيىلىپ تۈگەيدۇ، سۆزلەنگەن تەزىيە نۇتۇقلىرى ئاڭلىنىپ ئۇنتۇلىدۇ. تىكلەنگەن قەبرە تاشلىرىنىمۇ توپا باسىدۇ،،غېرىپلىشدۇ، ئەمما مەرھۇمدىن قالغان ئەسەرلەر كىتاپلاشتۇرۇلسا ئەۋلاتلارغا ئامانەت بولۇپ مەڭگۈ قالىدۇ، تارىخقا يېزىلىدۇ.

ئەگەر يۇقارقى تەكلىبىم قوبۇل كۆرۈلسە، ماڭا مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈپ، ئەسەرلەرنى يوللاپ بېرىدىغانلار چىقسا، پەرھاتكامنى خاتىرلەپ نەشىر قىلىنىدىغان كىتاپلارغا مەن مەسئۇل بولۇشنى مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلىمەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز